ھايات شۇنداق
2003
ھايات شۇنداق. ئۇنىڭدا ياشاۋاتقان ھەرقانداق ئادەم- مەيلى ئۇ شاھ ياكى گاداي بولسۇن، مەيلى ئوڭ ياكى ساراڭ بولسۇن، مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن ئۆزىگە خاس نام ۋە ئىز قالدۇرىدۇ. ھاياتتا ئۆتمۈش بىلەن ھازىر، گۈزەللىك بىلەن رەزىللىك، يۇرۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇق، بايلىق بىلەن گادايلىق، پھكلىق بىلەن چىرىكلىك، سەمىمىلىك بىلەن ساختىلىق، مۇھەببەت بىلەن نەپرەت بىر-بىرىگە كەسكىن سېلىشتۇرۇلغان ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. مانا شۇلارنىڭ يىغىندىسى ھاياتنىڭ ھەقىقىتى بولىدۇ! - خاتىرە دەپتىرىمدىن