ئىلى دولقۇنلىرى (1) تارىخىي رومان
2000
«قېرىنداشلار! گومىنداڭنىڭ شەپقەتسىز زۇلىمى چىدىغۇسىز دەرىجىگە يەتتى، بېشىمىزنى كۆتۈرۈپ زۇراۋانلىققا قارشى تۇرىدىغان ۋاقىت كەلدى! باشنى كۆتۈرۈش- قوزغىلىش دېمەكتۇر. قولغا قورال ئېلىپ كۈرەش قىلماي ئازاتلىققا چىققىلى بولمايدۇ. دۈشمەندىن قورقماسلىقىمىز كېرەك. ئاتا-بوۋىلىرىمىز ۋە ئەجداتلىرىمىزنىڭ قەھرىمانلىقىنى ۋە ئەركىنلىكىنى سۆيۈش روھى بىزنى ئىلھاملاندۇرماقتا...»