تارىم قوۋۇقى چېكىلگەندە
2002
قەشقەر تارىمنىڭ يۈرىكى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى بولۇش سۈپىتى بىلەن تارىمنىڭ غرىبلىقى، بېكىكلىكىدىن مۇستەسنا بولالمىدى. سەيياھلار كارۋانلىرى قەدىمىنىڭ يېتىشى بىلەن تارىختىكى سەلتەنىتىنى يوقاتقان، ئۇنتۇلغان «قەدىمىي ماكان» – قەدىمىي ماكان قەشقەرنى كىشىلەر قايتىدىن ئەسكە ئېلىشتى. ئاز بولمىغان سەيياھلار، تەۋەككۈلچىلەر، دىن تارقاتقۇچىلار، جاھانكەزدىلەر ۋە ھۆكۈمەت ئەلچىلىرى ئارقا – ئاقىدىن بۇ مۇقەددەس زېمىنغا قەدەم باستى. قەشقەر بەزىدە تەۋەككۈلچىلەرنىڭ تەلەي سىناش مەيدانى بولسا، بەزىدە «ئەجنەبىيلەرنىڭ شەرقتىكى جەننىتى» بولدى، يەنە بەزىدە رەقىبلەرنىڭ تىركىشىش سورۇنىغا ئايلاندى. ھەر خىل كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە ئوخشاش بولمىغان ئەھمىيەتكە ئىگە بولدى. چەت ئەللىك سەيياھلار بۇ دىيارنى تەكشۈردى، تەتقىق قىلدى، شۇنداقلا قەشقەر ھەققىدە مۇھىم بولغان خاتىرىلەرنى يېزىپ قالدۇردى. سەيياھلارنىڭ قەشقەرگە كېلىشى ئەڭ دەسلەپتە ئىتالىيىلىك ساياھەتچى ماركوپولودىن باشلانغان بولسا، چوقان ۋەلىخانوف، كوروپاتكىن، روبىرت شاۋ، سۋېن ھېدىن، ماكارتىنىي، گۇننار يارىڭ، نوشېرۋان يائوشېف… قاتارلىقلارمۇ ئۆز مۇددى.اسى بويىچە قەشقەر سەپىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، قەشقەر تارىخى، سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ئەھۋالى ۋە ئاۋامنىڭ تۇرمۇشى … قاتارلىق جەھەتلەردىن خېلى ئەترااپلىق تونۇش – تەسىراتقا ئىگە بولغانىدى