ئالاقىلىشىڭ

ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەخپى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ كۈلتۈرى، مەدەنىيىتى، تىلى، تارىخى، مىللىي قىممەت قاراشلىرى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي ۋە سىياسى داۋاسى يولىدا قىلىشقا تىگىشلىك ھەر تۈرلۈك، ئىلمىي، ئاكادىمىي خىزمەتلىرىگە ھەسسە قوشۇش، ۋەتەن ئىچىدىكى ۋە دۇنيانىڭ تەرەپ - تەرەپلىرىگە تاراپ كەتكەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھالى ئەھۋالى ۋە دۇچ كېلىۋاتقان قېيىنچىلىقلىرى ھەققىدە ئىلمىي چوڭقۇرلۇقتا تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىش ۋە باشقىلارنى ئاشۇ خىزمەتلەرگە ئۈندەش، تەشكىللەش ھەققىدە ئېزدىنىش ئۈچۈن قۇرۇلغان ئىلمىي جەمئىيەتدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ جەمئىيەت 2018 – يىلىنىڭ بېشىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيتى كۈچۈكچەكمەجە 2.ئەسلىيە ھۇقۇق مەھكىمىسىنىڭ 41986-نۇمۇرلۇق قارارى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى كۈلتۈر ۋە ساياھەت مېنىستىرلىكىگە تەۋە ۋەخىپلەر باشقارمىسنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇر تەتقىقات تور بىكىتىمۇ ئاشۇ ۋەخىپنىڭ ئىلمىي خىزمەت مۇنبەرلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.