سۇنغان قىلىچ (تارىخىي رومان)

نەشىرىيات : شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى
تۈرى : رومانلار
يازغۇچى :
بەت سانى : 562
سىرتى : قاتتىق مۇقاۋا
Tags : تارىخ
تىلى : ئۇيغۇرچە
كۆرۈلىشى: 149
گېنېرال چېرنىيايىف تاقىر دۆڭلۈكتە بىر كۆزلۈك دۇربۇنى بىلەن ئەتراپنى كۆزىتىپ تۇراتتى. بۇ يەردىن ئۇنىڭغا بىپايان دالالاردا ئەمەس، يىراقتا غەپلەت بېسىپ ياتقان ناتونۇش تاشكەنت شەھىرىنىڭ سېپىللىرى، دەل-دەرەخلىك قىشلاقلىرى، ساي بويلىرىدىكى شىلدىرلاپ تۇرغان قومۇشلۇقلار ۋە سەلدەك باستۇرۇپ كېلىۋاتقان سان–ساناقسىز ئەسكەرلەر ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى. سەپ تارتىپ كېلىۋاتقان ئاتلىقلارنىڭ كەينىدىن ئوزونغا سوزۇلغان پىيادىلەر كېلىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ ئاياغ ئاستىدىن كۆتۈرۈلگەن چاڭ–توزانلار ئاسمان–پەلەككە ئۆرلەپ، يەنە قايتىدىن مايسىلار، يېشىل يانتاقلارنىڭ ئۈستىگە قوناتتى. يىراقتا ئاتلار كىشنەيتتى