ئەنجانباي (تارىخىي رومان)

نەشىرىيات : شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
تۈرى : رومانلار
يازغۇچى :
بەت سانى : 587
سىرتى : قاتتىق مۇقاۋا
Tags : تارىخ
تىلى : ئۇيغۇرچە
كۆرۈلىشى: 146

ئۇنىڭ ئىسمى ئەنجانباي. تەكتى قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىنىڭ ئوپال يېزىسىدىن. ئۇ ئانىسىنىڭ قورسىقىغا تۆرىلىپلا چېكىدىن ئاشقان زۇلۇمنىڭ دەھشەتلىك ئازابىغا دۇچار بولۇپ ئۆز يۇرتىدىن قوغلانغان. مۇساپىرچىلىق، مۇھتاجلىق، غېرىبلىق ئازابىدا سەرسان بولۇپ يۈرۈپ، ئەنجاندا بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقان. شۇڭا، ئاتا – ئانىسى خار-زارلىقتا ئۆتكەن قاباھەتلىك يىللاردا ئۆزلىرىگە باشپاناھ بولغان، مۇساپىرلار توپلاشقان ئاشۇ ئۇلۇغ شەھەرنىڭ نامىدا ئۇنىڭغا «ئەنجانباي» دەپ ئىسىم قويغان. كېيىن خۇددى ئۇ ئۆزى دېگەندەكلا، ئۇ بۇ دۇنياغا كېلىپ كۆزىنى ئىچىپىلا، بۇ دۇنيانىڭ بايلارنىڭ جەننىتى يوقسۇل – كەمبەغەللەرنىڭ دوزىخى ئىكەنلىكىنى كۆرگەن...