ئىسلامدا ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئۇقۇمى ھەققىدە

ئىسلامدا ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئۇقۇمى ھەققىدە

ھەبىبۇللاھ مەتقۇربان

ھەر ئىنسان يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقان تۇنجى ۋاقىتتىن باشلاپلا بىر قاتار ھەقلەرگە ساھىب ھالدا دۇنياغا كېلىدىغان بولۇپ، مەزكۇر ھەقلەرگە باشقا ھەرقانداق بىرىنىڭ چېقىلىش ھەققى بولمايدۇ. جۈملىدىن، ئېتىقاد ئەركىنلىكىمۇ ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئاساسىي ھەم تۇنجى ھەق - ھوقۇقلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئىنساننىڭ بۇ ھوقۇقى تارتىۋېلىنسا، ھەممىدىن ئاۋۋال ئىنسانىيلىقى تارتىۋېلىنغان بولىدۇ. چۈنكى، ئىنسان بۇ دۇنيادا ماددىي ياكى مەنىۋى مەلۇم نەرسىگە ئېتىقاد قىلىپ ۋە شۇ ئېتىقادقا باغلىنىپ، بارلىقىنى ئاتاپ، شۇ ئەقىدىسى ئۈچۈن تەر تۆكۈپ كۈرەش قىلىپ، گېزى كەلگەندە جېنى ۋە قېنى بىلەن بەدەل تۆلەپ ياشايدۇ. شۇنىڭدەك، ئىنسانلار ئۆز نۆۋىتىدە ئۆزلىرى توغرا دەپ قارىغان ياكى ئېتىقاد قىلغان نەرسىگە باشقىلارنىمۇ چاقىرىدۇ. ھەتتا بەزىلەر ھەرخىل قاتتىق ۋە مەجبۇرىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق باشقىلارنى ئۆزى ئېتىقاد قىلغان نەرسىگە ئېتىقاد قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ. مەسىلەن، ئىسلامدىن ئىلگىرىكى بارلىق دىنلار ئىچىدە ئەڭ ئاخىرقى ھەمدە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئەگەشكۈچىسى ئەڭ كۆپ بولغان ۋە بۇ نۇقتىدىن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دىن دەپ قارىلىدىغان خىرىستىيانلىققا قارايدىغان بولساق، قەدىمكى رىم دۆلەتلىرى كونىستانتىنپول ئىمپېراتورى خىرىستىيان بولغانلىقى ئۈچۈنلا پۈتۈن پۇقرالىرىنى خىرىستىيان دىنىغا كىرىشكە مەجبۇرلاپ، قىزىتىلغان تۆمۈرلەرنى يېقىش، ئوتتا كۆيدۈرۈش دېگەندەك تۈرلۈك ۋەھشىيانە ئۇسۇللارنى قوللىناتتى. خىرىستىيان دىنىدا چوڭ جەھەتتىن كاتولىك، ئورتودكس ۋە پىروتېستان قاتارلىق بىرقانچە مەزھەپ بار بولۇپ، ئادەتتە ھۆكۈمران سىنىپ پەقەت خىرىستىيان دىنىغا كىرمىگەنلەرنى خىرسىتىيانلىققا مەجبۇرلاش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، دۆلەت مەزكۇر مەزھەپلەردىن قايسىسىغا تەۋە بولسا، خىرىستىيان پۇقرالىرىنىمۇ شۇ مەزھەپكە كىرىشكە مەجبۇرلارش ئۈچۈنمۇ يۇقىرىقىدەك قىيىن - قىستاق ۋاسىتىلىرىنى قوللىناتتى. ئىسلام دىنى مەيدانغا كېلىپ، ئىنسانلارنىڭ «ئېتىقاد ئەركىنلىكى»دىن ئىبارەت ئىنتايىن مۇھىم بىر پىرىنسىپنى ئوتتۇرىغا قويدى[1]. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئىسلامدا ئىنسانلار پەقەت ئېتىقاد ئەركىنلىكىگىلا ئەمەس، ئۇنىڭدىن باشقىمۇ نۇرغۇن ماددىي ۋە مەنىۋى ھەق - ھوقۇقلارغا ۋە ھەر خىل ئەركىنلىكلەرگە ئىگە بولدى. ئىلگىرى كۈچلۈكلەر تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغان ھەق - ھوقۇقلىرى قايتۇرۇپ ئېلىندى، ئاياغ ئاستى قىلىنغان ھەقلىرى ھىمايە قىلىندى. قىسقىسى، ئىسلام ئىنسانىيەت دۇنياسىغا ئالەمشۇمۇل ئاسايىشلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. تۇنجى دەۋردىن باشلاپ تا بۈگۈنگىچە سوزۇلغان ئىسلام تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، مۇسۇلمانلار شۇنچىۋالا قۇدرەت تاپقان زامانلاردىمۇ فەتھى قىلغان جايلاردىكى غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادىغا، دىنىي مۇراسىم ۋە ئىبادەتلىرىگە ئارىلىشىۋالمىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.

ئەمما، بۇ «ئېتىقاد ئەركىنلىكى» مەسىلىسى نۇرغۇن كىشىلەر تەرىپىدىن توغرا چۈشىنىلمەي كەلدى. بولۇپمۇ بۈگۈنكى كۈندە تەرەپ - تەرەپتە «دېموكراتىيە، ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق، ئەر - ئاياللار باراۋەرلىكى» دېگەندەك چوقانلار كۆتۈرۈلۈپ، ئەركىن دۇنيادىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق بىر تالاي ئاتالمىش «ئەركىنلىك» پىكىرلىرىنىڭ يامرىشىغا ئەگىشىپ «ئېتىقاد ئەركىنلىكى» مەسىلىسى بىز ئۇيغۇرلار ئىچىدىمۇ ئەڭ كۆپ دەتالاش قىلىنىدىغان تېمىلاردىن بىرىگە ئايلاندى. ئەمما، بۇ ئۇقۇم كۆپىنچە توغرا چۈشىنىلمەي، جايىغا ئىشلىتىلمىدى، نۇرغۇن كىشىلەر تەرىپىدىن ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز ھالدا سۇيىئىستېمال قىلىندى. شۇنداقلا مۇشۇ تىپتىكى بۇزۇق پىكىرلەر ئاستا - ئاستا مۇسۇلمان پەرزەنتلىرى بولمىش ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ئېڭىغىمۇ سەلبىي تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلاردا «دىن، ئېتىقاد ئەركىنلىكى» دېگەندەك ئۇقۇملاردا خاتا چۈشەنچىلەر پەيدا قىلدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئۆزلىرىنى «مەن مۇسۇلمان، مۇسۇلماننىڭ ئەۋلادىمەن» دەيدىغان بىر قىسىم مۇسۇلمان پەرزەنتلىرى ئاتا - ئانىلىرى ناماز ئوقۇش، قۇرئان ئوقۇش، كىيىم - كېچەكلىرىنى ئىسلامىي ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كىيىش، مۇسۇلمانچە ياشاش دېگەندەك تېمىلار ھەققىدە سۆز ئاچسىلا، ئاتالمىش «ئەركىنلىك» شوئارىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۆزىنى «مۇسۇلمان» دەپ تۇرۇپ پۈتۈن كائىناتنى ياراتقۇچى ۋە ئۆزىنى يوقلۇقتىن بار قىلغۇچى زات ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغاننىڭ ئۈستىگە، ئۆزىنىڭ بۇ يورۇق دۇنياغا كۆز ئېچىپ، شۇنچىلىك ئادەم بولۇشىنىڭ سەۋەبكارى، بۇ دۇنيادا ئەڭ ھۆرمەت قىلىنىشقا تېگىشلىك قەدىردان ئىنسانلار بولغان ئاتا - ئانىسىنىڭ يوللۇق تەربىيەلىرىگىمۇ قارشى چىقىدىغان، ئۇلارنى نارازى قىلىدىغان ۋە قاقشىتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈشكە باشلىدى.

جۈملىدىن، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى بولۇپمۇ چەتئەللەردىكى مۇھاجىرەت ھاياتىدا «نېمە قىلساڭ ئىختىيارىڭ» دەيدىغان، چەكلىمىسىز ئەركىنلىكنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىدىغان لىبېرالىزم ئىدىئولوگىيەسى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، خۇددى «مانتا قارىسى كۆرمىگەن قەلەندەر قاسقانغا دۈم چۈشۈپتۇ» دېگەندەك، ۋەتەندە دېكتاتور تۈزۈم ئاستىدا ياشاپ، ئەركىنلىكنىڭ ھەقىقىي تەمىنى تېتىيالمىغان بىر قىسىم ياشلىرىمىز غەربنىڭ ئاتالمىش «ئەركىنلىك» پاتقىقىغا ھەدەپ ئۆزىنى ئېتىشقا باشلىدى. نەتىجىدە، ياش - ئۆسمۈرلىرىمىز ئىچىدە بەزى بالىلارنى ئاتا - ئانىلىرى ناماز ئۆتەشكە ياكى قۇرئان ئوقۇشقا بۇيرۇسا: «دىندا زورلاش يوق دەپ تۇرسا، ئادەمنى ناماز ئوقۇڭ، قۇرئان ئوقۇڭلا دەيدىكەن» دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلىغان بولساق؛ يەنە 18 ياش ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بەزى بالىلارنىڭ ئاتا - ئانىسى ناماز ۋە ياكى باشقا بىرەر ئىبادەتكە بۇيرۇسا: «مەن دېگەن 18 ياشقا كىرىپ بولدۇم، سىز ئەمدى مېنى ئۇنى قىل، بۇنى قىل دېيەلمەيسىز. مەن ئۆزۈمنىڭ ئىشىنى ئۆزۈم بىلىپ قىلىمەن. باشقىلارنىڭ يول كۆرسىتىشىگە ئېھتىياجىم يوق» دېگەنلىكىنىمۇ ئاڭلىدۇق. ھەتتا يەنە بەزى 18 ياشقا توشمىغان بالىلارنىڭ: «18 ياشقا توشساق، ئاتا - ئانىمىز بىزنى ناماز ياكى قۇرئان ئوقۇشقا زورلىيالمايدۇ» دەپ تېزراق 18 ياشقا كىرىشنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈپ تۇرغان بالىلارنىڭمۇ بارلىقى مەلۇم.

شۇ ۋەجىدىن، بۇ ماقالە يۇقىرىقىدەك ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى جار سېلىپ، قۇرئان كەرىمدىكى ﴿دىنغا زورلاش يوق﴾[2] دېگەن ئايەتنى ئۆزى «مۇسۇلمان» تۇرۇپ مۇسۇلمانچە ياشىمايدىغان، ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلمايدىغان، ئىسلامدا بەلگىلەنگەن ئىبادەتلەرنى ئادا قىلمايدىغان، باشقىلار ياكى ئاتا - ئانىسى دىنىي ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشقا ۋە ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئۇيغۇن شەكىلدە، مۇسۇلمانچە ياشاشقا بۇيرۇسا، «دىندا زورلاش يوق» دەپلا مەزكۇر ئايەتنى ئۆزلىرىنىڭ خاتا چۈشەنچىسى ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلىشقا ئۇرۇنىدىغانلارنىڭ بۇ ھەقتىكى خاتا چۈشەنچىسىنى توغرىلىۋېلىشىغا تۈرتكە بولۇش ۋە بۇ ھەقتىكى مۈجمەللىكلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇش مەقسىتىدە يېزىلدى. شۇڭا، بۇ ماقالىدە «ئېتىقاد ئەركىنلىكى» جارچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ خاتا چۈشەنچىلىرىنى كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئەڭ كۆپ تايىنىدىغان ﴿دىنغا زورلاش يوق﴾ دېگەن ئايەتنى ۋە شۇ مەزمۇندىكى ئايەتلەرنى چۆرىدىگەن ئاساستا، «ئېتىقاد ئەركىنلىكى دېگەن نېمە؟ ئاتا - ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى دىنىي ئىبادەتلەرگە بۇيرۇغانلىقى ئۇلارنى دىنغا زورلىغانلىق ياكى ئۇلارنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە دەخلى - تەرۇز قىلغانلىق بولامدۇ؟ بالىلار 18 ياشقا توشسىلا، ئاتا - ئانىسىدىن پۈتۈنلەي مۇستەقىل، چەكلىمىسىز ئەركىنلىككە ئىگە ئادەم بولۇپ كېتەمدۇ؟ بۇ ھەقتە بالىلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتلىرى نېمە؟» دېگەندەك سوئاللارغا بىر قاتار جاۋاب بېرىپ ئۆتۈلىدۇ[3].

ئەركىنلىك ئۇقۇمى

ئەركىنلىك ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئەركىن» دېگەن سۈپەتنىڭ ئىسىم شەكلى بولۇپ، «ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىماسلىق، ھەرقانداق چەكلىمىدىن خالىيلىق، ئازادىلىك، بىمالاللىق، ئارامخۇدالىق، دەخلىسىزلىك» دېگەندەك مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن، «ئەركىن تۇرمۇش، ئەركىن رىقابەت، ئەركىن تەپەككۇر، ئەركىن سودا...» دېگەنگە ئوخشاش كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر قاتار سۆزلەر يۇقىرىقىدەك مەنىلەردە قوللىنىلىدۇ[4]. بۇنىڭغا قارىغاندا، «كىشىلىك ئەركىنلىك» دېگىنىمىز «ھەرقانداق شەخسنىڭ ئۆزى خالىغان ئىشنى، خالىغان ۋاقىتتا، خالىغان شەكىلدە، بىمالال، دەخلى - تەرۇزسىز قىلىشى»نى كۆرسىتىدىغان ئۇقۇم بولۇپ، بۇ ماقالىنىڭ مەركىزىي ئىدىيەسىنى تەشكىل قىلىدىغان «ئېتىقاد ئەركىنلىكى» ئۇقۇمىمۇ تىل نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، «بىراۋنىڭ خالىغان ۋاقىتتا، خالىغان دىنغا ئېتىقاد قىلىش ياكى قىلماسلىق ئەركىنلىكى بارلىقى»نى كۆرسىتىدۇ، دېيىشكە بولىدۇ.

ئەمما، ئەركىنلىك ئۇقۇمىنىڭ ماھىيىتى ۋە ئەمەلىي رېئاللىقتىكى ھالىتىگە قارايدىغان بولساق، بۇ دۇنيادا «مۇتلەق ئەركىنلىك» دەيدىغان نەرسە مەۋجۇت ئەمەس. مەيلى ئىنسانىيلىق نۇقتىسىدىن بولسۇن ياكى دىنىي نۇقتىدىن بولسۇن بۇ دۇنيادا ھەرقانداق ئەركىنلىكنىڭ مەلۇم چەك - چېگراسى بولىدۇ. بۇ چەك - چېگرا ھەركىمنىڭ ئۆزىگە تەئەللۇق بولغان دائىرىدىن ھالقىپ، باشقىلارنىڭ تەئەللۇقاتىغا ئۆتمەكچى ياكى دەخلى - تەرۇز قىلماقچى بولغان يەردە چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. جۈملىدىن، ئىنسانلار مەلۇم تۇرالغۇ - جايلارغا، مال - مۈلۈك ۋە بايلىقلارغا، تۈرلۈك لاۋازىمەتلىكلەرگە ساھىب ھەمدە ئۆزىگە تەئەللۇق بولغان مەزكۇر نەرسىلەرنى ئىشلىتىشتە بەلگىلىك دەرىجىدە ئەركىنلىككە ئىگە. «بەلگىلىك دەرىجىدە» دېيىشىمىزنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئىنسان ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي نەرسىلىرىدىمۇ ھېچقاچان مۇتلەق ئەركىنلىككە ئىگە بولالىشى مۇمكىن ئەمەس. مەسىلەن، بىر ئىنساننىڭ ئۆز پۇلىغا سېتىۋالغان ماشىنىسى بار دەيلى. ئۇ ئاشۇ ماشىنىسىنى ھەيدەش ئۈچۈن ئالدى بىلەن شوپۇرلۇق پىراۋىسى ئېلىپ «شوپۇرلۇق» سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. ئاندىن ماشىنىسىنى قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەش بەلگىلەنگەن يول ۋە لىنىيە ئىچىدە، باشقىلارغا ئۈستۈرمەي، قىزىل چىراغلارنى بېسىپ ئۆتمەي، بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن ئاشۇرۇۋەتمەي، تەتۈر يۆنىلىشتە ياكى سول يۆنىلىشتە ماڭماي، قاتناش قائىدىسىگە ئاڭلىق رىئايە قىلغان ھالدا ھەيدەش ئەركىنلىكىگە ئىگە. دېمەك، ئۇنىڭ ئەركىنلىكىنىڭ چەك - چېگراسى يۇقىرىقى دائىرە ئىچىدە بولىدۇ. ماشىنا گەرچە ئۆزىنىڭ بولسىمۇ، باشقىلارغا ئۈستۈرۈش ئەركىنلىكى بولمايدۇ، قىزىل چىراغلارنى بېسىپ ئۆتۈش ئەركىنلىكى بولمايدۇ، بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن ئاشۇرۇۋېتىش، تەتۈر يۆنىلىشتە ياكى سول يۆنىلىشتە ھەيدەش ئەركىنلىكى بولمايدۇ ۋەھاكازالار... بۇلار ھەممەيلەن بىلىدىغان ئەقەللىي ساۋاتلاردۇر. بۇ دۇنيانىڭ پۈتۈن ئىشلىرى مانا مۇشۇنداق بىر قاتار قائىدە - تۈزۈم ۋە بەلگىلەنگەن سىستېما ئىچىدە يۈرۈشىدىغان بولۇپ، ئىنسانلار ئەنە شۇ دائىرە ئىچىدە، بەلگىلىك دەرىجىدە ئەركىنلىككە ئىگە. يەنى بۇ دۇنيادا ھېچقانداق چەكلىمىسىز، مۇتلەق ئەركىنلىك دەيدىغان نەرسە مەۋجۇت ئەمەس. ناۋادا مۇتلەق ئەركىنلىك بولۇپ، ھەركىم ئۆزى خالىغان ئىشنىڭ ھەممىنى قىلالايدىغان ئىش بولسا ئىدى، بولۇپمۇ بۈگۈنكى كۈندە ھەر خىل «ئەركىنلىك» شوئارلىرى ئەڭ كۆپ جار سېلىنىۋاتقان ئاتالمىش دېموكراتىك دۆلەتلەردە بولسىمۇ ھەر تۈرلۈك قانۇن - نىزاملار تۈزۈلمەيتتى، سوتلار ئېچىلمايتتى، تۈرمىلەر سېلىنمايتتى، ئىنسانلار تۈرمىلەرگە تاشلىنىپ جازالانمايتتى. ھالبۇكى، ھەرقانچە دېموكراتىك دۆلەتتىمۇ قانۇن - تۈزۈم بار، تۈرمىلەر بار. مەزكۇر قانۇن - تۈزۈملەرگە ئاساسەن مەلۇم ئىشلار «جىنايەت» دەپ بېكىتىلگەن بولۇپ، مەزكۇر ئىشلارغا قارىتا بەلگىلەنگەن جازالار بار. مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى ئەركىنلىكنى بەلگىلىك دەرىجىدە چەكلەش، كونترول قىلىش ئۈچۈن بەرپا قىلىنغان ئىشلاردۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كىشىنىڭ تېخىمۇ دىققىتىنى تارتىدىغان ئىش شۇكى، مەزكۇر قانۇن - نىزاملارنى يولغا قويغانلار، سوتلارنى ئېچىۋاتقانلار، تۈرمىلەرنى سېلىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنى تۈرمىلەرگە تاشلاپ جازالاۋاتقانلار ئەنە شۇ «ئەركىنلىك»نى جار سېلىۋاتقان ئىنسانلارنىڭ دەل ئۆزىدۇر. دېمەككى، بۇ دۇنيادا مۇتلەق ئەركىنلىك دەيدىغان نەرسە يوق، ھەر ئىشنىڭ مەلۇم دەرىجىدە چەك - چېگراسى بار.

شۇنىڭدەك، بۇ كائىناتنىڭمۇ ئىگىسى بار. ئۇ بولسا پۈتكۈل كائىناتنى، جۈملىدىن، بىز ئىنسانلارنى يوقتىن ئاپىرىدە قىلغۇچى، بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ھەقىقىي ئىگىسى ئاللاھ تائالادۇر. ئاللاھ تائالا بۇ كائىناتنى يوقتىن بار قىلغۇچى، ئىگىسى بولغان ئىكەن، كائىناتنىڭ پۈتۈن ئىشلىرىنى، كائىناتقا ۋە كائىناتتىكى بارلىق مەۋجۇدات ۋە مەخلۇقاتلارغا نېمىنىڭ پايدىلىق، نېمىنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ھەممىدىن ياخشى بىلىدىغان زاتتۇر. شۇ ۋەجىدىن، ئاللاھ تائالا بۇ كائىناتنىڭ ئىنتىزامى ئۈچۈن، بۇ ئارقىلىق كائىناتتىكى پۈتۈن مەۋجۇدات ۋە مەخلۇقاتلارنىڭ خاتىرجەملىكى ۋە ئاسايىشلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مەلۇم تەبىئىي قائىدە - قانۇنىيەتلەرنى بېكىتكەن. ئىنسانلار ۋە باشقا پۈتۈن مەخلۇقاتلار ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئىختىيارىي ۋە ئىختىيارسىز ھالدا ئەنە شۇ قائىدە - قانۇنىيەتلەرگە بويسۇنۇپ ياشاشقا مەجبۇردۇر. ناۋادا ئۇلار مەزكۇر قائىدە - قانۇنىيەتلەرگە بويسۇنمىغاندا، كائىناتنىڭ ئىنتىزامى دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرايدۇ - دە، ھايات نۇرغۇن خېيىم - خەتەر ۋە خىرىسلارغا دۇچ كېلىدۇ. ھەتتا مەزكۇر قائىدە - قانۇنىيەتلەرگە بويسۇنمىغانلار شۇ ھامان يەر يۈزىدىن يوقىلىشىمۇ مۇمكىن. مەسىلەن، سۇنىڭ ئاققۇزىدىغانلىقى ئاللاھ تائالا سۇغا بېكىتىۋەتكەن تەبىئىي بىر قانۇنىيەت. سۇ ئۈزۈشنى بىلمەي تۇرۇپ چوڭقۇر دېڭىز ياكى دەرياغا سەكرەپ بۇ قانۇنىيەتكە خىلاپلىق قىلغانلار سۇدا بوغۇلۇپ ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ. ئوتنىڭ كۆيدۈرىدىغانلىقىمۇ ئاللاھ تائالا ئوتقا بېكىتىۋەتكەن تەبىئىي بىر قانۇنىيەت. بۇ قانۇنىيەتكە خىلاپلىق قىلىپ ئۆزىنى ئوتقا تاشلىغانلار كۆيۈپ ئۆلىدۇ. پىچاق دېگەندەك تىغلىق ئەسۋابلارنىڭ كېسىدىغانلىقىمۇ تەبىئىي بىر قانۇنىيەت. بۇ قانۇنىيەتكە خىلاپ ھالدا تىغلىق ئەسۋابلارنى بوينىغا سۈرگەنلەر ياكى بەدىنىدىن ئەجەللىك جايلارغا تىققانلار ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ ۋەھاكازا...

شۇ ۋەجىدىن، ئاللاھ تائالا دەل ئاشۇ قائىدە - قانۇنىيەتلەرنىڭ دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن؛ ئىنسانلارغا بۇ دۇنيانىڭ ئىمكانىيەتلىرىدىن توغرا يوسۇندا پايدىلىنىپ، قانداق ياشاشنى ئۆگىتىش ئۈچۈن ھەر دەۋردە پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ، كىتابلارنى نازىل قىلغان. مەزكۇر كىتابلاردا ياشاش قانۇنىيەتلىرى ئېنىق بەلگىلەنگەن بولۇپ، ئىنسانلار ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى تەلىم بەرگەن ۋە كىتابلاردا كۆرسىتىلگەن قائىدە - قانۇنىيەتلەرگە بويسۇنغان ھالدا ھەرىكەت قىلىش شەرتى بىلەن بەلگىلىك دەرىجىدە ئەركىنلىك ھوقۇقى بېرىلگەن. بۇ خۇددى يۇقىرىقى مىسالدىكى «شوپۇر»نىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ. شوپۇر ماشىنىنىڭ ئىگىسى بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھاياتىنى خەتەرگە ئۇچراتماسلىق ئۈچۈن ماشىنىسىنى قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلغان ئاساستا ھەيدەشكە مەجبۇردۇر. شۇنداقلا ھەممىمىز مەلۇم نەرسىلەرگە ئىگە بولۇشتا ئەنە شۇ ماشىنىغا ئىگە بولغان شوپۇرغا ئوخشايمىز. شوپۇر ماشىنىغا ئىگە بولغانغا ئوخشاش، ئاللاھ تائالا بىزنىمۇ نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئىگە قىلغان ۋە ئۇ نەرسىلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىمىز ئۈچۈن مەلۇم قائىدە - قانۇنىيەتلەرنى بېكىتكەن ۋە شۇ قائىدە - قانۇنىيەتلەردىن ھالقىپ كەتمىگەن شەرت بىلەن بىزگە پۈتۈن تەئەللۇقاتلىرىمىزدىن خالىغانچە پايدىلىنىش ئەركىنلىكى بەرگەن. دېمەك، بۇ دۇنيادىكى «ئەركىنلىك ئۇقۇمى»نى قىسقىچە مۇشۇنداق چۈشىنىشكە بولىدۇ.

ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئۇقۇمى

يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ھەر ئىنسان بىر قاتار ھەق - ھوقۇقلارغا ئىگە ھالدا يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچىدىغان بولۇپ، ئېتىقاد ئەركىنلىكىمۇ ئەنە شۇ ھەق - ھوقۇقلاردىن بىرىدۇر. ئاللاھ تائالا تەرەپتىن ئەۋەتىلگەن ساماۋى دىنلارنىڭ ھېچبىرى ئىنسانلارغا ئېتىقادنى مەجبۇرىي تاڭغان ئەمەس. بولۇپمۇ ئىسلام دىنى ئىنسانلارغا ياشاش ئەركىنلىكىدىن تارتىپ ئېتىقاد ئەركىنلىكىگىچە، پىكىر ئەركىنلىكىدىن تارتىپ مۈلك ئەركىنلىكىگىچە مۇكەممەل ئەركىنلىك بەرگەن بىر دىندۇر. ئىسلامنىڭ ئاساسىي دەستۇرى بولغان قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرىدە ئىنساننىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكى بارلىقى ھەققىدە نۇرغۇن دەلىللەر مەۋجۇت. بۇ ھەقتىكى ئەڭ گەۋدىلىك مىساللاردىن بىرى ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿دىنغا زورلاش يوق...[5] دېگەن سۆزىدۇر.

﴿دىنغا زورلاش يوق﴾ دېگەن بۇ ئايەتنى بىلمەيدىغانلار بولۇپمۇ بۈگۈنكى كۈندە ئىنتايىن ئاز بولسا كېرەك. چۈنكى، بۈگۈنكىدەك تەرەپ - تەرەپتە ھەر خىل «ئەركىنلىك» شوئارلىرى ياڭراۋاتقان بىر دەۋردە بۇ ئايەتنى بەزىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىمانسىزلىق، دىنسىزلىق خاھىشىغا سۇيىئىستېمال قىلىش ئۈچۈنمۇ ئۆگىنىۋالىدىغان بولۇپ كەتتى. ھەتتا بىر مۇسۇلمان بىراۋغا دىننىڭ، ئىسلامنىڭ گېپىنى قىلسىلا مۇشۇ ئايەتنى ئوقۇپ، دىنغا ئائىت ھەرقانداق گەپنى باستۇرۇش ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلىشقا ئۇرۇنىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس. يەنە بەزى مۇسۇلمانلار بولۇپمۇ بۈگۈنكى ياشلار ئۆزىنى «مەن مۇسۇلمان، مۇسۇلماننىڭ ئەۋلادى» دەپ تۇرۇپ مۇشۇ ئايەتنى دىنىي ئىبادەتلەرنى بەجا كەلتۈرۈش - كەلتۈرمەسلىك ئىختىيارى بارلىقىغىمۇ دەستەك قىلىشقا ئۇرۇنىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلۈشكە باشلىدى. ھالبۇكى، بۇ ئايەت ئۆزىنى «مەن مۇسۇلمان» دەيدىغان كىشىلەرنى ياكى بالىلارنى دىنىي ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشقا ۋە ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئۇيغۇن ياشاشقا چاقىرىشقا ياكى زورلاشقا بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئەمەس، ئەكسىچە تېخى مۇسۇلمان بولمىغانلارنى ياكى مۇسۇلمان بولۇشنى خالىمايدىغانلارنى مۇسۇلمان بولۇشقا زورلاشقا بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. بۇ ئايەتنى توغرا چۈشىنىش ۋە توغرا يەرگە، توغرا يوسۇندا ئىشلىتىشنى بىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن بۇ ئايەتنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبى ۋە تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشىنى بىلىشكە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، بىزمۇ ئالدى بىلەن بۇ ئايەتنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبىگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇپ باقايلى.

بۇ ئايەتنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبى ھەققىدە خىلمۇخىل رىۋايەتلەر بار بولۇپ، مەزكۇر رىۋايەتلەرنىڭ ھەممىسى ھېچكىمنى ئىسلامغا ياكى قانداقتۇر بىر دىنغا كىرىشكە مەجبۇرلاشقا بولمايدىغانلىقىنى چۆرىدەيدۇ. جۈملىدىن، ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بۇ ئايەتنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ ئايەتنىڭ ئىسلام كېلىشتىن بۇرۇن بەزى بالىلىرى يەھۇدىي ياكى خىرىستىيان دىنىغا كىرگەن بىر قىسىم ساھابىلەر ھەققىدە نازىل بولغانلىقىنى، ئىسلام كەلگەن چاغدا مەزكۇر ساھابىلەر پەرزەنتلىرىنى ئىسلامغا زورلىماقچى بولغاندا، ئۇلارنىڭ مۇشۇ ئايەتكە بىنائەن ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئىسلامغا كىرىشكە زورلاشتىن چەكلەنگەنلىكىنى ئېيتقان[6]. چۈنكى، بىراۋنىڭ چىن قەلبىدىن رازى بولۇپ، قانائەت ھاسىل قىلغاندىن كېيىن ئېيتقان ئىمانى ھەقىقىي ئىمان بولىدۇ. ئىسلام تەلەپ قىلغان ئىمانمۇ شۇنداق ئىماندۇر. ئەگەر بىر ئادەم قانداقتۇر مەجبۇرلاش ئاستىدا، مېلىغا ياكى جېنىغا زىيان يېتىشتىن قورقۇپ ۋە ياكى قانداقتۇر بىر خەۋپسىرەش تۈپەيلى ئىمان ئېيتقان بولسا، بۇنداق ئادەمنىڭ ئىمانى ئىسلامدا تەلەپكە لايىق ئىمان بولمايدۇكى، ئىسلام ئىنسانلارنىڭ بۇنداق ئىمان ئېيتىشىنى نىشان قىلمايدۇ. مەسىلەن، ئەينى چاغدا ئەسەد جەمەتىدىن بىر بۆلەك ئەئرابىيلار «بىز ئىمان ئېيتتۇق» دەپ كەلگەندە، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىمانىنى ئىنكار قىلىپ مۇنداق دېگەن: ﴿ئەئرابىيلار: ئىمان ئېيتتۇق، دېيىشىدۇ. (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، سىلەر (تېخى) ئىمان ئېيتمىدىڭلار. لېكىن، بويسۇندۇق دەڭلار. ئىمان تېخى دىلىڭلارغا كىرمىدى. ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلاردىن ھېچ نەرسىنى كېمەيتىۋەتمەيدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر. شۈبھىسىزكى، (ھەقىقىي) مۇئمىنلەر ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرگەن، ئاندىن (ئىمانىدا) شەك كەلتۈرمىگەن، ماللىرى بىلەن ۋە جانلىرى بىلەن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغانلاردۇر. ئەنە شۇلار (ئىمان دەۋاسىدا) راستچىللاردۇر﴾[7].

ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتلەردە ئاغزىدا «ئىمان ئېيتتۇق» دەپ كەلگەن ئەئرابىيلارنىڭ تېخىچە ھەقىقىي ئىمان ئېيتمىغانلىقىنى، بەلكى ئەسىر ئېلىنىشتىن ۋە ئۆلتۈرۈلۈشتىن قورقۇپ مۇسۇلمانلارنىڭ سېپىگە قېتىلغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ[8]، ئۇلارنىڭ ئىمانىنى ھەقىقىي ئىمان قاتارىدىن سانىمىغان. ئايەتنىڭ داۋامىدا «ھەقىقىي ئىمان»نىڭ قانداق بولىدىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلغان، ئىمانىدا قەتئىي شەك قىلمىغان، گېزى كەلگەندە مېلى ۋە جېنى بىلەن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلالايدىغان دەرىجىدە سەمىمىي ۋە چىن ئىمان ئېيتقانلارنىڭلا ئىمان دەۋاسىدا راستچىل كىشىلەر ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. ئادەتتە، ئىسلامدا ئىمانلا ئەمەس، مەجبۇرىي ھالەتتە قىلىنغان باشقا نۇرغۇن ئەمەللەرمۇ جائىز بولمايدۇ[9]. بولۇپمۇ ئىسلام تەلەپ قىلغان ئىمان تىلدا ئىقرار قىلىش بىلەن بىرگە قەلبتە تەستىق قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ[10]. مەجبۇرىي ئېيتىلغان ئىماندا تىلدا ئىقرار قىلىش مەۋجۇت بولسىمۇ، قەلبىدە قانائەت ھاسىل قىلىپ، سەمىمىي ئىمان ئېيتتى دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى، ئادەتتىمۇ بىرەر ئىشقا مەجبۇرلارنغان كىشى كۆرۈنۈشتە بويسۇنغاندەك قىلسىمۇ، چىن قەلبىدىن سەمىمىيلىك بىلەن قىلمايدۇ، ئەكسىچە نارازىلىق بىلەن قىلىدۇ. ئاللاھ كىمنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلىپ، قەلبىنى ئېچىۋەتسە، دەلىل - پاكىتلىق ھالدا ئىسلامغا كىرىدۇ. ئەمما، ئاللاھ تائالا قەلبىنى كور قىلىپ، قۇلىقى ۋە كۆزلىرىنى پەردىلىۋەتكەن ئادەمنى دىنغا زورلىغاننىڭ قىلچە پايدىسى يوق[11]. ئىمام سەمەرقەندىيمۇ بۇ ئايەتنىڭ «ھېچكىمنى دىنغا زورلىماڭلار» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان[12]. يەنە ئىمام تەبەرىيمۇ بۇ ئايەتتىكى «دىن» كەلىمىسىدىن ئىسلام دىنى كۆزدە تۇتۇلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ ئايەتنىڭ مەنىسىنىڭ ھېچكىمنى ئىسلام دىنىغا مەجبۇرلاشقا بولمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن[13].

دېمەك، قۇرئان كەرىمدىكى ﴿دىنغا زورلاش يوق﴾ دېگەن ئايەت قەلبىدىن قانائەت تېپىپ مۇسۇلمان بولمىغانلارنى ئىسلامغا كىرىشكە زورلاشقا بولمايدۇ، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ، ھەرگىز ئىسلامنى قوبۇل قىلىپ مۇسۇلمان بولغان بىر كىشىنى ئىسلامدا بەلگىلەنگەن ئىبادەتلەرنى بەجا كەلتۈرۈشكە ۋە ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئۇيغۇن ياشاشقا چاقىرىشقا ۋە دەۋەت قىلىشقا بولمايدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. چۈنكى، ئىسلامدا ھەرقانداق مۇسۇلماننىڭ ئىسلامدا بەلگىلەنگەن ئىبادەتلەرنى بەجانىدىللىق بىلەن ئادا قىلىشى ۋە ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئۇيغۇن ياشىشى قەتئىي تەلەپ قىلىنىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، ئايەتلەر ھەتتا ھەرقانداق سۆز ئۆزى كەلگەن كونتېكىست بىلەنلا توغرا چۈشىنىلىدۇ. ھەرقانداق بىر سۆزنى ئۆزى كەلگەن كونتېكىستتىن ئايرىۋېتىلگەندە، توغرا چۈشىنىلمەيدۇ، ئەكسىچە ئېغىر خاتا چۈشىنىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. جۈملىدىن، ﴿دىنغا زورلاش يوق﴾ دېگەن ئايەتنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى كېلىش ئورنىغا قارايدىغان بولساقمۇ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇرئان كەرىمدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئايەت دەپ كۆرسەتكەن[14]، ئاللاھ تائالانىڭ كاتتىلىقى ۋە ئۇلۇغلۇقىنى ئىپادىلەيدىغان بىرقانچە ئىسىم - سۈپەتلىرى يىغىنچاقلانغان ۋە «ئايەتۇلكۇرسىي» دەپ ئاتالغان ئايەتتىن كېيىنلا كەلگەن. ئاندىن مۇشۇ ئايەتنىڭ داۋامىدا: ﴿توغرا يول ئازغۇنلۇقتىن ئېنىق ئايرىلدى. كىمكى تاغۇتنى ئىنكار قىلىپ، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىكەن، ھەقىقەتەن ئاجراپ كەتمەيدىغان، مۇستەھكەم تۇتقىنى تۇتقان بولىدۇ﴾[15] دېيىلگەن. بۇ ئايەتنىڭ ئالدىدىكى ئايەتۇلكۇرسىينىڭ مەزمۇنى بىلەن ئايەتنىڭ داۋامى نەزەردە تۇتۇلغاندا، ئىسلام دىنى ئايەتۇلكۇرسىيدا تىلغا ئېلىنغاندەك ئەنە شۇنداق ئۇلۇغ ئىسىم - سۈپەتلەرگە ئىگە، نۇقسانسىز، كاتتا ھەم ئۇلۇغ زات تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن دىندۇر. ئىسلام مەيدانغا كېلىپ ھىدايەت ئازغۇنلۇقتىن، ئىمان كۇپرىدىن، ھەق باتىلدىن، توغرا خاتادىن ئېنىق ئايرىلدى. بۇنىڭغا قاراپ ئەقلى بار ھەركىم ئىسلامنىڭ ئەڭ توغرا دىن ھەمدە ئىنساننى توغرىغا يېتەكلەيدىغان، مەڭگۈلۈك بەخت - سائادەتكە ئېرىشتۈرىدىغان ئەڭ توغرا ئېتىقاد ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ. شۇڭا، ئەقلى - ھوشى جايىدا ئادەمنى بۇ دىنغا كىرىشكە زورلاپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق[16] دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ، دېيىشكە بولىدۇ.

قۇرئان كەرىمدە دىنغا زورلاشقا بولمايدىغانلىقىنى، ھەركىمنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئېتىقاد قىلىش ياكى ئىسلامنى قوبۇل قىلىش ئەركىنلىكى بارلىقىنى ئۇقتۇرىدىغان باشقا ئايەتلەرمۇ بار. مەسىلەن، ﴿ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيتقان بولاتتى. سەن كىشىلەرنى ئىمان ئېيتىش (مۇسۇلمان بولۇش) قا مەجبۇرلامسەن؟﴾[17]؛ ﴿خالىغان ئادەم ئىمان ئېيتسۇن، خالىغا ئادەم كاپىر بولسۇن. بىز ھەقىقەتەن كاپىرلار ئۈچۈن تۈتۈن پەردىلىرى ئۇلارنى ئورىۋالىدىغان ئوت (دوزاخ) نى تەييارلىدۇق﴾[18] دېگەندەك ئايەتلەرمۇ شۇنداق مەنىدىكى ئايەتلەردىندۇر.

بۇ ئايەتلەردە دەمال قاراشقا ھەركىمنىڭ دىنغا ياكى ئىسلامغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەندەك قىلسىمۇ، ئايەتنىڭ داۋامىدا ئىسلامغا ئېتىقاد قىلمىغان ياكى مۇسۇلمان بولمىغان كاپىرلار دوزاخ بىلەن تەھدىت قىلىنىش ئارقىلىق ئىسلامغا ئېتىقاد قىلىپ، مۇسۇلمان بولۇشقا تەرغىپ قىلىنغان. بۇ ئارقىلىق ئىنساننىڭ «دىنغا ئېتىقاد قىلىش - قىلماسلىق ئەركىنلىكىم بار» دەپلا كۇپرىلىققا مېڭىشىنىڭ ئۆزىگە ياخشى ئاقىۋەت كەلتۈرمەيدىغانلىقى ھەققىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشلار بېرىلگەن. چۈنكى، بۇ دۇنيانىڭ، پۈتكۈل كائىناتنىڭ ھەتتا ئۇ دۇنيانىڭمۇ ئىگىسى ئاللاھ تائالادۇر. ئاللاھ تائالا بۇ دۇنيانىڭ ئىگىسى بولغانىكەن، ئۆزى خالىغانغا بۇيرۇيدۇ، خالىغاندىن چەكلەيدۇ، خالىغان قائىدە - قانۇنىيەتلەرنى بېكىتىدۇ. ئىنسانلار ئەنە شۇ ئاللاھ تائالا يوقتىن بار قىلغان مەخلۇقاتلار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ دۇنيادا بېكىتكەن ھەرقانداق قائىدە - قانۇنىيىتىگە بويسۇنۇپ ياشاشقا مەجبۇردۇر. ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇ دۇنياغا بارغاندا ئاللاھ ئۇنىڭ ھېسابىنى چوقۇم ئالىدۇ.

يۇقىرىدىمۇ دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، بۇ ئېتىقاد ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە كۆپلىگەن مۇسۇلمانلار بولۇپمۇ بۈگۈنكى ياشلار خاتا چۈشىنىۋېلىۋاتقان مۇھىم بىر نۇقتا شۇكى، ھازىر ياش بالىلارنى ئاتا - ئانىلىرى ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، قۇرئان ئوقۇش ياكى مۇسۇلمانچە كىيىنىش دېگەندەك بىرەر ئىشقا بۇيرۇسا، ئۇلار خۇددى ئاتا - ئانىلىرى ئۇلارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتقاندەك چۈشىنىۋېلىپ، ﴿دىنغا زورلاش يوق﴾ دېگەن مەزكۇر ئايەتنى دەستەك قىلىپلا ئاتا - ئانىسىغا قارشى چىقىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمەكتە. ھالبۇكى، بۇ ئايەت يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، مۇسۇلمانلارنىڭ ياكى مۇسۇلمان ئەۋلادلىرىنىڭ ئىسلامدىكى ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىش - قىلماسلىق، ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىش - قىلماسلىق ئىختىيارلىقى بارلىقىنى ئەمەس، بەلكى تېخىچە ئىسلامنى قوبۇل قىلمىغانلارنى ئىسلامغا كىرىشكە مەجبۇرلاشقا بولمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىشىچە، ﴿دىنغا زورلاش يوق﴾ دېگەن بۇ ئايەت سالىم ئىبنى ئەۋف جەمەتىدىن ھۈسەين ئىسىملىك بىر ئەنسارىي ھەققىدە نازىل بولغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇ ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلى خىرىستىيان بولۇپ، ئۆزى مۇسۇلمان ئىدى. بۇ كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن: «ئۇلارنى مۇسۇلمان بولۇشقا مەجبۇرلايمەنمۇ؟ چۈنكى، ئۇلار خىرىستىيانلىقتا چىڭ تۇرۇۋېلىۋاتىدۇ» دېگەندە، ئاللاھ تائالا مۇشۇ ئايەتنى نازىل قىلغان. ئىبنى جەرىرنىڭ بىر رىۋايىتىدە ئېيتىلىشىچە، ئەنسارلاردىن بەزى كىشىلەرنىڭ مەدىنىدىكى يەھۇدىي قەبىلىلىرىدىن بىرى بولغان بەنى نەزىر قەبىلىسىدە ئېنىكئانىلىرىنىڭ يېنىدا (يەھۇدىي دىنىدا) چوڭ بولغان بالىلىرى بار ئىدى. يەھۇدىيلار مەدىنىدىن سۈرگۈن قىلىنغان چاغدا، ئاتا - ئانىلىرى ئۇلارنى ئىسلامغا كىرىشكە زورلىماقچى بولۇشقان ۋە شۇ چاغدا مۇشۇ ئايەت نازىل بولغان[19].

دېمەك، بۇ رىۋايەتلەرمۇ ﴿دىنغا زولاش يوق﴾ دېگەن ئايەتنىڭ ئۆزىنى «مۇسۇلمان» دەيدىغانلارنىڭ دىنىي ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىش - قىلماسلىق ۋە ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىش - قىلماسلىق ئەركىنلىكى بارلىقى ھەققىدە ئەمەس، بەلكى مۇسۇلمان بولمىغانلارنى ئىسلامنى قوبۇل قىلىشقا زورلاشقا بولمايدىغانلىقى ھەققىدە نازىل بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، بۇ ھەقتىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەر ھەرگىزمۇ ئۆزىنى «مۇسۇلمان» دەيدىغان، «مۇسۇلمانلىق» سالاھىيىتىگە ئىگە ھەرقانداق شەخسنى مەيلى ئاتا - ئانىسى ياكى باشقىلار دىنىي ئىبادەتلەرگە ۋە ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە ياشاشقا بۇيرۇسا بولمايدۇ، دېگەنلىكنى ئۇقتۇرمايدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، مەيلى ئاتا - ئانا بولسۇن ياكى باشقا ئادەم بولسۇن، «مەن مۇسۇلمان» دەيدىغانلارنىڭ باشقا مۇسۇلمانلارنى ۋە مۇسۇلمان ئەۋلادلىرىنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش، ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە ياشاشقا بۇيرۇش مەجبۇرىيىتى بار[20]. بۇ مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلمىغان مۇسۇلمانلار گەرچە باشقا ئىبادەتلەرنى جايىدا ئادا قىلغان بولسىمۇ، قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە قاتتىق تەنقىد قىلىنغان ھەتتا ئازاب بىلەنمۇ تەھدىت قىلىنغان[21]؛ باشقىلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىق توسقانلارنىڭ تۈرلۈك ئازابلاردىن قۇتۇلدۇرۇلىدىغانلىقى ھەققىدە بېشارەتلەر بېرىلگەن[22].

بۇ يەردە ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشقا تېگىشلىك مۇنداق بىرقانچە مۇھىم نۇقتا بار: ئۆزىنى «مەن مۇسۇلمان» دەيدىغان بىر ئادەمنى ياكى بىر مۇسۇلمان ئەۋلادىنى يۇقىرىقىدەك ناماز ئوقۇش، قۇرئان ئوقۇش، مۇسۇلمانچە كىيىنىش، مۇسۇلمانچە ياشاش دېگەندەك ئىشلاردىن ھەرقانداق بىرىگە بۇيرۇسا، دىنغا زورلىغانلىق بولامدۇ - يوق؟ بىر مۇسۇلماننىڭ ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئۇيغۇن ياشىشى، ئىسلامدا بەلگىلەنگەن ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشى تەلەپ قىلىنامدۇ - يوق؟ بىر مۇسۇلماننىڭ ئەركىنلىك دائىرىسى قەيەردىن - قەيەرگىچە؟ بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆزىنى «مۇسۇلمان» دەپ تۇرۇپ ئىبادەت قىلىش - قىلماسلىق ۋە ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە ياشاش - ياشىماسلىق ئەركىنلىكى بولامدۇ - يوق؟

يۇقىرىدا بىز «ئېتىقاد ئەركىنلىكى»گە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ تېخى ئىسلامنى قوبۇل قىلمىغان ياكى قوبۇل قىلىشنى خالىمىغان بىر ئادەمنى مۇسۇلمان بولۇشقا مەجبۇرلىماسلىقنى ئۇقتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتۇق. ئەمما، شاھادەت ئېيتىپ، ئۆزىنى «مەن مۇسۇلمان» دەيدىغان ئادەمگە كەلسەك، ھەرقانداق مۇسۇلماننىڭ ئىسلامدا بەلگىلەنگەن ئىبادەتلەرنى بەجا كەلتۈرۈپ، ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئۇيغۇن ياشىشىنىڭ تەلەپ قىلىنىشى؛ ناۋادا ئىسلامدا بەلگىلەنگەن ئىبادەتلەرنى بەجا كەلتۈرمەي، كۆرسەتمىلىرىگە خىلاپ ھالدا ياشىسا، مۇسۇلمان ھېسابلانمايدىغانلىقى ئەقەللىي ساۋاتتۇر. چۈنكى، ئىسلامدا ئۆزىنى «مەن مۇسۇلمان» دەيدىغان ئادەمنىڭ «مۇسۇلمانلىق» سالاھىيىتىگە يارىشا ياشىشى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن بەزى ئىبادەتلەرنى بەجا كەلتۈرۈشى، بەزى ئىشلارنى قىلىشى ۋە بەزى ئىشلارنى قىلماسلىقى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەگەر ئۆزىنى «مەن مۇسۇلمان» دەپ تۇرۇپ ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلغىلى ئۇنىمىسا، مەجبۇرلىنىدۇ ۋە تۈرلۈك جازالار بېرىلىدۇ. قۇرئان كەرىمدە ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرىدە «مۇسۇلمانلىق» سالاھىيىتىگە ئىگە بىر مۇسۇلمان قىلىشقا تېگىشلىك ئەمەللەرنى قىلغىلى ئۇنىمىسا ياكى چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلسا، مۇئەييەن جازالار بېكىتىلگەن. مەسىلەن، مۇسۇلمانلار ئىچىدىن ھاراق ئىچكۈچىگە دەررە ئۇرۇش[23]، ئوغرىلىق قىلغۇچىنىڭ قولىنى كېسىش[24]، زىناخورنى چالما كېسەك قىلىش ياكى دەررە ئۇرۇش[25]، باشقىلارغا بوھتان چاپلىغۇچىلارغا تەزىيە ئۇرۇش[26] دېگەندەك جازالارنىڭ بېكىتىلگەنلىكى ۋە بۇ ھۆكۈملەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىن باشلاپ، كېيىنكى خەلىپىلەرنىڭ دەۋرلىرىدىمۇ ئىجرا قىلىنغانلىقى ئىسلامدا ئۆزىنى «مەن مۇسۇلمان» دەيدىغان ھەرقانداق ئادەم ئادا قىلىشقا تېگىشلىك بىر قىسىم ئىبادەتلەرنىڭ ھەمدە ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بىر قاتار تۈزۈم ۋە پىرىنسىپلارنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئىسلام تارىخىغا قارايدىغان بولساق، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئەسەد، غەتەفان ۋە تەي قەبىلىلىرىدىن بىر بۆلەك كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئىسلامغا بولغان پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، باشقا ئىبادەتلەرنى جايىدا ئادا قىلغان بولسىمۇ، زاكاتلىرىنى بەرگىلى ئۇنىمىغان. ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ناماز بىلەن زاكاتنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتكەن (يەنى ناماز ئوقۇپ، زاكات بەرمىگەن) كىشىگە ئۇرۇش ئاچىمەن، چۈنكى زاكات مالنىڭ ھەققىدۇر. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر ئۇلار ماڭا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئادا قىلىپ كېلىۋاتقان بىر تال ئوغلاققا چاغلىق نەرسىنى بەرگىلى ئۇنىمىسا، مەن ئۇلارغا شۇ نەرسىنى بەرمىگەنلىكىگە قارىتا چوقۇم ئۇرۇش ئاچىمەن»[27] دېگەن ۋە مەزكۇر قەبىلىلەرگە ئۇرۇش ئېچىپ، زاكاتنى مەجبۇرىي ئالغان[28]. دېمەك، ئۆزىنى «مەن مۇسۇلمان» دەيدىغان ۋە «مۇسۇلمانلىق» سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان ھەرقانداق كىشى ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئۇيغۇن ياشىشى، بەلگىلەنگەن ئىبادەتلەرنى بەجانىدىللىق بىلەن ئادا قىلىشى، ئەمر - پەرمان ۋە چەكلىمىلىرىگە رازىمەنلىك بىلەن بويسۇنۇشى شەرت. بولمىسا، ئۆزىنى «مەن مۇسۇلمان» دەپ ھەرقانچە داۋراڭ سالسىمۇ، «مۇسۇلمانلىق» سالاھىيىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ.

ئادەتتىكى رېئال تۇرمۇشىمىزغا نەزەر سالغىنىمىزدىمۇ، بۇ دۇنيادا ياشىغان ھەربىر ئىنساننىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق سالاھىيىتى ۋە كىملىكى بولىدۇ، ھەركىمنىڭ شۇ سالاھىيىتى ۋە كىملىكىگە يارىشا پائالىيەت قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ناۋادا ئۇنداق قىلمايدىكەن، ئۇنىڭغا مەزكۇر سالاھىيەت بېرىلمەيدۇ. ئەڭ ئاددىيسى، بىر زاۋۇت ئىشچىسى مەزكۇر زاۋۇتنىڭ ئىشچىلىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇشى ۋە ئاي ئاخىرىدا مائاشىنى جايىدا ئالالىشى ئۈچۈن، چوقۇم شۇ زاۋۇتنىڭ قائىدە - تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىشى، ھەر كۈنى مۇئەييەن سائەتتە ئىشقا چۈشۈپ، مۇئەييەن سائەتتە ئىشتىن چۈشۈشى، ھەر زاۋۇت ئىشچىسى ئۆزى ئىشلەيدىغان زاۋۇتنىڭ مەخسۇس فورمىسىنى كىيىشى، بەلگىلەنگەن ئىشلارنى جايىدا قىلىشى، چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلماسلىقى تەلەپ قىلىنىدۇ. بولمىسا، ئۇنداق ئادەمنىڭ «ئىشچىلىق» سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىپ، زاۋۇتتىن قوغلىنىدىغانلىقى ۋە مائاشتىن مەھرۇم قالىدىغانلىقى چوڭ - كىچىك ھەممەيلەن بىلىدىغان ئەقەللىي ساۋاتتۇر.

شۇنىڭدەك، «ناۋايلىق»نى ئالىدىغان بولساق، بۇمۇ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان، كەسپىي بىر سالاھىيەتتۇر. بىراۋنىڭ «ناۋاي» دېگەن سالاھىيەتكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن خېمىر يۇغۇرۇشنى، تۇزىنى جايىدا تەڭشەشنى، ناننى قانداق يېقىشنى ۋە جايىدا پىشۇرۇپ قومۇرۇشنى بىلىشى كېرەك. بىر ئادەم ئۆزىنى «مەن ناۋاي» دەيدىكەن، ئۇنىڭدىن يۇقىرىقىدەك ئىشلارنى لايىقىدا قىلالايدىغان بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. بولمىسا، ئۇنى «ناۋاي» دېگىلى بولمايدىغانلىقى ھەممىگە ئايدىڭ مەسىلە. يەنە «دوختۇرلۇق»مۇ ھەممىمىز بىلىدىغان ھەم ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان، مۇھىم كەسپىي سالاھىيەتلەردىن بىرىدۇر. بىراۋ ئۆزىنى «مەن دوختۇر» دەپ ئۆزىدە «دوختۇرلۇق» سالاھىيىتى بارلىقىنى دەۋا قىلىدىكەن، ئۇنداقتا ئۇنىڭ بىمارلارغا لايىقىدا دىياگنور قويۇش، كېسەللىك ئەھۋالىنى توغرا بايقاش، بىمارلارنىڭ مىزاج - خاراكتېرىنى بىلىش ۋە مۇناسىپ دورا بېرىش، زۆرۈر تېپىلغاندا ئوپېراتسىيە قىلىش، جىددىي قۇتقۇزۇش ۋەھاكازا... ھەر تۈرلۈك داۋالاش بىلىملىرىنى پىششىق بىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ناۋادا ئۇ بىمارلارغا لايىقىدا دىياگنوز قويالمىسا، مەزكۇر داۋالاش بىلىملىرىدىن خەۋەردار بولمىسا ياكى مەزكۇر بىلىملەردىن خەۋەردار بولسىمۇ، «دوختۇرلۇق» سالاھىيىتىگە يارىشا مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، ئۇنداق ئادەمنى «دوختۇر» دېگىلى بولمايدۇ. شۇنىڭدەك، «ئوقۇغۇچىلىق»مۇ بىر سالاھىيەت ۋە كىملىكتۇر. بىراۋنىڭ ئۆزىنى «مەن ئوقۇغۇچى» دەپ «ئوقۇغۇچىلىق» سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن مەلۇم مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇشى، شۇ مەكتەپنىڭ قائىدە - تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىشى، ھەر كۈنى ئەتىگەندە، مۇئەييەن ۋاقىتتا مەكتەپكە بېرىشى ۋە مۇئەييەن ۋاقىتتا قايتىشى، مەكتەپتە ئۆتۈلگەن دەرسلەرگە تولۇق قاتنىشىشى، ئوقۇتقۇچى بەرگەن تاپشۇرۇقلارنى جايىدا ئىشلىشى ۋە ئىمتىھانلارغا قاتنىشىپ، لاياقەتلىك نومۇر ئېلىشى ھەتتا مەخسۇس ئوقۇغۇچىلىق فورمىسى كىيىشى قاتارلىق بىرمۇنچىلىغان ئىشلار تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەگەر ئۇ مەزكۇر ئىشلارنى تەلەپكە لايىق رەۋىشتە ئورۇندىمىسا، ھەرقانچە قىلسىمۇ «ئوقۇغۇچىلىق» سالاھىيىتىگە ئىگە بولالمايدۇ.

بۇلاردىن باشقا يەنە ئىجتىمائىي جەمئىيىتىمىزدە دېھقانچىلىقتىن ئىنژېنېرلىققىچە، تىككۈچىلىكتىن ئۇچقۇچىلىققىچە، پۇقرالىقتىن رەئىسلىككىچە نۇرغۇن كەسپىي ۋە ئىلمىي سالاھىيەتلەر بار بولۇپ، بۇ سالاھىيەتلەر مەخسۇس ئورگانلار ياكى مۇئەييەن شەخسلەر ۋە ياكى خەلق ئاممىسى تەرىپىدىن شۇ سالاھىيەتكە لايىق كىشىلەرگە بېرىلىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، ھەر ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادا چوقۇم بىر سالاھىيىتى ۋە كىملىكى بولىدۇ. شۇنىڭدەك ھەربىر سالاھىيەتنىڭ شۇ سالاھىيەتكە ئىگە بولغان كىشى ئورۇندىمىسا بولمايدىغان بىر قاتار تەلەپلىرى بولىدۇ. ناۋادا ھەرقانداق سالاھىيەت ئىگىسى ئۆز سالاھىيىتىگە يارىشا ئىشنى قىلمىسا، ئۆزى ئىگە بولغان سالاھىيەتنىڭ تەلەپلىرىنى ئورۇندىمىسا، ئۇنىڭغا مەزكۇر سالاھىيەتنى بېرىشكە بولمايدۇ ياكى ئۇ سالاھىيەتتىن مەھرۇم قالىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەممىمىز بىلىدىغان ئەقەللىي ساۋاتلاردۇر.

ئەمدى ئەسلىي گېپىمىزگە قايتىپ كەلسەك، شاھادەت كەلىمىسى ئېيتىپ ئىسلامنى قوبۇل قىلغان كىشى «مۇسۇلمانلىق» سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان ھېسابلىنىپ، شۇ سائەتتىن باشلاپ «مۇسۇلمان» دەپ ئاتىلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇنىڭ دىنىي كىملىكى «مۇسۇلمان» بولىدۇ. بىر ئادەم «مۇسۇلمان» ئاتىلىپ، «مۇسۇلمانلىق» سالاھىيىتىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن بىر قاتار ئىشلارنى قىلىش تەلەپ قىلىنغاندەك، يەنە بەزى ئىشلارنى قىلماسلىقىمۇ تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ ئىشلار ئىنسانغا «مۇسۇلمانلىق» سالاھىيىتى بېرىدىغان ئىسلام تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغان بولۇپ، ئۇلار ھايات دەستۇرىمىز قۇرئان كەرىمدە ۋە ئىككى ئالەملىك يولباشچىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىدە روشەن بايان قىلىنغان.

بىر ئىنساننىڭ قانداق قىلىپ «مۇسۇلمانلىق» سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدىغانلىقى ھەققىدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئىسلام (مۇنۇ) بەش ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغان: ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر ئىلاھىي مەبۇد يوقلۇقىغا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىش، نامازنى ئادا قىلىش، زاكاتنى بېرىش، ھەج قىلىش ۋە رامىزان روزىسىنى تۇتۇش»[29].

«ئىسلام» ۋە «مۇسۇلمانلىق» دېگەن بۇ ئۇقۇم «جىبرىئىل ھەدىسى» نامى بىلەن مەشھۇر بولغان يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق تەكىتلىنىدۇ: «ئىسلام ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوقلۇقىغا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىشىڭ، نامازنى ئادا قىلىشىڭ، زاكات بېرىشىڭ، روزا تۇتۇشۇڭ ۋە قۇربىڭ يەتسە، ھەج قىلىشىڭدۇر»[30].

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىسلەردە بىراۋنىڭ «مۇسۇلمانلىق» سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن، ئاۋۋال ئاللاھتىن باشقا ئىلاھىي مەبۇد يوقلۇقىغا ۋە ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىشى، پەرز قىلىپ بېكىتىلگەن بەش ۋاخ نامازنى تەئدىل - ئەركانلىرى بىلەن، بەلگىلەنگەن ۋاقىتىدا ئادا قىلىشى، مۇئەييەن مىقداردا مال - مۈلۈك ساھىبى بولغان كىشى مال - مۈلكىنىڭ زاكىتىنى بېرىشى، قۇربى يەتسە ھەج قىلىشى ۋە رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرغان. دېمەك، ئۆزىنى «مەن مۇسۇلمان» دەيدىغان ھەرقانداق ئادەم مۇشۇ ھەدىسلەردە كۆرسىتىلگەن ئىبادەتلەرنى چالا قويماي، تەلەپكە لايىق ئادا قىلغاندىلا ئىسلامغا كىرگەن ھېسابلىنىپ، ئادەتتىكى بىر «مۇسۇلمانلىق» سالاھىيىتىگە ئىگە بولالايدۇ.

ئەمما، قىيامەتتە ئىمانىمىزنىڭ بىزگە ئەسقاتىدىغان ئىمان بولۇشى ئۈچۈن ئۆمۈر بويى، كېچە - كۈندۈزلەپ مۇشۇ «مۇسۇلمانلىق» سالاھىيىتىمىزنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىشىمىز، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىدىن ئاۋۋال يۇقىرىدا نەقىل قىلىنغان ھەدىسلەردە كۆرسىتىلگەن ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشىمىز، ئاندىن قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە مۇسۇلمانلارنىڭ قىلىشى تەلەپ قىلىنغان باشقا ئىشلارنىمۇ جايىدا ئادا قىلغان ۋە چەكلەنگەن ئىشلاردىن قاتتىق ساقلانغان ھالدا ھاياتىمىزنى ئاخىرلاشتۇرۇشىمىز لازىم. ئاللاھ تائالا بىراۋنىڭ «مۇسۇلمانلىق» سالاھىيىتىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن، شۇ سالاھىيەتكە ئۇيغۇن ياشاپ «مۇسۇلمان» پېتى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئى مۇئمىنلەر! (ئەمر - پەرمانلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق) ئاللاھتىن ھەقىقىي رەۋىشتە قورقۇڭلار. پەقەت مۇسۇلمان پېتىڭلارچە ئۆلۈڭلار. ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ئارغامچىسى (قۇرئان) غا مەھكەم يېپىشىڭلار...[31].

ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە بىراۋنىڭ «مۇسۇلمانلىق» سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇشى ۋە «مۇسۇلمان» پېتى ئۆلۈشىنى ئۆزىنىڭ ئەمر - پەرمانلىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، چەكلىمىلىرىدىن يېنىشقا ۋە ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ كىتابى بولغان قۇرئان كەرىمنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىپ ياشاشقا باغلىق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ. «ئاللاھتىن ھەقىقىي قورقۇش» ۋە «مۇسۇلمان پېتى ئۆلۈش» بۇ ئايەتتىكى مۇھىم نۇقتىلاردىن بولۇپ، بۇ ئىشلار ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر - پەرمانلىرىغا ۋە چەكلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىشتىن ھەر ۋاقىت ساقلىنىش، ھەر ۋاقىت ۋە ھەر يەردە ئاللاھنىڭ كىتابى بولغان قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلىپ ياشاش بىلەنلا ئىشقا ئاشىدۇ. بىر كىشى ئۆزىنى مەن «مۇسۇلمان» دەپ قويۇپ قۇرئان كەرىمنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلمىسا ياكى بەزىسىگە ئەمەل قىلىپ، بەزىسىگە ئەمەل قىلمىسا، ئاللاھنىڭ ئارغامچىسى قۇرئان كەرىمگە مەھكەم يېپىشمىغان، ئاللاھتىن ھەقىقىي رەۋىشتە قورقمىغان بولىدۇ - دە، ھەقىقىي «مۇسۇلمان» بولالمايدۇ. ھەتتا كۈتۈلمىگەندە «مۇسۇلمانلىق» سالاھىيىتىدىن مەھرۇم ھالدا دۇنيادىن كېتىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. چۈنكى، ھېچكىم ئۆزىنىڭ قەيەردە، قاچان، قانداق ھالەتتە، قايسى سەۋەب بىلەن جان تەسلىم قىلىدىغانلىقىنى بىلەلمەيدۇ. ئاللاھ ساقلىسۇنكى، بىراۋ بىر ئۆمۈر ئىبادەت بىلەن ياشاپ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزىنى «مۇسۇلمانلىق» سالاھىيىتىدىن چىقىرىۋېتىدىغان دەرىجىدە ئاللاھنىڭ ئەمر - پەرمانىغا ياكى چەكلىمىسىگە قارشى بىرەر گۇناھ قىلىۋاتقان ھالدا ۋاپات تېپىپ قالسا، بۇ چاغدا ئۇ «مۇسۇلمان پېتى» ئۆلمىگەن، ئەكسىچە گۇناھ ئۈستىدە، «مۇسۇلمانلىق» سالاھىيىتىدىن مەھرۇم ھالدا ئۆلگەن بولۇپ قالىدۇ[32]. شۇڭا، بىر مۇسۇلمان ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ياكى چەكلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىشتىن ھەر ۋاقىت ساقلىنىشى، «ئەتە ياكى ئۆگۈن تەۋبە قىلىۋالارمەن» دەپ ئەڭ كىچىك گۇناھقىمۇ سەل قارىماسلىقى لازىم. چۈنكى، گۇناھ بىزگە نىسبەتەن ھەرقانچە كىچىك بولغان تەقدىردىمۇ، بىزنى ھەر ۋاقىت ۋە ھەر يەردە كۆزىتىپ تۇرىدىغان زات كاتتىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىنساننىڭ ھاياتىنىڭ ھېچقانداق كاپالىتى يوق. ھېچكىم ئەتىگىچە ياكى ئۆگۈنگىچە ھايات تۇرىمەن، شۇ چاغدا تەۋبە قىلىۋالارمەن، دېيەلمەيدۇ. چۈنكى، «ئۆلۈم قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدا».

ئىسلامدا يەنە «مۇسۇلمانلىق» سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان ھەرقانداق ئىنسان قىلىشقا ۋە قىلماسلىققا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلار بار. جۈملىدىن، بىر ئىنسان ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن، ھەر ئىشتا ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىش، ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، مۇئەييەن مىقداردا مال - مۈلۈككە ئىگە بولسا مېلىنىڭ زاكىتىنى ئايرىش، كۈچى يەتسە ھەج قىلىش، ئاتا - ئانىغا ياخشىلىق قىلىش، ئۇرۇق - تۇغقانلارغا ۋە يېتىم - يېسىرلارغا يار - يۆلەك بولۇش، راستچىل ۋە ئامانەتچان بولۇش، ۋەدىگە ۋاپا قىلىش، سېخىي ۋە ھايالىق بولۇش، دۇرۇس بولۇش، مېھىر - شەپقەتلىك، كەڭ قورساق، ئەپۇچان، كەمتەر، ئادىل ۋە ھەققانىي بولۇش، بۇلاردىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئېسىل ئەخلاقلارنى يېتىلدۈرۈش دېگەندەك ئىشلار «مۇسۇلمانلىق» سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان بىر مۇسۇلمان قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى يا قۇرئان كەرىمدە، يا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىس شەرىپلىرىدە بايان قىلىنغان.

شۇنىڭدەك، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەسلىك، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىگە ئاسىيلىق قىلماسلىق، ئاتا - ئانىنى قاقشاتماسلىق، ئۇرۇق - تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەتنى ئۈزمەسلىك، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمەسلىك، ئوغرىلىق قىلماسلىق، بۇلاڭچىلىق ۋە قاراقچىلىق قىلماسلىق، زىنا قىلماسلىق، مەست قىلغۇچى ئىچىملىكلەرنى ئىچمەسلىك، زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى چەكمەسلىك، ئامانەتكە خىيانەت قىلماسلىق، يالغان سۆزلىمەسلىك، چېقىمچىلىق ۋە سۇخەنچىلىك قىلماسلىق، بوھتان چاپلىماسلىق، باشقىلارنىڭ جېنىغا، مېلىغا ۋە يۈز - ئابرۇيىغا چېقىلماسلىق، ئالدامچىلىق ۋە ساختىپەزلىك قىلماسلىق، باشقىلارنى ناھەق ئۇرۇپ - سوقماسلىق، قاقتى - سوقتى قىلماسلىق، سەت گەپ قىلماسلىق ۋەھاكازا... نۇرغۇن ئىشلار «مۇسۇلمانلىق» سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان ھەرقانداق كىشىنىڭ قاتتىق ھەزەر ئەيلىشى ۋە يېقىن يولىماسلىقى؛ ناۋادا قەستەن ياكى سەۋەنلىك بىلەن مەزكۇر قىلمىشلاردىن بىرەرسىنى قىلىپ سالغان بولسا، دەرھال قىلغىنىغا پۇشايمان قىلىپ، ئاللاھقا تەۋبە قىلىشى كېرەك بولغان ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، بۇ ئىشلارمۇ يا قۇرئان كەرىمدە، يا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىس شەرىپلىرىدە بايان قىلىنغان.

دېمەك، بىر ئىنسان ئۆزىنى «مەن مۇسۇلمان» دەيدىكەن، چوقۇم بىر مۇسۇلماننىڭ قىلىشى تەلەپ قىلىنغان ئىشلارنى ئامال بار جايىدا، تولۇق ئادا قىلىشى؛ چەكلەنگەن ئىشلاردىن كۈچىنىڭ يېتىشىچە يىراق تۇرۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇنداق بولغاندىلا، «مۇسۇلمانلىق» سالاھىيىتىگە ۋە «مۇسۇلمان» كىملىكىگە ئىگە بولالايدۇ. ناۋادا ئۆزىنى «مەن مۇسۇلمان» دەپ قويۇپ، ئۆزى خالىغان ئىشلارنى قىلىپ، خالىغاننى قىلماي، ئۆز خاھىشى بويىچە ياشىسا، ئۇنداق ئادەم «مەن مۇسۇلمان» دەپ ھەركۈنى مىڭ قېتىم تەكرارلىسىمۇ «مۇسۇلمانلىق» سالاھىيىتىگە ئىگە بولالمايدۇ. بۇ ئەھۋال پەقەت ئىسلام دىنىدىلا ئەمەس، باشقا ھەرقانداق دىندىمۇ شۇنداق، ھەتتا يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك ئادەتتىكى ئىشلاردىمۇ شۇنداقتۇر.

ئەمدى بۇ «ئېتىقاد ئەركىنلىكى» مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى خۇلاسىلىسەك، سۈرە بەقەرەرنىڭ 256 - ئايىتى يەنى ﴿دىنغا زورلاش يوق﴾ دېگەن ئايەت ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلۇقى، كاتتىلىقى، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى يالغۇز ئۆزى ئىدارە قىلىپ تۇرىدىغانلىقى، بەندىلەرنىڭ ئۆتمۈشتىكى ۋە كەلگۈسىدىكى پۈتۈن ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقى دېگەندەك بىر قاتار ئىسىم ۋە سۈپەتلىرى بايان قىلىنغان، ئەڭ ئۇلۇغ ئايەت دەپ ئاتالغان «ئايەتۇلكۇرسىي»دىن كېيىن كەلگەن ۋە مۇشۇ ئايەتنىڭ ئۆزىمۇ توغرا يولنىڭ ئازغۇنلۇقتىن ئېنىق ئايرىلغانلىقى، تاغۇتنى ئىنكار قىلىپ، ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئاجراپ كەتمەيدىغان، مۇستەھكەم تۇتقىنى تۇتقان بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ ئاخىرلىشىدۇ؛ ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئايەتتە بولسا ئىمان ئېيتقانلارنىڭ دوستىنىڭ ئاللاھ ئىكەنلىكى، كاپىرلارنىڭ دوستىنىڭ تاغۇت ئىكەنلىكى ۋە بۇلارنىڭ بارار جايىنىڭ جەھەننەم بولىدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلىدۇ. دېمەك، بۇ ئايەت ئىسلام شۇنداق ئۇلۇغ ۋە كاتتا، پۈتكۈل كائىناتنىڭ ئىگىسى بولغان زات ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن بىر دىنكى، ئەقلى - ھوشى جايىدا كىشىلەرنى بۇنىڭغا زولاپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەقلى - ھوشى جايىدا ئادەم ئۆزلۈكىدىن بۇ دىنغا كىرىدۇ، دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.

بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر ئايەت يەنى سۈرە كەھفنىڭ 29 - ئايىتىنىڭ تولۇق ھالىتى مۇنداق: ﴿ئېيتقىنكى، ھەق (يەنى قۇرئان) سىلەرنىڭ پەرۋەرىگارىڭلار تەرىپىدىندۇر. خالىغان كىشى ئىمان ئېيتسۇن، خالىغان كىشى كاپىر بولسۇن. شەكسىزكى، بىز كاپىرلار ئۈچۈن تۈتۈن پەردىلىرى ئۇلارنى ئورىۋالىدىغان ئوتنى تەييارلىدۇق. ئۇلار (تەشنالىقتىن) سۇ تەلەپ قىلسا، ئۇلارغا مەدەن ئېرىتمىسىگە ئوخشاش، يۈزلەرنى كۆيدۈرۈۋېتىدىغان (ناھايىتى قىزىق) سۇ بېرىلىدۇ. بۇ نېمىدېگەن يامان شاراب، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!. بۇ ئايەتمۇ قارىماققا خالىغان ئادەمنىڭ ئىمان ئېيتىشىغا ۋە خالىغان ئادەمنىڭ كاپىر بولۇشىغا ئىختىيارلىق بېرىدىغان مەنىنى ئۇقتۇرسىمۇ، كاپىرلار ئۈچۈن دوزاختا قانداق ئازاب تەييارلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلۇش ئارقىلىق ئىنسانلار كاپىرلىقتىن ئاگاھلاندۇرۇلۇپ، ئىمان ئېيتىشقا تەشۋىق قىلىنغان. ھەتتا ئىسلام ئۆلىمالىرى بۇ ئايەتتىكى ﴿خالىغان كىشى ئىمان ئېيتسۇن، خالىغان كىشى كاپىر بولسۇن﴾ دېگەن جۈملىدە قوللىنىلغان راي پېئىللىرىنىڭ ئىمان ئېيتىش - ئېيتماسلىق، مۇسۇلمان بولۇش ياكى كاپىر بولۇشتىن قايسىبىرىنى تاللىسا بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە بۇنىڭ ئىنسانلارنى كۇپۇرلۇقتىن ئاگاھلاندۇرۇش ۋە تەھدىت تۈسىدە كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ[33]. ئايەتنىڭ داۋامىنىڭ كاپىرلارنىڭ دوزاخ ئازابى بىلەن تەھدىت قىلىنغانلىقىمۇ مۇشۇ مەنىنى كۈچلەندۈرىدۇ.

بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر ئايەت يەنى: ﴿ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيتقان بولاتتى. سەن كىشىلەرنى ئىمان ئېيتىش (مۇسۇلمان بولۇش) قا مەجبۇرلامسەن؟﴾[34] دېگەن ئايەتكە كەلسەك، بۇ ئايەتمۇ قارىماققا ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىنسانلارنى ئىمان ئېيتىشقا مەجبۇرلاشتىن توسقاندەك كۆرۈنسىمۇ، بۇ ئايەتنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى ئايەتلەرگە قارايدىغان بولساق، بۇ ئايەتلەر ئاللاھ ھىدايەت قىلمىغان ئادەمنى ھەرقانچە ئىمانغا چاقىرغان بىلەنمۇ ئىمان ئېيتمايدىغانلىقىنى، ئىمان ئېيتىشنىڭمۇ پەقەت ئاللاھنىڭ شۇنىڭغا مۇۋەپپەق قىلىشىغا باغلىق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ[35].

دېمەك، بۇ ۋە مۇشۇ مەزمۇندىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەر قارىماققا ئىنسانلارغا بىرەر دىنغا ئېتىقاد قىلىش ياكى قىلماسلىق ئەركىنلىكى بەرگەندەك كۆرۈنسىمۇ، ھەرگىز ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارنى ماڭا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتماي، پەيغەمبەرلىرىمگە ئەگەشمىسەڭلارمۇ بولىۋېرىدۇ؛ نېمە ئىش قىلساڭلار ئىختىيارىڭلار، مەن ئۇنىڭدىن ھېساب ئالمايمەن، دەپ مۇتلەق ئىختىيارلىقىغا قويۇۋەتكەنلىكىنى ئىپادىلىمەيدۇ. ئەكسىچە، ئاللاھ تائالا بەندىلىرىدىن ئۆزى ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرگە ۋە نازىل قىلغان كىتابلارغا ئىمان ئېيتىپ، شۇ بويىچە ياشىغان - ياشىمىغانلىقى ھەققىدە چوقۇم سوئال - سوراق قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ھېسابىنى چوقۇم ئالىدىغانلىقىنى؛ ئىمان ئېيتىپ، پەيغەمبەرلەرگە بويسۇنۇپ، ئاللاھ تائالا نازىل قىلغان كىتابلارغا ئەمەل قىلغانلارنى مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئەكسىچە بولغانلارنى چوقۇم جازالايدىغانلىقىنى قەدەمدە بىر تەكىتلەپ تۇرىدۇ.

ئاتا - ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى دىننىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ئادا قىلىشقا بۇيرۇغانلىقى ئۇلارنى دىنغا زورلىغانلىق ياكى ئۇلارنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە دەخلى - تەرۇز قىلغانلىق بولامدۇ؟

پەرزەنت ھەممىدىن ئاۋۋال ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانغا ئاتا قىلغان ئەڭ چوڭ لۇتفى - ئېھسانى ۋە كاتتا نېمەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئاتا - ئانا بولغۇچىغا نىسبەتەن ئەڭ قىممەتلىك ئامانەتتۇر. شۇڭا، ئاتا - ئانا بولغۇچى بىر تەرەپتىن ئىلاھىي مەجبۇرىيەت ئېڭى بىلەن، يەنە بىر تەرەپتىن پەرزەنتلىرىگە بولغان چىن سۆيگۈسىنىڭ تۈرتكىسىدە پەرزەنتلىرىنىڭ ئىككى دۇنيالىق بەخت - سائادىتىنى كۆزلەيدۇ ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئۆمۈر جاپا چېكىدۇ؛ ئۆزى يېمەي يېگۈزۈپ، كىيمەي كىيدۈرۈپ، كېچە - كۈندۈزلەپ جاپاسىنى تارتىپ، پەپىلەپ بېقىپ چوڭ قىلىدۇ. ھەتتا جەمئىيىتىمىزدە «بالا ئاتا - ئانىسىغا نىسبەتەن مەڭگۈ چوڭ بولمايدۇ» دەيدىغان گەپمۇ بار. دېمەككى، بالا ھەرقانچە چوڭ بولۇپ كەتسىمۇ، يەنىلا ئاتا - ئانا بىر ئۆمۈر بالام دەپلا ئۆتىدۇ، بالىسى ئۈچۈن ئوتتا كۆيىدۇ، سۇدا ئاقىدۇ. قىسقىسى، بالىلىرىنىڭ بەختى ۋە خۇشاللىقى ئۈچۈنلا ياشايدۇ. پەرزەنتلىرى خۇشال بولسا، ئاتا - ئانا بولغۇچىلار ئۇلاردىنمۇ بەكرەك خۇشال بولىدۇ؛ بالا بەخت تاپسا، ئاتا - ئانىنىڭ بېشى كۆككە يېتىدۇ؛ پەرزەنت قايغۇرسا، ئاتا - ئانا پەرزەنتتىنمۇ بەكرەك قايغۇرىدۇ؛ بالىنىڭ كىچىككىنە بىر يېرى ئاغرىپ قالسا، ئاتا - ئانىنىڭ يۈرىكى ئاغرىيدۇ، قولى ئىشقا بارمايدۇ، كېچىلىرى كۆزىگە ئۇيقۇمۇ كىرمەيدۇ. ئاتا - ئانا بۇ جەرياندا ئۈن - تىنسىز نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلەيدۇ، پەرزەنتلىرىگە قىلچە مىننەتسىز مېھىر - شەپقەت بېرىدۇ، پەرزەنتلىرىنىڭ بەخت - سائادىتى ئۈچۈن ھەممە نەرسىسىنى ھەتتا گېزى كەلگەندە جېنىنىمۇ ئايىمايدۇ. دېمەك، ئاتا - ئانا بولغۇچىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئىككى دۇنيادا بولۇپمۇ ئۇ دۇنيادا بەختلىك بولۇشىنى ھەممىدىن بەك تىلەيدىغان، پەرزەنتلىرىنىڭ بەختى ئۈچۈن تىنىمىسز ۋە مىننەتسىز مېھنەت قىلىدىغان ئىنسانلاردۇر.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاللاھ تائالا ئاتا - ئانىلارنىڭ قەلبىگە پەرزەنتلىرىگە نىسبەتەن شۇنداق چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەتنى سالغانكى، ئاتا - ئانىلار شۇ مېھىر - مۇھەببەتنىڭ تۈرتكىسىدە كېچە - كۈندۈزلەپ پەرزەنتلىرىنىڭ غېمىنى يەيدۇ، ئۇلار ئۈچۈن چىن قەلبىدىن ئىككى دۇنيالىق بەخت - سائادەت تىلەيدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ كۆرسەتمىسىگە لايىق «مۇسۇلمان» بولۇشىنى ۋە شۇ «مۇسۇلمانلىق» سالاھىيىتى بىلەن ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ ھەم شۇنىڭ ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ. مۇسۇلمان بىر ئاتا - ئانا ئۆزلىرىگە مەسئۇل بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپىدىن ۋە ئازابىدىن ساقلىنىشقا تىرىشىش بىلەن بىرگە، پۈتۈن ئەھلى - ئەۋلادى ۋە بالا - چاقىلىرىنىمۇ ئوخشاشلا دوزاختىن ساقلاشقا قولىدىن كېلىشىچە تىرىشىدۇ.

ھەر ئىنسان بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىپ، بوۋاقلىق، بالىلىق، ئۆسمۈرلۈك ۋە ياشلىق دېگەندەك بىرقانچە باسقۇچنى باشتىن كەچۈرۈپ تاكى بالاغەتكە يېتىپ، ئاق - قارىنى پەرق ئەتكۈدەك بولغانغا قەدەر ئۆزىگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە نېمىنىڭ پايدىلىق، نېمىنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ بولالمايدۇ. نۇرغۇن دىنىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى جايىدا ھەل قىلالمايدۇ. شۇ ۋەجىدىن، چوڭلار بولۇپمۇ ئاتا - ئانا بولغۇچىلار بالىلىرىنى زىيانلىق ئىشلاردىن چەكلەيدۇ، پايدىلىق ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ. ئىسلام دىنىمۇ ھەركىم تۇغۇلۇپ، ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئاق - قارىنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان بالاغەت يېشىغا يەتكەنگە قەدەر پەرزەنتلىرىگە دىنىي تەلىم - تەربىيە بېرىش، ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇش ۋەزىپىسىنى چوڭلارغا بولۇپمۇ ئاتا - ئانىلارغا يۈكلەيدۇ. بۇ، ھەربىر ئاتا - ئانا بولغۇچىنىڭ بوينىدىكى باش تارتىپ بولالمايدىغان ئىلاھىي مەجبۇرىيەتتۇركى، ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئى مۇئمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا - چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار...[36]. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن مۇئمىنلەرنى ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىپ، دوزاخقا كىرىشكە سەۋەب بولىدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى دوزاختىن ساقلاش بىلەن بىرگە، پەرزەنتلىرىنىمۇ ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىشتىن، ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلماي «مۇسۇلمانلىق» سالاھىيىتىدىن مەھرۇم قېلىپ، دوزىخىيلاردىن بولۇپ قېلىشتىن ساقلاشقا بۇيرۇغانلىقىنى ئالاھىدە ئۇقتۇرىدۇ.

بۇ ھەقتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ: «سىلەر ھەممىڭلار پادىچى ۋە ئۆز پاداڭلارغا مەسئۇلسىلەر. ئىماممۇ پادىچى ۋە ئۆز پادىسىغا مەسئۇلدۇر، ئەر كىشىمۇ بالا - چاقىلىرى ئىچىدە پادىچىدۇر ۋە ئۆز پادىسىغا مەسئۇلدۇر، ئايال كىشىمۇ ئېرىنىڭ ئۆيىدە پادىچىدۇر ۋە ئۆز پادىسىدىن مەسئۇلدۇر...»[37] دېيىش ئارقىلىق ئاتا - ئانىلارنىڭ پۈتۈن قىز - ئايال ۋە بالا - چاقىلىرىغا مەسئۇل ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن ھالىدىن خەۋەر ئېلىش بىلەن بىرگە ئېتىقادىغا، دىنىي تەلىم - تەربىيەسىگە ۋە ئىككى دۇنيالىق مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغان ھەر خىل ئىلىملەرنى ئۆگىنىشىگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشى لازىملىقىنى، ئاللاھ تائالانىڭ قىيامەتتە ئاتا - ئانىلاردىن پەرزەنتلىرىنىڭ ھېسابىنى سورايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

دېمەك، ھەرقانداق مۇسۇلمان ئاتا - ئانا بىر تەرەپتىن ئاللاھ تائالا پەرزەنتلىرى ئالدىدا يۈكلىگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن پەرزەنتلىرىگە بولغان مېھىر - مۇھەببىتىنى جايىدا يەتكۈزۈشكە تىرىشىدۇ ۋە مۇشۇ مەقسەتتە پەرزەنتلىرىنىڭ ئىككى دۇنيالىق بەخت - سائادىتىنى كۆزلەپ ئۇلارنى ئامالنىڭ بارىچە ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسىدۇ، ياخشى ئىشلارغا ئادەتلەندۈرۈشكە تىرىشىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، ئاتا - ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ناماز ئوقۇش، قۇرئان ئوقۇش، روزا تۇتۇش، راستچىل بولۇش، دۇرۇس بولۇش، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەتمەن بولۇش، ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئۇيغۇن رەۋىشتە ياشاش دېگەندەك ئىشلارغا بۇيرۇغانلىقى؛ شۇنىڭدەك ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، ئاللاھقا ۋە پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىش، ھاراق ئىچىش، ئوغرىلىق قىلىش، زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى چېكىش، يالغان ئېيتىش، ۋەدىسىدە تۇرماسلىق، ئالدامچىلىق قىلىش، باشقىلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ھەق - ھوقۇقلىرىغا چېقىلىش، قىسقىسى، ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە خىلاپ ئىشلارنى قىلىپ «مۇسۇلمانلىق» سالاھىيىتىگە دەخلى يەتكۈزۈش دېگەندەك ھەر تۈرلۈك يامان قىلمىشلاردىن چەكلىگەنلىكى ھەرگىز ئۇلارنى دىنغا زورلىغانلىق ياكى ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە دەخلى - تەرۇز قىلغانلىق ھېسابلانمايدۇ. ئەكسىچە، بۇ، ئۇلارنىڭ ھەم پەرزەنتلىرىگە بولغان مېھىر - مۇھەببىتىنى ۋايىغا يەتكۈزۈشكە، ھەم ئاتا - ئانىلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ئەمر - پەرمانلىرىنى بەجا كەلتۈرۈشكە تىرىشقانلىقىدۇر. ماقالىنىڭ بېشىدىمۇ دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، مەيلى ئاتا - ئانا بولسۇن ياكى باشقا بىرى بولسۇن، كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بىر مۇسۇلماننى يەنە بىر مۇسۇلمان دىنىي ئىبادەتلەرگە ياكى باشقا قانداقتۇر بىرەر سالىھ ئەمەلنى قىلىشقا بۇيرۇسا، ئۇنى دىنغا زورلىغانلىق ھېسابلانمايدۇ، ئەكسىچە ئىسلامنىڭ ئەڭ مۇھىم كۆرسەتمىلىرى ۋە تەلەپلىرىدىن بىرى بولغان ئەمرىمەئرۇف - نەھيىمۇنكەردىن ئىبارەت بۇيرۇقىنى ئورۇندىغانلىق بولىدۇ. چۈنكى، بىز ماقالىنىڭ باش قىسمىدا ﴿دىنغا زورلاش يوق﴾ دېگەن ئايەت ۋە مۇشۇ مەزمۇندىكى باشقا ئايەتلەرنىڭ تېخى ئىسلامنى قوبۇل قىلمىغان، مۇسۇلمان بولمىغان ئادەملەرنى ئىسلامغا ياكى باشقا قانداقتۇر بىر دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا مەجبۇرلاشقا بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدىغانلىقى، ئەمما «مۇسۇلمانلىق» سالاھىيىتىگە ئىگە بىر مۇسۇلماننى دىنىي ئىبادەتلەرگە بۇيرۇش بۇ ئايەتتىكى «دىنغا زورلاش» ئۇقۇمىغا ياتمايدىغانلىقى، ئەكسىچە بۇنىڭ بىر مۇسۇلماننىڭ «مۇسۇلمانلىق» سالاھىيىتىگە يارىشا ياشاشقا ئۈندىگەنلىك بولىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتۇق.

بالىلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتلىرى نېمە؟ بالىلار 18 ياشقا توشسىلا ئاتا - ئانىسىدىن پۈتۈنلەي مۇستەقىل، چەكلىمىسىز ئەركىنلىككە ئىگە ئادەم بولۇپ كېتەمدۇ؟

كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەرقانداق ئىنسانغا نىسبەتەن ئاتا - ئانا ئاللاھ تائالادىن ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدىن قالسىلا ئەڭ سۆيۈملۈك، ئەڭ قەدىرلىك ئىنسانلاردۇر. چۈنكى، ئاتا - ئانا ئىنساننىڭ بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولۇشىدىكى ۋە شۇنچىلىك ئادەم بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى بىردىنبىر سەۋەبكاردۇر. ئىنساننىڭ ئاتا - ئانىسىنى ھەممىدىن بەك قەدىرلىشى ھەم ئىنسانىي، ھەم دىنىي مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتتۇر. ئىنسانىي مەجبۇرىيەت بولۇشى ئاتا - ئانا ئىنساننىڭ دۇنياغا كېلىشىگە سەۋەبچى بولغان، ئاندىن قاتمۇقات جاپا - مۇشەققەتلەرنى تارتىپ بېقىپ چوڭ قىلغان، يېمەي - يېگۈزۈپ، كىيمەي كىيدۈرگەن، بارلىقىنى پەرزەنتى ئۈچۈن بېغىشلىغان، گېزى كەلگەندە جېنىنىمۇ پەرزەنتلىرى ئۈچۈن قالقان قىلغان، ئۇلارغا قىلچە مىننەتسىز ياخشىلىقلارنى قىلغان، پۈتۈن مېھىر - مۇھەببىتىنى پەرزەنتلىرىگە بەخش ئەتكەن قەدىردان ئىنسانلاردۇر. قىسقىسى، ھېچقانداق بىر پەرزەنت ئاتا - ئانىسى ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىنى بىر ئۆمۈر يۈدۈپ يۈرۈپ باقسىمۇ ئادا قىلىپ بولالمايدۇ[38]. شۇ ۋەجىدىن، ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنى شېرىك كەلتۈرۈشكە مەجبۇرلىمىسىلا ئاتا - ئانىسىغا ئىتائەت قىلىشقا[39]، ئۇلارغا ئەڭ كۆپ ياخشىلىق قىلىشقا، ھەممىدىن بەك ھۆرمەتلەشكە بۇيرۇيدۇ[40]؛ ئاتا - ئانىنى قاقشىتىشتىن، ھالىدىن خەۋەر ئالماي تاشلىۋېتىشتىن، قاتتىق - قۇرۇق گەپلەرنى قىلىپ كۆڭلىنى ئاغرىتىشتىن، بولۇپمۇ ئاتا - ئانا ياشانغان ۋاقىتلاردا ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە كېلىدىغان كىچىككىنە قوپال گەپ قىلىشتىنمۇ قاتتىق چەكلەيدۇ[41]؛ ئاتا - ئانىنى قاقشىتىشنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتىن قالسىلا، ئەڭ چوڭ گۇناھلاردىن ھېسابلايدۇ[42]. ئاتا - ئانىغا ياخشىلىق قىلىش ۋە ھۆرمەتلەشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىدىن ئاللاھ تائالا ئۆزىنى يەككە - يېگانە دەپ بىلىشكە بۇيرۇپ، شېرىك كەلتۈرۈشتىن توسقاندىن كېيىنلا، ئاتا - ئانىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇيدۇ[43]. ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلەرنى ئۆزىگە قۇلچىلىق قىلىشقا چاقىرىش بىلەن ئاتا - ئانىغا ياخشىلىق قىلىشنى بىر يەردە تىلغا ئالغانلىقى ئاتا - ئانىلارغا ئىتائەت قىلىش ۋە ياخشىلىق قىلىشنىڭمۇ قەتئىي سەل قاراشقا بولمايدىغان، مۇھىم ئىبادەتلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە قۇرئان كەرىمدە ئاتا - ئانىغا ياخشىلىق قىلىشنىڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى ئالاھىدە ئۇقتۇرۇلۇپ، ئاللاھ تائالا ئىيسا ئىبنى مەريەم ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلىدىن مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئاللاھ مېنى ئانامغا كۆيۈمچان قىلدى؛ مۇتەكەببىر، بەدبەخت قىلمىدى﴾[44].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشنىڭ ئاتا - ئانىنى خۇشال قىلىشقا باغلىق ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭدەك ئاتا - ئانىنى غەزەپلەندۈرۈشنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپىگە دۇچار قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ[45]؛ ئۆمرى ئۇزۇن، رىزقى كەڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلارنى ئاتا - ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا ۋە ئۇرۇق - تۇغقانچىلىقنى يەتكۈزۈشكە تەۋسىيە قىلىدۇ[46]؛ بېشىغا كۈن چۈشۈپ، قىيىن كۈندە قەتئىي ئىلاجىسىز قالغاندا، ئاتا - ئانىغا قىلغان ياخشىلىق ئەسقاتىدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم قۇتۇلدۇرالمايدىغان قىيىنچىلىقلاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قىلىنغان دۇئالارنىڭمۇ ئاتا - ئانىغا قىلغان ياخشىلىق تۈپەيلى ئىجابەت بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ[47]؛ ئاتا - ئانىنىڭ جەننەت ئىشىكلىرىنىڭ ئەڭ چوڭى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئىنساننىڭ جەننەتكە كىرىشىدە ئاتا - ئانىنى رازى قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى[48]؛ ئاتا - ئانىسىنى قاقشاتقۇچىنىڭ مۇشۇ دۇنيادىلا جازالىنىدىغانلىقىنى[49]، ئاخىرەتتىمۇ جەننەتكە كىرەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ[50]. يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەرزەنت ئاتا - ئانىسىغا ئىتائەتمەن بولۇپ، ياخشى مۇئامىلە قىلسا، ئاتا - ئانىسىنى خۇش قىلسا، ئۇلارمۇ ئاتا - ئانا بولغاندا ئىتائەتمەن، سالىھ پەرزەنتلەر ئاتا قىلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ[51]. ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئان كەرىمدە ھەرقانداق ياخشىلىقنى چوقۇم ياخشىلىق بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى[52] ئۇقتۇرغانلىقىمۇ مۇشۇ مەنىنى كۈچلەندۈرىدۇ. ئادەتتە بىز ئۇيغۇرلاردىمۇ «نېمە تېرىساڭ، شۇنى ئورايسەن» دېگەن ماقال - تەمسىل بار. بولۇپمۇ ھەركىمنىڭ ئۆز ئاتا - ئانىسىغا قىلغانلىرى مەيلى ياخشىلىق بولسۇن ياكى يامانلىق بولسۇن، كۆپىنچە ھاللاردا مۇشۇ دۇنيانىڭ ئۆزىدىلا ئۆزىگە قايتىدىغان ئەھۋاللار كۆپ. يەنى ئاتا - ئانىسىغا ئىتائەت قىلىپ، رازى قىلغانلارغا ئاللاھ تائالا ئىتائەتمەن، سالىھ پەرزەنتلەرنى ئاتا قىلىدۇ؛ ئاتا - ئانىسىنى قاقشىتىپ، نارازى قىلغانلارنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ ئۇلارنى قاقشىتىدۇ. شۇڭا، ھەرقانداق پەرزەنت ئاتا - ئانىسى ناۋادا ئاللاھ تائالا بىرەر نەرسىنى شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىمىسىلا ئۇلارغا ئىتائەت قىلىشى، ئۇلارنى رازى قىلىشقا قولىدىن كېلىشىچە تىرىشىشى لازىم.

ئەمدى «بالىلار 18 ياشقا توشسىلا، ئاتا - ئانىسىدىن پۈتۈنلەي مۇستەقىل، چەكلىمىسىز ئەركىنلىككە ئىگە ئادەم بولۇپ كېتەمدۇ؟» دېگەن سوئالغا كەلسەك، ئىسلامدىن خالىي دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ قانۇن - تۈزۈمىگە ئاساسەن، بىر بالا مەيلى ئوغۇل ياكى قىز بولسۇن 18 ياشقا توشقاندا ئاتا - ئانىسىدىن مۇستەقىل ئادەم بولىدۇ. يەنى بىر بالا 18 ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن ئاتا - ئانىسىنىڭ تەسەررۇپى ۋە باشقۇرۇشى ئاستىدا بولسىمۇ، 18 ياشقا توشقاندا ھاياتنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ساھەلىرىدە ئۆزى چاغلاپ ئىش قىلالايدۇ، ياخشى - يامان پۈتۈن قىلمىشلىرىغا ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. جۈملىدىن، بىرەر جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قويسا، ئاتا - ئانىسى ئەمەس، بەلكى ئۆزى بىۋاسىتە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ باشقىلارنىڭ بىرەر نەرسىسىنى بۇزۇپ قويسا، ئۆزى تۆلەيدۇ.

ئىسلامدا ئىنساننىڭ مۇستەقىل ئادەم بولۇش دەۋرى 18 ياشقا باغلانماستىن، ئاق - قارىنى پەرق ئەتكۈدەك ياش بولغان بالاغەت يېشى ئاساس قىلىنىدۇ[53]؛ ئىنسان بالاغەت يېشىغا يەتكەندە، مۇستەقىل ئادەم بولىدۇ. يەنى بۇ، ئىسلامدا ئىنسان بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن ياخشى - يامان پۈتۈن ئىشلىرىغا ئۆزى بىۋاسىتە مەسئۇل ۋە جاۋابكار بولىدۇ؛ جىنايەت ئۆتكۈزگەن بولسا، قىلمىشىغا ئۆزى بىۋاسىتە جاۋابكار بولۇپ، تېگىشلىك جازالار بېرىلىدۇ. مەسىلەن، باشقىلارنىڭ بىرەر نەرسىسىنى ئېلىۋالغان ياكى بۇزۇۋەتكەن بولسا، ئۆزى تۆلەيدۇ؛ ئاندىن بۇ دۇنيادا پۈتۈن قىلغان - ئەتكەنلىرىنىڭ جاۋابىنى قىيامەتتە ئاللاھقا يەنە ئۆزى بېرىدۇ، دېگەنلىكتۇر. قىسقىسى، مەيلى باشقا قانۇن - تۈزۈملەردىكىدەك 18 ياشقا توشقاندا بولسۇن، مەيلى ئىسلامدىكىدەك بالاغەت يېشىغا يەتكەندە بولسۇن بالىنىڭ مەسئۇلىيىتى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ، قىلغان - ئەتكەنلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز بىۋاسىتە ئۈستىگە ئالىدۇ. ئەگەر يەھۇدىي بولسا، يەھۇدىي دىنىنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە، خىرىستىيان بولسا خىرىستىيان دىنىنىڭ تەلىماتلىرى بويىچە ياشايدۇ. ناۋادا مۇسۇلمان بولسا، ئۆزىنى «مەن مۇسۇلمان» دېسە، ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلغان ئاساستا، «مۇسۇلمانلىق» سالاھىيىتىگە يارىشا ياشاشقا مەجبۇردۇر. بولمىسا، يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، «مۇسۇلمانلىق» سالاھىيىتىدىن مەھرۇم بولىدۇ. بالاغەتكە يېتىشتىن بۇرۇن بالىنى تەربىيەلەش، توغرا - خاتانى تونۇتۇش، ياخشى - ياماننى ئىلغىتىش، ھالال - ھارامنى بىلدۈرۈش، قىسقىسى، يوقتىن ئاپىرىدە قىلغۇچى پەرۋەردىگار ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە ياشاشنى ئۆگىتىش قاتارلىق بىر قاتار مەسئۇلىيەتلەر ئاتا - ئانىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن بولسىمۇ، بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن بۇ ۋە بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتلەر بىۋاسىتە بالىنىڭ زىممىسىگە يۈكلىنىدۇ. بۇ دۇنيادىمۇ، قىيامەتتىمۇ ئۆز قىلمىشلىرىغا ئۆزى جاۋابكار بولىدۇ، ئاتا - ئانىسى ياكى باشقا بىرەر ئۇرۇق - تۇغقىنى ئۇنىڭ قىلمىشلىرىغا جاۋابكار بولمايدۇ[54]. دېمەك، بالا ياشتا چوڭايغانسېرى مەسئۇلىيىتى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ ماڭىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بالا 18 ياشقا كىرگەندە ياكى بالاغەت يېشىغا يەتكەندە، «مۇستەقىل ئادەم بولدۇم» دەپلا باشقا دىنلاردىكىدەك ياكى دىنسىزلاردەك ئاتا - ئانىسىنى پۈتۈنلەي تاشلىۋەتسە، ئۇلارغا ئىتائەتسىزلىك قىلىپ نارازى قىلسا ۋە قاقشاتسا، ياشانغاندا ھالىدىن خەۋەر ئالمىسا، تۈرلۈك ئېغىرچىلىقلىرىنى كۆتۈرمىسە، بۇنداق پەرزەنت ئىسلامدا ئاتا - ئانىنى قاقشاتقۇچى ھېسابلىنىپ، ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ئېغىر گۇناھكار بولىدۇ ۋە بۇنىڭ ھېسابىنى قىيامەتتە چوقۇم بېرىدۇ.

ئاتا - ئانىغا ياخشىلىق قىلىش، «چوڭ بولدۇم» دەپلا ئاتا - ئانىنى تاشلىۋەتمەسلىك ياكى ئىتائەتسىزلىك قىلىپ نارازى قىلماسلىقنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئىنسانلارنى ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇپلا، پەرزەنتلەرنى ئاتا - ئانىلارغا ياخشىلىق قىلىشقا بولۇپمۇ ئۇلار ياشىنىپ قالغاندا ئۇلارنىڭ ھالىدىن تېخىمۇ ياخشى خەۋەر ئېلىشقا بۇيرۇپ، كىچىككىنە بولسىمۇ كۆڭلىنى ئاغرىتىشتىن قاتتىق چەكلەپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا - ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى. ئۇلاردىن بىرى ياكى ئىككىلىسى سېنىڭ يېنىڭدا بولۇپ ياشىنىپ قالسا، ئۇلارغا: ۋاي - ۋۇۇۇي! دېمىگىن (يەنى شۇنچىلىك بولسىمۇ مالاللىقنى بىلدۈرىدىغان سۆزنىمۇ قىلمىغىن). ئۇلارنى دۈشكەللىمىگىن، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن يۇمشاق سۆز قىلغىن. ئۇلارغا كامالى مېھرىبانلىقتىن ناھايىتى كەمتەر مۇئامىلىدە بولغىن ۋە: ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيەلىگىنىدەك ئۇلارغىمۇ مەرھەمەت قىلغىن، دېگىن﴾[55]. بۇ ھەقتە يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ: «ئاتا - ئانىسى ياشىنىپ قالغانغا قەدەر ئۆمۈر كۆرۈپ تۇرۇپ (ئاتا - ئانىسىنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلىپ، رازىلىقىنى ئېلىپ) جەننەتكە كىرەلمىگەن ئادەمنىڭ ھالىغا ۋايدېگەن[56]. بۇ ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن ئاتا - ئانىنىڭ نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سېلىپ، ئىتائەتمەنلىك بىلەن بويسۇنۇپلا قالماي، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشنىڭ، بولۇپمۇ بالىلار چوڭ بولۇپ، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئادەم بولغان ۋە ئاتا - ئانىسى ياشىنىپ قالغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىپ، ئۇلارنى رازى قىلىشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

يىغىپ ئېيتقاندا، قۇرئان كەرىمدىكى ﴿دىنغا زورلاش يوق﴾ دېگەن ئايەتنىڭ مەنىسى ھەرگىز «بىرەر مۇسۇلماننى ياكى مۇسۇلمان پەرزەنتىنى ئاتا - ئانىسى ياكى باشقىلار دىنىي ئىبادەتلەرنى بەجا كەلتۈرۈشكە ۋە ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئاساسەن ياشاشقا بۇيرۇش ھەققى يوق؛ گەرچە مۇسۇلمان بولسىمۇ، ھەركىم ئۆزى خالىغانچە ياشاش ئەركىنلىكىگە ئىگە» دېگەنلىك بولمايدۇ. ئەكسىچە، بۇ ئايەت «تېخى مۇسۇلمان بولمىغانلارنى ئىسلامغا ئېتىقاد قىلىشقا زورلاشقا بولمايدۇ» دېگەندەك مەنىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا، ئاتا - ئانىلارنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنى ياكى باشقا بىر مۇسۇلمان يەنە بىر مۇسۇلماننى ئىسلامدا بەلگىلەنگەن ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشقا تەۋسىيە قىلغانلىقى، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسقانلىقى، ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئۇيغۇن ياشاشقا چاقىرغانلىقى ھەرگىز دىنغا زورلىغانلىق ئەمەس، بەلكى «مۇسۇلمانلىق» سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان كىشىنى شۇ سالاھىيىتىگە يارىشا ياشاشقا چاقىرىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ «ئەمرىمەئرۇف - نەھيىمۇنكەر» ھەققىدىكى بۇيرۇقىنى بەجا كەلتۈرگەنلىكتۇر.

بۇ دۇنيادا ھەركىمنىڭ مۇئەييەن بىر سالاھىيىتى ۋە كىملىكى بولىدۇ. مۇئەييەن سالاھىيەت ۋە كىملىككە ئىگە بولغان كىشى ئۆزىنىڭ شۇ سالاھىيىتى ۋە كىملىكىگە يارىشا ياشاشقا مەجبۇردۇر. بولمىسا، ئۇ مەزكۇر سالاھىيەتتىن مەھرۇم قالىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۆزىنى «مەن مۇسۇلمان» دەيدىغان ھەرقانداق ئادەمنىڭمۇ ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلغان ئاساستا، «مۇسۇلمانلىق» سالاھىيىتىگە يارىشا ياشاش مەجبۇرىيىتى بار. ئەگەر ئۆزىنى «مەن مۇسۇلمان» ياكى «مەن مۇسۇلماننىڭ پەرزەنتى» دەپ قويۇپ، ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلمىسا، ئىسلامدا بەلگىلگەنگەن ئىبادەتلەرنى ئادا قىلماي، چەكلىگەن ئىشلاردىن يانمىسا، ئۇنىڭدا «مۇسۇلمانلىق» سالاھىيىتى بولمايدۇ. مۇسۇلمان پېتى ئۆلۈش ئۈچۈن، چوقۇم ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە رىئايە قىلىپ، ئەمر - پەرمانلىرىنى بەجانىدىللىق بىلەن ئورۇنداپ، چەكلىمىلىرىدىن قەتئىي ساقلىنىش ئارقىلىق مۇسۇلمان پېتى ياشاش كېرەك. بولۇپمۇ ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلىرىنى دىنىي ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشقا ۋە ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە ياشاشقا بۇيرۇسا ۋە ھەرقانداق سەۋەب بىلەن بالا ئاتا - ئانىسىغا ئىتائەت قىلمىسا، ھەم ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان، ھەم ئاتا - ئانىنى قاقشاتقان ھېسابلىنىپ قاتمۇقات گۇناھكار بولىدۇ. شۇڭا، بالىلار ئاتا - ئانىسىنى نارازى قىلىپ سېلىشتىن قاتتىق ھەزەر ئەيلىشى لازىم. يەنە بالىلار 18 ياشقا كىرگەنلىكى ئۈچۈنلا چەكلىمىسىز ئەركىنلىككە ئىگە بولۇپ قالمايدۇ. ھەر ئىنسان بۇ دۇنيادا قانداق ياشىغان بولسا، ئاخىرەتتە شۇنداق ھېساب بېرىدۇ[57]. شۇڭا، ھەرقانداق مۇسۇلمان بۇ دۇنيادا زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلغان بولسا، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى چوقۇم كۆرىدىغانلىقىنى؛ زەررىچىلىك يامان ئىش قىلغان بولسا، ئۇنىڭ جازاسىنىمۇ چوقۇم تارتىدىغانلىقىنى[58] زىنھار ئېسىدىن چىقارماسلىقى لازىم.

يەنە بىر مۇھىم نۇقتا ئىسلامدىكى «دىنغا زورلاش يوق» دەيدىغان بۇ پىرىنسىپ ھەرگىز ئۆزىنى «مەن مۇسۇلمان» دەيدىغان ئادەمنىڭ ئىسلامدا بەلگىلەنگەن ئىبادەتلەرنى بەجا كەلتۈرمەي، ئىسلامنىڭ ئەمر - پەرمانلىرى ۋە چەكلىمىلىرىگە بويسۇنماي، ئۆزى خالىغانچە ياشىسىمۇ «مۇسۇلمان» بولىۋېرىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. چۈنكى، ئومۇمەن ھەرقانداق بىر دىننىڭ، خۇسۇسەن ئىسلام دىنىنىڭ ھەرقانداق ئېتىقادچىدىن تەلەپ قىلىدىغان بىر قاتار تەلەپلىرى، ئەمر - پەرمانلىرى ۋە چەكلىمىلىرى بولىدۇ. بولۇپمۇ ئىسلام دىنى بەزىلەر ئويلىۋالغاندەك پەقەت كۆڭۈلدە بولسىلا بولىدىغان ئىمان ۋە پەلسەپىۋى نەزەرىيەلەردىنلا ئىبارەت بولماستىن، ئىنسانلارنىڭ يەككە ۋە كوللېكتىپ ھاياتىنى مەركەز قىلىدىغان ئەخلاقىي قىممەت - قاراش ۋە قانۇن - نىزاملارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن، قۇرئان كەرىمگە قارايدىغان بولساق، «ئى مۇئمىنلەردەپ مۇئمىن مۇسۇلمانلارغا خىتاب قىلىنغان ئايەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە ئىماندىن كېيىنلا «سالىھ ئەمەل» تىلغا ئېلىنىپ، ئۆزىنى «مەن مۇئمىن، مەن مۇسۇلمان» دەيدىغان ئىنسانلار مەلۇم ئىشلارغا بۇيرۇلىدۇ ياكى مەلۇم ئىشلاردىن چەكلىنىدۇ[59]. شۇڭا، مەيلى ئەر ياكى ئايال، ھۆكۈمدار ياكى پۇقرا، چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن، ئۆزىنى «مەن مۇسۇلمان» دەيدىغان ھەربىر شەخس چوقۇم ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئۇيغۇن ياشىشى لازىم.


 



[1] سەييىد قۇتۇب: «فىي زىلالىل قۇرئان»، دارۇششۇرۇق نەشرىياتى، بېيرۇت، 1972 - يىلى نەشرى، 1 - جىلد، 291 - بەت.

[2] سۈرە بەقەرە، 256 - ئايەت.

[3] بۇ ماقالىنىڭ مەركىزىي ئىدىيەسى بولغان «ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئۇقۇمى»غا مۇناسىۋەتلىك نەقىل قىلىنغان بىر قىسىم ئايەت ۋە ھەدىسلەر بولۇپمۇ «دىنغا زورلاش يوق» دېگەن مەنىدىكى سۈرە بەقەرەنىڭ 256 - ئايىتى ھەققىدە ئىسلام ئۆلىمالىرى ئىچىدە «بۇ مەزمۇندىكى ئايەتلەرنىڭ جىھاد ئايىتى بىلەن مەنسۇخ قىلىنغانلىقى، مۇسۇلمانلار فەتھى قىلغان جايلاردىكى كىشىلەرنىڭ مۇتلەق ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىلمەستىن، جىزيە تۆلىگەندىن كېيىن ئېتىقاد ئەركىنلىكى بېرىلگەنلىكى، بولمىسا ئۇرۇش ئېچىلغانلىقى، شۇڭا بۇ ئايەتنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكى...» دېگەندەك بىر قىسىم تەپسىلاتلار بار بولۇپ، بۇ ماقالىدە مەزكۇر تەپسىلاتلار ھەققىدە توختالمىدۇق. چۈنكى، بۇ ماقالە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ «دىنغا زورلاشقا بولمايدىغانلىقى»غا ئائىت مەزمۇندىكى ئايەتلەرنى بىلىپ - بىلمەي خاتا چۈشىنىۋېلىشى ۋە بەزىلەرنىڭ غەرەزلىك ھالدا سۇيىئىستېمال قىلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئۇقۇم قالايمىقانچىلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش مەقسىتىدە يېزىلغان بولۇپ، بۇ ماقالىدە پەقەت مۇشۇ مەزمۇندىكى ئايەتلەرنىڭ نېمە مەنىدە ئىكەنلىكىنى ۋە قانداق چۈشىنىش كېرەكلىكىنى ھەمدە مەزكۇر ئايەتلەرنىڭ «ئېتىقاد ئەركىنلىكى» مەسىلىسىگە قانچىلىك مۇناسىۋىتى بارلىقىنى، بۇ ئايەتلەردە كۆزدە تۇتۇلغان ئەركىنلىك دائىرىسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشلا مەقسەت قىلىندى. شۇڭا، بۇ ھەقتە تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك مەلۇماتلارنى بىلمەكچى بولغانلار مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەرگە مۇراجىئەت قىلغاي.

[4] ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1990 - يىلى نەشرى، 1 - جىلد، 254−255 - بەتلەر.

[5] سۈرە بەقەرە، 256 - ئايەت.

[6] ئىمام تەبەرىي: «تەپسىر تەبەرىي»، نەشرگە تەييارلىغۇچى: مەھمۇد مۇھەممەد شاكىر ۋە ئەھمەد مۇھەممەد شاكىر، مەكتەبەتۇ ئىبنى تەيمىيە، قاھىرە، 5 - جىلد، 407−416 - بەتلەر.

[7] سۈرە ھۇجۇرات، 1415 - ئايەتلەر.

[8] ئىمام تەبەرىي: «تەپسىر تەبەرىي»، نەشرگە تەييارلىغۇچى: ئابدۇللاھ ئىبنى ئابدۇلمۇھسىن تۈركىي، ھىجر نەشرىياتى، قاھىرە، 2001 - يىلى نەشرى، 21 - جىلد، 391 - بەت.

[9] ئىمام كاسانىي: «بەدائىئۇس سەنائىئ فى تەرتىيبىش شەرائىئ»، دارۇلكۇتۇبىل ئىلمىييە، بېيرۇت، 1986 - يىلى نەشرى، 4 - جىلد، 136 - بەت ۋە 5 - جىلد، 176 - بەت؛ مالىك ئىبنى ئەنەس، «ئەلمۇدەۋۋەنەتۇل كۇبرا» (ئىمام سەھنۇننىڭ ئىمام ئىبنى قاسىمدىن رىۋايىتى)، دارۇلكۇتۇبىل ئىلمىييە، بېيرۇت، 1994 - يىلى نەشرى، 2 - جىلد، 394 - ۋە 436 - بەتلەر.

[10] ئىمام ئەزەم، ئەبۇ ھەنىفە نۇئمان: «ئەلفىقھۇل ئەكبەر»، دائىرەتىل مەئارىف ئوسمانىييە، ھەيدەر ئاباد، دەكن-ھىندىستان، 1979 - يىلى نەشرى، 6 - بەت.

[11] ئىبنى كەسىر: «تەپسىيرۇل قۇرئانىل ئەزىم» (تەپسىر ئىبنى كەسىر)، نەشرگە تەييارلىغۇچىلار: مۇستافا سەييىد مۇھەممەد ۋە باشقىلار، مۇئەسسەسەتۇ قۇرتۇبە، قاھىرە، 2000 - يىلى نەشرى، 2 - جىلد، 444 - بەت.

[12] ئەبۇ لەيس سەمەرقەندىي: «تەپسىر سەمەرقەندىي» (بەھرۇلئۇلۇم)، نەشرگە تەييارلىغۇچىلار: ئەلى مۇھەممەد مۇئەۋۋەز ۋە باشقىلار، دارۇلكۇتۇبىل ئىلمىييە، بېيرۇت، 1993 - يىلى نەشرى، 1 - جىلد، 224 - بەت.

[13] ئىمام تەبەرىي: «تەپسىر تەبەرىي»، نەشرگە تەييارلىغۇچى: مەھمۇد مۇھەممەد شاكىر ۋە ئەھمەد مۇھەممەد شاكىر، مەكتەبەتۇ ئىبنى تەيمىيە، قاھىرە، 5 - جىلد، 415 - بەت.

[14] مۇسنەدى دارمىي، فەزائىلۇل قۇرئان، 3423 - ھەدىس؛ ئىسمائىل ئىبنى كەسىر: «تەپسىر ئىبنى كەسىر»، نەشرگە تەييارلىغۇچىلار: مۇستافا سەييىد مۇھەممەد ۋە باشقىلار، مۇئەسسەسەتۇ قۇرتۇبە نەشرىياتى، 2000 - يىلى نەشرى، 2 - جىلد، 430−432 - بەتلەر.

[15] سۈرە بەقەرە، 256 - ئايەت.

[16] ئىبنى كەسىر: «تەپسىيرۇل قۇرئانىل ئەزىم» (تەپسىر ئىبنى كەسىر)، نەشرگە تەييارلىغۇچىلار: مۇستافا سەييىد مۇھەممەد ۋە باشقىلار، مۇئەسسەسەتۇ قۇرتۇبە، قاھىرە، 2000 - يىلى نەشرى، 2 - جىلد، 444 - بەت.

[17] سۈرە يۇنۇس، 99 - ئايەت.

[18] سۈرە كەھف، 29 - ئايەت.

[19] ئىمام سۇيۇتىي: «ئەددۇررۇل مەنسۇر فىتتەپسىيرىل مەئسۇر»، دارۇل فىكر، بېيرۇت، 2011 - يىلى نەشرى، 2 - جىلد، 21 - بەت.

[20] سۈرە ئال ئىمران، 104 -، 110 - ۋە 114 - ئايەتلەر؛ سۈرە تەۋبە، 71 - ئايەت؛ سەھىھ مۇسلىم، ئىمان، 78 - ۋە 80 - ھەدىس.

[21] سۈرە مائىدە، 7879 - ئايەتلەر؛ سۈرە ئەنفال، 25 - ئايەت؛ سۈنەن ئەبى داۋۇد، مەلاھىم، 4336 - ھەدىس.

[22] سۈرە ئەئراف، 165 - ئايەت.

[23] سەھىيھۇل بۇخارىي، ھۇدۇد، 6773−6779 - ھەدىسلەر؛ سەھىھ مۇسلىم، ھۇدۇد، 1706−1707 - ھەدىسلەر.

[24] سۈرە مائىدە، 38 - ئايەت؛ سەھىيھۇل بۇخارىي، ھۇدۇد، 6788−6799 - ھەدىسلەر؛ سەھىھ مۇسلىم، ھۇدۇد، 1684−1689 - ھەدىسلەر.

[25] سۈرە نۇر، 2 - ئايەت؛ سەھىيھۇل بۇخارىي، ھۇدۇد، 6812−6814 - ۋە 6819−6820 - ھەدىسلەر؛ سەھىھ مۇسلىم، ھۇدۇد، 1690−1693 - ھەدىسلەر.

[26] سۈرە نۇر، 4 - ئايەت؛ سەھىيھۇل بۇخارىي، ھۇدۇد، 6859−6860 - ھەدىسلەر.

[27] سەھىيھۇل بۇخارىي، زاكات، 1400 - ھەدىس.

[28] ئىمام تەبەرىي: «تارىخ تەبەرىي»، نەشرگە تەييارلىغۇچى: مۇھەممەد ئەبۇلفەزل ئىبراھىم، دارۇل مەئارىف، قاھىرە، 3 - جىلد، 258 - بەت.

[29] سەھىيھۇل بۇخارىي، ئىمان، 8 - ھەدىس.

[30] سەھىھ مۇسلىم، ئىمان، 8 - ھەدىس.

[31] سۈرە ئال ئىمران، 102 - ئايەت.

[32] سەھىيھۇل بۇخارىي، قەدەر، 6594 - ھەدىس.

[33] ئىمام تەبەرىي: «تەپسىر تەبەرىي»، نەشرگە تەييارلىغۇچى: ئابدۇللاھ ئىبنى ئابدۇلمۇھسىن تۈركىي، ھىجر نەشرىياتى، قاھىرە، 2001 - يىلى نەشرى، 15 - جىلد، 244−245 - بەت؛ ئىمام قۇرتۇبىي: «تەپسىر قۇرتۇبىي (ئەلجامىئ لىئەھكامىل قۇرئان)»، نەشرگە تەييارلىغۇچى: ئابدۇللاھ ئىبنى ئابدۇلمۇھسىن تۈركىي ۋە باشقىلار، مۇئەسسەسەتۇررىسالە نەشرىياتى، بېيرۇت، 2006 - يىلى نەشرى، 13 - جىلد، 260 - بەت.

[34] سۈرە يۇنۇس، 99 - ئايەت.

[35] سۈرە يۇنۇس، 98−103 - ئايەتلەر.

[36] سۈرە تەھرىم، 6 - ئايەت.

[37] سەھىيھۇل بۇخارىي، جۇمۇئە، 893 - ھەدىس؛ سەھىھ مۇسلىم، ئىمارە، 1829 - ھەدىس.

[38] مۇسلىم، ئىتق، 3799 – ھەدىس؛ تىرمىزىي، بىرر، 1906 – ھەدىس.

[39] سۈرە لۇقمان، 14−15 - ئايەتلەر.

[40] سەھىيھۇل بۇخارىي، ئەدەب، 5971 - ھەدىس؛ سەھىھ مۇسلىم، بىرر، 2548 - ھەدىس.

[41] سۈرە ئىسرا، 23−24 - ئايەتلەر.

[42] سەھىيھۇل بۇخارىي، ئەدەب، 5976−5977 - ھەدىسلەر.

[43] سۈرە نىسا، 36 - ئايەت؛ سۈرە ئىسرا، 23 - ئايەت.

[44] سۈرە مەريەم، 32 - ئايەت.

[45] تىرمىزىي، بىرر، 1899 – ھەدىس؛ بەيھەقىي: «شۇئەبۇل ئىمان»، 6 – جىلد، 177.

[46] ئىبنى ئەبىددۇنيا: «مەكارىمۇل ئەخلاق»، نەشرگە تەييارلىغۇچى: مۇھەممەد ئابدۇلقادىر ئەھمەد ئەتا، دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، بېيرۇت، 1989 - يىلى نەشرى، 244 - ھەدىس.

[47] سەھىيھۇل بۇخارىي، بۇيۇئ، 2215 - ھەدىس؛ ئىجارە، 2272 - ھەدىس.

[48] تىرمىزىي، بىرر، 1900 – ھەدىس؛ ئىبنى ماجە، تالاق، 2089 – ھەدىس.

[49] ئىمام بۇخارىي: «ئەدەبۇل مۇفرەد»، نەشرگە تەييارلىغۇچى: مۇھەممەد فۇئاد ئابدۇلباقىي، ئەلمەتبەئەتۇس سەلەفىييە، قاھىرە، ھىجرىيە 1375 - يىلى نەشرى، 591 - ھەدىس.

[50] سۈنەن نەسائىي، 2343 - ھەدىس.

[51] تىرمىزىي، بىرر، 2022 – ھەدىس.

[52] سۈرە راھمان، 60 - ئايەت.

[53] بالاغەت يېشىنىڭ قانچە ئىكەنلىكى ۋە بۇنىڭ نېمىگە ئاساسەن بېكىتىلىدىغانلىقى ھەققىدە فىقھىي كىتابلىرىدا نۇرغۇن تەپسىلاتلار بار. بۇ ھەقتە كونكرېت مەلۇماتقا ئېرىشمەكچى بولغانلار مەزكۇر مەنبەلەرگە مۇراجىئەت قىلغاي.

[54] سۈرە فاتىر، 18 - ئايەت.

[55] سۈرە ئىسرا، 23−24 - ئايەتلەر.

[56] سەھىھ مۇسلىم، 6603 - ھەدىس.

[57] سۈرە نەجم، 39−40 - ئايەتلەر.

[58] سۈرە زەلزەلە، 7 - ئايەت.

[59] قۇرئان كەرىمدە ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغانلارغا جەمئىي 88 يەردە «ئى مۇئمىنلەر!...» دەپ خىتاب قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر خىتابلاردىن كېيىنلا ئۆزىنى «مەن مۇسۇلمان» دەيدىغان ھەربىر ئىمانلىق كىشى قىلىشقا تېگىشلىك بىرەر ئىشقا بۇيرۇلغان ياكى قىلماسلىققا تېگىشلىك بىرەر ئىشتىن چەكلەنگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە مەخسۇس ئەسەرلەرمۇ يېزىلغان. شۇڭا، بۇ ھەقتە كەڭ دائىرىلىك مەلۇماتقا ئېرىشمەكچى بولغانلار مەزكۇر ئەسەرلەرگە مۇراجىئەت قىلغاي ياكى بىۋاسىتە قۇرئان كەرىمدىكى «ئى مۇئمىنلەر...» دېگەن چاقىرىق بىلەن باشلانغان ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرىگە قارىسىمۇ، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان مۇسۇلمانلارنىڭ نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرۇلۇپ، يەنە نۇرغۇن ئىشلاردىن چەكلەنگەنلىكىنى بىلىۋالالايدۇ.