ئۆلىمالىرىمىزنى قەدىرلەيلى

ئۆلىمالىرىمىزنى قەدىرلەيلى 

 

-          يىراقتىكى موللا داموللا، يېقىندىكى موللا بار موللا

«ئۇيغۇر خەلق ماقال تەمسىللىرىدىن»

 مۇھەممەد ئەمىن بېشارەت


ئۆلىمالار- مىللەتنىڭ بايلىقى، كەلگۈسى ئۈمىدى، نۇرلۇق قۇياشى، ھىدايەت يۇلتۇزى، بەخت سائادىتى، پەخرى – شاراپىتى، ئىستىقبال كاپالىتى، مۇستەقىللىق بېشارىتى دېمەكتۇر. ئۆز ئالىملىرىدىن نەپرەتلىنىدىغان مىللەت قۇياشتىن نەپرەتلىنىدىغان شەپەرەڭلەر توپىغا ئوخشايدۇ. ئۆز ئالىملىرىنى قەدىرلىمىگەن مىللەت ئالىمسىز قالىدۇ. ئالىمسىز قالغان مىللەت جاھالەت باياۋانلىرىدا يول تاپالماي ۋەيران بولىدۇ.

كىچىك ۋاقىتلىرىمدا دادامدىن «يىراقتىكى موللا داموللا، يېقىندىكى موللا بار موللا» دېگەن ماقال - تەمسىلنى پات - پات ئاڭلاپ قالاتتىم. ئۇ چاغلاردا ئەسىرلەر بويى تاۋلىنىپ ئەجدادلىرىمىزدىن بىزگىچە يېتىپ كەلگەن بۇ ئەقلىيە سۆزنىڭ مەنىسىنىڭ تېگىگە يەتمەپتىكەنمەن. كېيىن ئىلمى ھاياتقا قەدەم باسقاندىن كېيىن، بۇ سۆزنىڭ ئالىملاردىن ئاۋام پۇقرالارغىچە ھەممىلا كىشىنىڭ ئېغىزىدا قايىللىق بىلەن ئايلىنىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ ئۇزاق ئويلانغانىدىم. مانا بۈگۈن بۇ سۆزنىڭ ئۆتمۈشىمىز ۋە رېئاللىقىمىز بىلەن چوڭقۇر باغلىنىشلىق ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، قولۇمغا قەلەم ئېلىش ئىمكانىيىتىم بولغان بۇ سائەتلەردە ئاق قەغەزنى قارا سىياھ بىلەن بوياپ ئولتۇرۇپتىمەن.

 مەزكۇر ماقال - تەمسىلنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى ھەققىدە ئىشەنچىلىك، ئېنىق بىر تارىخى مەلۇماتقا ئىگە بولمىساممۇ، ئەمما ئۇ تارىخىمىزدىكى ئاچچىق تراگېدىيەلەرنىڭ خەلق قەلبىدىن ئېتىلىپ چىققان ھەسرەتلىك نامايەندىسى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەنلىكى مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇرىدۇ.

 16-ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ نەمەنگان شەھىرىدە تۇغۇلۇپ نەقىشبەندىيە تەرىقىتىنىڭ بەشىنچى ئەۋلاد پىرى دەپ قارالغان مەخدۇم ئەزەم ئۆز شەھىرىدە تۇرار جايى قالمىغاندا ئۇيغۇر سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ پايتەختى بولغان يەكەنگە سوقۇنۇپ كىرگەندىن كېيىن، يىراقتىن كەلگەن بۇ «ئۇلۇغ ھەزرەت»نى خەلق بېشىغا ئېلىپ كۆتۈردى. ھوقۇق - مەنسەپنى دەپ غالدان باشچىلىقىدىكى قالماقلارنى باشلاپ كېلىپ ئۇيغۇر خەلقىنى قەتلىئام قىلغان ، ھەمدە خەلقنىڭ ئاق تاغلىق قارا تاغلىق دەپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ ، تەختى-بەختىنىڭ ۋەيران بولۇپ، زۇلمەتلىك قارا كۈنلەرگە مۇپتىلا بولۇشىغا سەۋەپ بولغان كىشى دەل ئۇنىڭ نەۋرىلىرىدىن بولغان ھىدايەتۇللا ئاپاق غوجا ئىدى.بىچارە خەلق بىلمىگەن ھالدا ئۇ نائىنساپلارغا ئىقبال تىزگىنىنى تامامەن تۇتقۇزۇپ قويغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىپلاس قولى بىلەن ئەسىرلەر بويى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان قۇدرەتلىك سەئىدىيە خاندانلىقى دومىلاپ چۈشۈپ خەلقنىڭ تەختى - بەختى ۋەيران، چىرايى خازان، شانلىق مەدەنىيىتى يەر بىلەن يەكسان بولۇپ، ئۇيغۇر تارىخىنىڭ تەرەققىيات چاقى 300 يىل كەينىگە سۈرۈلۈپ كەتتى. بۇ ئىش يەنە 1878- يىلدىن باشلانغان ياقۇپ بەگ ھاكىمىيىتىنىڭ يىقىلىپ بۈگۈنكى كۈنىمىزگە قەدەر داۋاملىشىۋاتقان خىتاي ئىستېلاسىنىڭ ئاساسىي ھۇلىنى بەرپا قىلغان ئىدى. مانا بۇ تارىخىمىزدىكى سالاھىيىتى مەلۇم بولمىغان، يىراقتىكىلەرگە چوقۇنۇش ۋە يات پىكىر ۋە ئېقىملارغا قارىغۇلارچە ئەگىشىشتىن كېلىپ چىققان تولىمۇ ئاچچىق تراگېدىيەلەرنىڭ جانلىق مىساللىرىدىن بىرى ئىدى.

 1848 - يىلى شەرقى تۈركىستاننىڭ قاغىلىق ناھىيەسى زۇڭلاڭ يېزىسى ئايباغ كەنتىدە دۇنياغا كۆز ئېچىپ ھىندىستان، ئىران، ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئالىي ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى مەشھۇر ئۇستازلاردا ئىلىم تەھسىل قىلىپ، شەرىئەت، ئەدەبىيات ۋە تېبابەت ساھەلىرىدە كامالەتكە يەتكەن ئەدىبلەر پېشۋاسى ھۈسەيىنخان تەجەللى ھەزرەتلىرى يەكەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، يېشىل مەدرىسىدە بىر قانچە يىل مۇدەررىسلىك قىلغان بولسىمۇ ھەسەتخورلارنىڭ دۈشمەنلىكى تۈپەيلىدىن تۈرلۈك تۆھمەتلەر چاپلىنىپ، خاتىرجەم ياشاش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قىلىنغان، ھەتتا شۇ ۋاقىتتىكى مانجۇ ئەمەلدارلىرىغا شىكايەت قىلىنغان. تەجەللى ئاخىرى يەكەننى تاشلاپ، تۇغۇلغان يۇرتى قاغىلىققا بېرىپ تىبابەت ۋە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. لېكىن ئۇ يەردىمۇ كۈتۈپخانا ۋە تەجرىبىخانىسىغا ئوت قويۇۋېتىلگەن. [1] يەكەن دەرياسىدا ئېقىپ كەتكەن كىتابلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۆمرىدە ئون توققۇز پارچە قىممەتلىك ئەسەر قالدۇرۇپ كەتكەن بۇ گېگانت ئۇيغۇر ئالىمى ۋە داڭلىق شائىر ھۈسەيىنخان تەجەللىنى بىز ئەنە شۇنداق قارشى ئالغانىدۇق.

جاھالەت زۇلمەتلىرى ئىچىدە ئېڭراپ ياتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۇرلۇق قۇياشى، ئالىم، ئەدىب، بۈيۈك ئىسلاھاتچى ئابدۇقادىر داموللامنى مىللەت ئۆزلىرىنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى دەپ تونۇپ، قوللاپ - قۇۋۋەتلەشنىڭ ئورنىغا جەدىدىزىمچى، خەلقنى يولدىن چىقىرىۋاتىدۇ دەپ تۆھمەت قىلىپ، ئىسلاھات يوللىرىغا تىكەن تاشلاپ، قىلمىغان دۈشمەنلىكلىرى قالمىغان ئىدى. ئاخىرى ئامال بولمىغاندا 1924- يىلى تاڭ سەھەردە بامدات نامىزىغا مەسچىتكە چىقاي دەپ تۇرغاندا پەخىرلىك ئالىمىمىز ئابدۇقادىر داموللام، ئۆز خەلقىمىز ئىچىدىكى پىچاقلىق بىر قارا قول تەرىپىدىن شېھىت قىلىۋېتىلگەن ئىدى.

پۈتۈن ھاياتىنى ئىسلام ئۈچۈن بېغىشلىغان، پىداكار، مول ھوسۇللۇق، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخرىي ئالىمى ئەللامە مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ «قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى»جەمئىيەت بىلەن يۈز كۆرۈشكەن دەسلەپكى مەزگىللەردە، سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، ماراكەش، ئىئوردانىيە، ئىران قاتارلىق دۆلەت پادىشاھلىرىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك مېھمىنى بولۇپ قەدىرلەنگەن، ئېسىل مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن، ئالىملار ۋە شائىرلار تەرىپىدىن قىزغىن ئالقىشلانغان بۇ بۈيۈك ئۇستاز، ئەكسىچە، ۋەتىنىمىزدىكى بىر قىسىم ئاتالمىش ئۆلىمالار، بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدىغان بىلەرمەنلەر ۋە نادان كىشىلەرنىڭ ھەسەت، غەيۋەت ۋە قامچىلاش ئوبيېكتىغا ئايلانغانىدى.

 بىرەر قېتىم قولغا ئېلىپ باشتىن ئاخىرى ئەمەس، ئون - يىگىرمە بەت بولسىمۇ ئوقۇپ باقمايلا، تەرەپ - تەرەپتىن تىل - ھاقارەتلەرنى، قار -يامغۇر كەبى ياغدۇرۇپ مۇسۇلمانلىرىمىزنى قايمۇقتۇرۇپ، ئۇستازنى ۋە ئىلىم سۆيەر مۇسۇلمانلارنى ناھايىتى بىئارام قىلغان ئىدى. ئەينى دەۋردە، كىشىلەر ئۇيغۇر تارىخىدىكى جەمئىيەت بىلەن تۇنجى قېتىم تولۇق يۈز كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەن بۇنداق بۈيۈك شاھانە ئەسەرنىڭ قانچىلىك جاپا -مۇشەققەت بىلەن روياپقا چىققانلىقىنى، ئۇنىڭ نەقەدەر قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتەلمىگەنىدى. قىسقىسى، ئۇلار يېقىندىكى موللىنى قەدىرلىمەسلىك ئادىتى بويىچە ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە ئاتا قىلىنغان كاتتا رەھمىتىنى تونۇپ يېتەلمىگەن ئىدى.

 مۇھەممەت سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى ھېلىمۇ ئېسىمدىن چىقمايدۇ:

-         مەن ئۈرۈمچىنىڭ كوچىلىرىدا ماڭسام مېنى ئۇنچە كۆپ ئادەم تونۇمايدۇ، سالام قىلىدىغانلار ئۇنچە كۆپ ئەمەس. ئەمما مىسىردا گېزىت - ژۇرنال، تېلېۋىزورلاردا سۈرەتلىرىم چىققان بولغاچقا، ھەممىلا كىشى ھەتتا كوچىدىكى باققاللارمۇ مېنى بىلىدۇ، بىر - بىرىگە ئىشارەت قىلىپ مېنى كۆرسىتىشىدۇ، ھۆرمەت بىلەن سالام قىلىشىدۇ.

 يېقىندا زامانىمىزدىكى ئەڭ مول ھوسۇللۇق ئالىملىرىمىزنىڭ بىرى بولغان ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپ قارىھاجىمنىڭ «قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى» ھەر قايسى جايلاردىكى ئۇيغۇر كىتابخانىلىرىنىڭ كۆركەم زىننىتى، پەخرى ھۆرمىتى سۈپىتىدە ئورۇن ئېلىپ، كەڭ كىتابخانلارغا مۇبارەك جامالىنى كۆرسىتە - كۆرسەتمەيلا ئەينى تېراگىدىيە، كۆنگەن خۇيىمىز ئىجتىمائى ئالاقە ۋاسىتىلىرىدا يەنە ئەكىس ئېتىشكە باشلىدى.

 قوشنىسىنىڭ قوش كۆرۈنۈپتۇ دېگەندەك، بىزدە ئۆزىمىزنىڭكىنى تۆۋەن كۆرۈپ، باشقىلارنىڭكىنى چوڭ كۆرۈۋالىدىغان، ئۆزىمىزنىڭكىدىن نومۇس، باشقىلارنىڭكىگە ھەۋەس قىلىدىغان، ھەمدە قارىغۇلارچە تەقلىد قىلىدىغان خاراكتېر خېلىلا سالماقنى ئىگىلەيدىكەن.

بىلىشىمچە، ئەينى زامانلاردا يېزىدا ياشىغانلار ئۆز قەۋمىگە ئۇزۇن يىل كۆيۈنۈپ خىزمەت قىلغان، ئىلىم ۋە تەجرىبىسى يېتەرلىك بىر ئالىمىنى شەھەردىن بىرەر ئاۋازى ئۈنلۈك، سۆزى راۋان دەۋەتچى كەلسە، ئۇنىڭ سالاھىيىتى ۋە ئۆتمۈشى قانداق بولۇشىدىن قەتئ‍ىينەزەر، ئۆز ئالىمىنى تاشلاپ كۆزگە ئىلماي، ھاقارەت قىلىپ ئۇنىڭغا ئەل بولاتتى. يەنە بىر مەزگىلدىن كېيىن، باشقا بىر ماھىر دەۋەتچى كېلىپ پوكىنى قىزارغۇچە دەبدەبىلىك سۆزلەرنى قىلىپ بەرسە، كونىسىدىن نەپرەتلىنىپ يېڭىسىغا يۈگۈرەيدىغان ئەھۋاللار ئومۇملىشىپ كەتكەن ئىدى.

 شەھەردىكى بىر قىسىم كىشىلەر بولسا باشقا بىر شەھەردىن ناتونۇش، ئەمما سۆزگە ماھىر بىرى كېلىپ ھەيران قالارلىق بىر قېتىم نۇتۇق سۆزلىسە، ئۆزى ئىخلاسمەن، دىنى ۋە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ھاياتىنى شام قىلىپ ياندۇرۇپ، باشقىلارغا يورۇقلۇق بېرىۋاتقان بۇرۇنقى ئالىمىغا ئەگىشىپ ماڭغانلىقىغا نەچچە مىڭ پۇشايمان قىلىشىپ يۈرەتتى. بىر مەزگىلدىن كېيىن يىراقتىن كەلگەن «داموللام» نىڭ ئەسلى سالاھىيىتى ئاشكارىلانغاندا بولسا، ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ھەقىقىي پېشۋاسىنى قەدىرلىمىگەنلىكىنىڭ ھەسرىتىنى چېكىپ ئاھ ئۇرۇشاتتى.

ئىنتېرنېت ئومۇملاشقان كېيىنكى كۈنلەردە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلىمالارنىڭ ۋىدىئولۇق، ئاۋازلىق دەۋەتلىرى قىرائەت پىلاستىنكىلىرى بىلەن تونۇشۇش دەۋرگە قەدەم قويدى. چەتئەلنىڭ كىتابلىرى بولسا ۋەتەننىڭ ھەر قايسى بولۇڭ - پۇچقاقلىرىغىچە سەلدەك ئېقىپ كېلىشكە باشلىدى.

1949- يىلدىن كېيىنكى ئوتتۇز يىل داۋاملاشقان دىن - مەدەنىيەتكە قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرى، چەتئەل دەرۋازىلىرىنى تاقاش ۋە كىتاب - ماتېرىياللارنى كۆيدۈرۈش قاتارلىق تارىخى جىنايى ھەرىكەتلەر ئاخىرلاشقان 80 - بولۇپمۇ 90 - يىللاردىن كېيىنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى چەتئەللەردىن ئېقىپ كىرگەن كىتابلارغا نىسبەتەن ياخشى - ياماننى پەرقلەندۈرۈپ ئولتۇرماستىن ئۇۋىسىدىن قوزغىتىلغان ھەرىلەر توپىغا ئوخشاش ئاتلانغانىدى.

 كۆپ قىسىم دەرسخانىلاردا دەرسلىك كىتاب بىلەن پايدىلىنىش كىتابلىرىنى پەرقلەندۈرمەستىن، كىتاب ئىسمى ياكى مۇندەرىجىسىگە بىر قاراپلا ياخشى كىتاب ئىكەن دەپ ھەتتا ئۆزىمۇ باشتىن ئاخىر كۆرۈپ باقمىغان كىتابنى تالىپلارغا بىر - بىرلەپ ۋاراقلاپ دەرسلىك قىلىدىغان، يەنە بىر يېڭىلىق كىتاب كەلسە ئۇ بۇرۇنقىدىن ياخشى ئىكەن دەپ كونىسىنى تاشلاپ، يېڭىسىنى دەرسلىك قىلىدىغان تۇراقسىز، پروگراممىسىز مائارىپ ئەندىزىسى شەھەر يېزىلاردا كەڭ ئومۇملاشقان ئىدى.

 شۇ چاغلاردا دىنى ئۈن - سىن بۇيۇملىرىغىمۇ قارىغۇلارچە يوپۇرۇلۇش ئەھۋالى يۈز بەردى. سالاھىيىتى نامەلۇم بولغان، ئۆزى ياشىغان دەۋر ياكى مۇھىتقا قارىتا سۆزلەنگەن تەبلىغلەرنى ئۇدۇللا ئۆز ھالىمىزغا ئۇيغۇنلاشتۇرماقچى بولۇپ، خىيالىي دۇنيادا ياشاپ، رېئاللىقىمىزغا قانداق تەدبىقلاشنى بىلمەي، نۇرغۇنلىغان تولدۇرغۇسىز زىيانلارنى تارتىۋالدۇق. چەتئەللەردە ئاللىقاچان چۆرۈپ تاشلانغان پىكىرلەر ۋەتىنىمىزدە ئىلغار پىكىر ھېسابلىنىپ، بۇ خىل پىكىرلەرنى مېڭىسىگە قاچىلىۋالغانلار ئۆزلىرىنى ئەڭ ئىلغار، مىللەتسۆيەر، دىنسۆيەر، ئۈممەتسۆيەرلەردىن ھېسابلاپ، قاناتلىرىنى يايغان توزدەك پاخپىيىپ، بويۇنلىرىنى غادايتىپ، گېلىنى قىرىپ، باشقا ئەل مۇسۇلمانلىرى مۇسۇلمان ئەمەسلەرنى مۇسۇلمان قىلالماي ئاۋارە بولۇۋاتسا ئۇلار لوپا ئەينەك بىلەن مۇسۇلمانلار ئىچىدىن كاپىر ئىزدەپ يۈرگەن كۆرۈنۈشلەر مودا بولدى.

 بىز ۋەتەندىكى چاغلاردا ئەۋلىيادەك بىلگەن بىر قىسىم چەتئەل ئالىملىرى ۋە يازغۇچىلىرى چەتئەلگە چىقىپ كۆزەتكەندىن كېيىن، ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىن بەكلا تۆۋەن، ئېتىبارسىز، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ ئۆلىمالار سېپىغا تىزىلىش سالاھىيىتىنىڭ يوق تاشلاندۇق پىكىرلەر ئىگىسى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتۇق. ئۇلارنىڭ بىز ئەتىۋارلاپ ھېچنىمىگە تەڭ قىلمىغان كىتابلىرى كىتاپخانا جازىلىرىدىنمۇ ئورۇن ئالالمىغان، ئالىملارنىڭ ئېتىراپىغا ئېرىشەلمىگەن كىتابلار ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. ئۇلاردىن چىققان پەتىۋا-ھۆكۈملەرنىڭ بەلگىلىك دۆلەت ۋە رايون چەكلىمىسى، ھاكىميەت بېسىمى، سىرلىق كۈچ قاتارلىقلاردىن خالىي ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلگىنىمىزدە، پىشانىمىزدىن سوغۇق تەر ئېقىشقا باشلىدى.

 توغرا، ئىلىم ۋە ئۇنىڭ ئۇسلۇبلىرى تەرەققىي قىلىۋاتقان، پىكىرلەر ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋردە، كۆز- قۇلاقلىرىمىزنى ئېتىۋېتىپ، قاتمال ۋە مۇتەئەسسىپلىك ماقامىدا تۇرۇۋېلىش مىللەتنى نادانلىقتا قالدۇرۇش، يوقىلىش گىردابىغا ئېلىپ بارغانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى ئۈزلۈكسىز ئۆزىنى يېڭىلاپ تۇرمىغان، ئىلغار پىكىر بىلەن قوراللىنىپ، دەۋرنىڭ چاقى بىلەن ماس قەدەمدە تەڭ ئىلگىرىلىمىگەن شەخس ياكى مىللەت ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تارىخ سەھنىسىدىن سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ. ئەمما مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ئىسلام دىنىغا ئېسىلىپ كەلگەن، مەدەنىيەتلىك، شانلىق تارىخقا ۋە مىللىي ئۆرپ -ئادەتكە ئىگە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ باشقا مىللەت ئالىملىرى ۋە ھەر بىر يېڭىلىقلىرىدىن تاللاپ پايدىلىنىش ئەمەس، بەلكى پۈتۈنلەي چوقۇنۇپ ئۆز تىزگىنىنى ئۇلارغا تۇتقۇزۇپ قويۇشى ئەسلا توغرا بولمىغان، زىيانلىق ھەتتا ھالاكەتكە سۆرەيدىغان ئامىللارنىڭ بىرىدۇر.

بۈگۈنكى دۇنيادا ئۆز تارىخىنى ياخشى بىلىدىغان، ئۆز قەۋمى بىلەن پەخىرلىنىدىغان ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈپ، ئۇلارنى تارىختىكى شانلىق، مۇۋەپپەقىيەتلىك سەھىپىلەر بىلەن تونۇشتۇرۇپ ئۆزلىرىنى قەدىرلەش روھى بىلەن خەلقىنى جانلاندۇرۇپ كېلىۋاتقان مىللەتلەر كۈندىن - كۈنگە روناق تېپىپ، تەرەققىياتنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يامىشىۋاتىدۇ. مېنىڭچە، تۈركىيە خەلقى بۇ جەھەتتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇشى مۇمكىن دەپ ئويلايمەن.

 مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار باشقا مىللەت ئالىملىرىنى ھۆرمەتلەيدىكەن ئەمما چوقۇنۇپ كەتمەيدىكەن، پايدىلىنىدىكەن، ئەمما قارىغۇلارچە ئەگىشىپ كەتمەيدىكەن، قابىلىيەت ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەھمىيەت بېرىدىكەن، ئۆز مەسىلىلىرىنى ئۆزلىرى ھەل قىلىدىكەن، پۈتۈن دىنى كىتابلار تەرجىمە قىلىنغان ھەتتا مەكتەپلەردىكى دىنى دەرسلىك كىتابلارمۇ تۈركچە تۈزۈلگەن بولۇپ، ئەرەپچە بىلمەيدىغان ھەر قانداق كىشىنىڭمۇ ئەرەبچىگە موھتاج بولماستىن، دىننىڭ پۈتۈن ھۆكۈم ۋە مەسىلىلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىش ئىمكانىيىتى بارلىققا كەلگەن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ۋەتىنىنى، دىنىنى، تىلىنى، بايرىقىنى ۋە تارىخىنى قوغداشقا، شۇنداقلا ئىلىم - بىلىم، قابىلىيەت ئىگىلىرىنى ھىمايە قىلىشقا بەكمۇ ئەھمىيەت بېرىدىكەن، ئۆز مەسىلىلىرىنى ئۆز ئالىملىرى، دانىشمەنلىرى بىلەن ھەل قىلىدىكەن.

 بىز مەپتۇن بولىۋاتقان ئەرەب ئالىملىرىدىنمۇ ۋەتىنىمىزگە ئالاقىدار بىر قىسىم مۇھىم مەسىلىلەر سورالغاندا، ئۇلار ئۆزۈڭلارنىڭ ئالىملىرىدىن سوراڭلار، بۇنداق مەسىلىلەرنى شۇ يەردە ياشىغانلار ئەڭ ياخشى بىلىدۇ دەپ جاۋاب بېرىدىكەن.

دېمىسىمۇ شەرىئەتتىكى بىر قىسىم تۇراقلىق ھۆكۈملەردىن باشقىلىرى مۇسۇلمانلار ياشىغان دەۋر، مۇھىت، ئۆرپ – ئادەت، ھۆرلۈك - قۇللۇق قاتارلىق تۈرلۈك ئامىللارنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ ئۆزگىرەيدۇ. بۇنداق چاغدا شۇ رايۇننىڭ ئالىملىرى ئىجتىھات قانۇنىيەتلىرىگە رىئايە قىلغان ھالدا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىجتىھات قىلىپ، ھۆكۈمنى شۇ رايۇن مۇسۇلمانلىرىغا تەتبىقلايدۇ. بۇ خىل تىپتىتىكى ھۆكۈملەرمۇ ئوخشاشلا شەرىئەت ھۆكمى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغانلارمۇ شەرىئەتكە ئەمەل قىلغان بولىدۇ.

ۋەتەننىڭ قەدرىنى ۋەتەندىن ئايرىلىپ ھېس قىلدۇق، پۇلنىڭ قەدرىنى ئۇنىڭدىن قۇرۇقدالغاندا تونۇپ يەتتۇق. لىدىرلىرىمىزنى شېھىت قىلىنغان ياكى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ماختىدۇق، ئاتا - ئانىمىزنىڭ قەدرىنى ئۇلارنى كۆرەلمەيدىغان بولغاندا ئاندىن ھېس قىلىپ يەتتۇق، ئالىملىرىمىزنىمۇ ھاياتىدا تىللاپ، كەلمەسكە كەتكەندىن كېيىنلا قەدرىنى بىلىپ، ھەسرەت بىلەن مەدھىيە - سانا ۋە شېئىر - قەسىدىلەرنى ئوقۇپ كەلدۇق.

ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن ۋەتەندە قالغان ئۆلىمالارنىڭ بىر قىسىملىرى ئۆلۈپ كەتكەن ياكى قەستلەپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن، يەنە بىر قىسىملىرى تۈرمە – لاگىرلاردا دەھشەتلىك قىيىن كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان بۇ مەزگىللەردە، ۋەتەن ئۆلىمالىرىدىن بىر قىسمى ئاللاھنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىغا بولغان رەھمىتى بىلەن ھىجرەت زېمىنلىرىدا ياشاۋاتقان بولسىمۇ ئەمما ئۇلار خەلقنىڭ يېتەرلىك قوللىشىغا، ھىمايىسىگە ئېرىشىشنىڭ ئورنىغا ئەيىبلىنىش، كۆزگە ئىلىنماسلىق، ئېتىبارسىزلاشتۇرۇش، تۆھمەت، بۆھتان، ۋە ھاقارەت ئوبىيكتىغا ئايلىنىپ قالماقتا.

ئۆلىمالارنى خارلىغانلىق ماھىيەتتە دىننى خارلىغانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر، چۈنكى دىن مۇسۇلمانلار ئارقىلىق، مۇسۇلمانلار ئۆلىمالار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تامامەن نامايان قىلىپ، ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا ئىزچىل داۋاملىشالايدۇ.

ناۋادا چەتئەللەردە،باشقا مىللەت ئۆلىمالىرىدا شۇنچىۋالا ئېغىر بېسىم، خەۋپ – خەتەر ئاستىدا ئەمەس بەلكى ئەركىن مۇھىت، بىخەتەر شارائىت ئىچىدە ئۇلاردەك پىداكارانە، ئىخلاس روھى بىلەن خىزمەت قىلىدىغان ئالىملار بولۇپ قالسا، كىشىلەر ئۇلارنىڭ پۇتىنى يەرگە تەگكۈزمەستىن باشلىرىغا ئېلىپ كۆتۈرگەن بولاتتى، ئەڭ چوڭ غوجىلىرى قىلىۋالغان بولاتتى، تەۋەرۈك بىلىپ قوللىرىنى سۆيۈۋېلىش ئۈچۈن ئۆچىرەت بىلەن تىزىلغان بولاتتى. ئەپسۇسكى، بىز قولىدا گۆھەر تۇرسا تاش ئىزدەۋاتقان ئەخمەقلەرگە ئوخشاپ قېلىۋاتىمىز. ئادىتىمىز بويىچە، ھەر دائىم نېمەتنى كېچىكىپ ، بەكمۇ كېچىكىپ ھېس قىلىپ قىلىمىز.

دۇنيادىكى ھەممە مىللەتنىڭ تارىخلىرىدا شۇنداقلا ياشاۋاتقان دەۋرىدە ئىپتىخارلىنىدىغان، نەمۇنە قىلىدىغان، ئېغىزدىن ئېغىزغا تەگمەي ماختىشىدىغان، ياش – ئۆسمۈرلەرنى ئۇلارنىڭ روھى بىلەن تەربىيىلەيدىغان مەشھۇر شەخىسلىرى، ئۇلۇغ ئالىملىرى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇلارمۇ ئىنسان بولغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان خاتالىقلىرى، ئەيىب – قۇسۇرلىرى بولىدۇ. بىراق ئۇلار مىللەتنىڭ ياش – ئۆسمۈرلىرىنى تەربىيەلەش ئۈچۈن ئۆز ئىچىدىن ھايات ئۈلگە، يارقىن نەمۇنە چىقىرىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن بولغاچقا ئۆز مەشھۇرلىرىنىڭ ئېچىلىپ قالغان يەرلىرىنى يۆگەپ، كۆرۈمسىز يەرلىرىنى پەردازلاپ ئۇلارنى ئەۋلادلارنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ. چۈنكى ئۇلار بىر مىللەت ئىچىدە ئەۋلاد يېتىشتۈرۈشتە بۇ نۇقتىنىڭ بەكمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتكەن. بۇلار ئۈچۈن مىساللار بەك كۆپ.

ئەمما بىزچۇ؟ بىز ھەر دائىم ئۆلىمالىرىمىزنىڭ، مەشھۇرلىرىمىزنىڭ يوشۇرۇلۇپ قالغان ئەيىبلىرىنى ئاچىمىز، يەنە تاپالمىساق مەخسۇس كوچىلايمىز، يەنە تاپالمىساق بۆھتان قىلىمىز، سېسىتىمىز، يېڭىدىن باش چىقسا ئۇنى كېسىپ تاشلاشقا ئۇرۇنىمىز، كېسەلمىسەك تۆھمەت - بۆھتانلارنى قار – يامغۇردەك ياغدۇرۇۋېتىمىز. بىزدە بىرەر ئالىمنىڭ يېتىشىپ چىقىشى، چىقسىمۇ ئېتىراپ قىلىنىشى بەكمۇ تەسكە توختايدۇ ياكى ئېتىراپ قىلساقمۇ قېرىپ ئۆلۈمگە يېقىنلاشقاندا، قولىدىن ئىش كەلمەس بولۇپ قالغاندا، ۋە ياكى كۆپ ھاللاردا ئۆلۈپ كەتكەندە پۇشايمان بىلەن ئېتىراپ قىلىمىز. ئەمما يەنە ئىبرەت ئېلىپ ھاياتلارنى قەدىرلىمەيمىز.

شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بىز 1000يىلدىن ئاشقان ئىسلام تارىخىمىزدا پەخىرلىنىپ تىلغا ئالغۇدەك ۋەكىل خاراكتېرلىك خەلقئارالىق ئۆلىمالاردىن مەھمۇت قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن باشقىسىنى ناخشىمىزغا قاتالمىدۇق. ئۇمۇمى سانىمىزغا نىسبەتەن چىقارغان ئالىملىرىمىز بەكمۇ ئاز بولدى. ئۇلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا ، تونۇلۇپ خىزمەت قىلىشىغا ئىمكان بەرمىدۇق، ئۇلارغىمۇ ھايات ۋاقتىدا كۆرسەتمىگەن كۈنىمىز قالمىدى. نۇرغۇن تۆھپىكارلىرىمىز بار ئىدى، ئەمما تۆھمەت قىلدۇق، يىقىتتۇق، تۈرمىگە سولاتتۇق، بېشىنى كەستۇق، پىچاقلىدۇق، قىلمىغانلىرىمىز قالمىدى.

باشقا مىللەتتە ئوقۇپ مەدرىسە پۈتتۈرۈپ ئالىم بولغانلار ياكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنى تۈگىتىپ باكلاۋىر، ماگىستىر، دوكتور، پروفېسسور بولغانلار تەييار خىزمەت، يۇقىرى مەنسەپ، يۈكسەك ئابروي، پاراۋان تۇرمۇش ئۈستىگىلا قونۇپلا چۈشىدۇ، ۋە ئالدىن شۇنداق ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ، دۆلىتى تەرىپىدىن ياردەم بېرىلىدۇ ھەم كۆپىنچە باشتىلا شۇنداق ھازىرلانغان بولىدۇ.

 ئەمما بىزدە ئالىم بولغانلار ئوقۇش باشلىغاندىن باشلاپلا مائاشلىق تەييار خىزمەت، مەنسەپ – مەرتىۋە ئۇياقتا تۇرسۇن، ۋەتەندىكى چاغلاردا، ئىخلاس بىلەن قەدەم ئېلىپ، ئالدىغا كەلمەكچى بولغان پىتنە – پاسات، قۇرۇق تۆھمەت، دەككە – دۈككە ئىچىدە قىلىدىغان يوشۇرۇن خىزمەت، تۈرمە قاتارلىقلارنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ بولۇپ يولىنى باشلىغان بولىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق ئېغىر كۈنلەر ئۇلارنى كۈتۈۋالىدۇ.

چەتئەللەردە بولسا نادانلارنىڭ تىل – ئاھانىتى، بۆھتان – تۆھمىتى، گىنە – ئاداۋىتى قاتارلىقلارنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ قويۇپ ئوقۇيدۇ، ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق كۈنلەر ئويلىغىنىدىنمۇ بەكرەك رەھىمسىز ھالەتتە ئالدىغا كېلىدۇ. ئۇلار قوللاشقا ئېرىشەلمىسىمۇ تىل – ئاھانەت ۋە تۆھمەتكە قالمىسىلا شۇنىڭغا رازى بولىدىغان ھالدا بىچارە. لېكىن شۇنداقتىمۇ ئۇلار سۆيگەن دىنى ئۈچۈن، نادان مىللىتىنىڭ ئىسلاھاتى ئۈچۈن تىنىمسىز ھالدا ئوقۇيدۇ، ئالىم بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ. ئالىم بولغانلىرى بولسا تىنىمسىز ھالدا دىنىم، مىللىتىم دەپ ئاھ ئۇرۇپ خىزمەت قىلىدۇ. ئەمما، ئەپسۇس، تولىمۇ ئەپسۇس، بىز ئۆز ئالىملىرىمىزنىڭ قىممىتىنى بىلمەيمىز، تارىخىمىزدىكى مەھمۇت قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەھمەد يۈكنەكى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر قاتارلىق مەشھۇرلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرى تۈرك دۆلەتلىرىدە ئالقىشلىنىپ، ھەتتا مەكتەپلەردە دەرسلىك كىتابلاردا بايان قىلىنىدۇ. قىممەتلىك تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەمما بىز ئۇلارنىڭ كىتابلىرىنى قولىمىزغا ئېلىپمۇ قويمايمىز.

 بىزگە ئالىملىرىمىز نۇرغۇنلىغان ۋاقتىنى، قان - تەرىنى سەرپ قىلىپ، قىممەت باھالىق ئەسەرلەرنى قالدۇرۇپ قويسا قەدىرلەشنى بىلمەيمىز.

مىسال سۈپىتىدە دېداكتىك شاھانە بىر ئەسەرنىڭ غايىپلىق سەرگۈزەشتىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

«ئېغىزدىن ئېغىزغا تەگمەي پەخىرلىنىپ ماختاۋاتقان شاھانە ئەسەر ««تۈركىي تىللار دىۋانى» نى پۈتۈپ بولغاندىن كېيىنلا مەھمۇد قەشقەرى ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ 27-خەلىپىسى مۇقتەدى بىللاھقا تەقدىم قىلىدۇ.

شۇ يىللاردىكى ئۇرۇشتا خەلىپە مۇقتەدىنىڭ ئوردىسى ۋە ئوردا كۈتۈپخانىسىدىكى نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك كىتابلارمۇ كۆيۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۇرۇش مالمانچىلىقىدا ئوردىدىكىلەر ئۆز جانلىرىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئامالىنى قىلىشىۋاتقاندا، مۇقتەدىنىڭ ئوردىسىدا تەلىم ئېلىۋاتقان نامەلۇم بىر تالىبە ۋەيران بولۇپ كېتىۋاتقان ئوردا كۇتۇپخانىسى ئىچىدىن «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى قۇتقۇزۇۋالىدۇ، ۋە كېيىنكى كۈنلەردە ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ 34-ۋارىسى خەلىپە ئەل ناسىرغا ھەدىيە قىلىدۇ. بۇ مىلادىيە 1225-يىللىرىغا توغرا كېلەتتى.

خىرىستىئانلاردىن تەشكىللەنگەن ئەھلى سەلىب (كرېست قوشۇن) ئىككىنچى قېتىم شەرققە يۈرۈش قىلىپ، ئەرەب زېمىنلىرىنى يەنە بىر قېتىم خانىۋەيرانچىلىققا دۇچار قىلىدۇ. ئاشۇ مالىمانچىلىقتا «تۈركىي تىللار دىۋانى» يەنە بىر قېتىم دېڭىزغا تاش چۆككەندەك يەر يۈزىدىن غايىب بولۇپ كېتىدۇ. ئالتە ئەسىر ئۆتۈپ كەتكۈچە بۇ كىتابنىڭ ئىز-دېرىكىمۇ بولمايدۇ. كىشىلەر قەدىمكى كىتاب خاتىرىلىرىدىن مەھمۇد قەشقەرى ئىسىملىك بىر تۈرك ئالىمنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق بىر مەشھۇر ئەسەر يازغانلىقىنى بىلىشىدۇ. ئەمما، ھېچكىممۇ بۇنداق كىتابنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش ئارزۇسىغا يېتەلمەيدۇ.

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرى ئېغىر بومباردىمانغا ئۇچرايدۇ. بىر پاي زەمبىرەك ئوقى ئاقسۆڭەك دىيار بەكرى جەمەتىدىن بولغان بىر كىتابپۇرۇشنىڭ ئۆگزىسىدە پارتلاپ، ئۇلارنىڭ ئەل ئىمىر نامىدىكى مەشھۇر كۇتۇپخانىسىنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ. كىشىلەر كىتاب دۆۋىلىرى ئارىسىدىن ئۆزلىرى كۆرۈپ چۈشىنەلمەيدىغان، ئەمما ئىنتايىن نەپىس ئىشلەنگەن بىر دىۋاننى بايقاپ قالىدۇ. بۇ ئەسلىدە «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ شۇ كەمگىچە ساقلىنىپ قالغان بىردىنبىر نۇسخىسى بولۇپ، ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيەسىنىڭ ۋەزىرلىرىدىن بىرى بولغان نازىپ بىينىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتىدىن بولغان بىر ئايال ئائىلىسىدە ئۇزاق يىل تەۋەرۈك سۈپىتىدە ساقلاپ، كېيىنچە تۇرمۇش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن دىيار بەكرى جەمەتىنىڭ ئەل ئىمىر كۇتۇپخانىسىغا رەنىگە قويغان قوليازما نۇسخىسى ئىدى. ئەل ئىمىر كۇتۇپخانىسىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى ئاڭلىغان مەشھۇر تىلشۇناس كىل سىلى رىفئەت ئەپەندى دەرھال كۇتۇپخانىغا كېلىپ (ھىجىرىيە 1335-يىلى، مىلادىيە 1914-يىلى) بۇ كىتابنى باشقىلاردىن سېتىۋالىدۇ. ئۇ ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ بۇ تەڭداشسىز مىراسنى ئۈچ تومغا ئايرىپ، 1917-يىلى ئەسلىي نامى بويىچە ئىستانبۇلدا مىخ مەتبەئەدە نەشىر قىلدۇرىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ كىتاب دۇنيادىكى ھەر مىللەت تۈركولوگلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىشقا باشلايدۇ».[2]

«تۈركى تىللار دىۋانى» نىڭ كەچۈرمىشلىرىدىن شۇنى ھېس قىلالايمىزكى بىز ئۆز ئالىملىرىمىزنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ بىباھا ئەسەرلىرىنىڭ قىممىتىنى ئۆزىمىز قىلالمىدۇق، ناۋادا «تۈركى تىللار دىۋانى»، «قۇتادغۇ بىلىك» قاتارلىق گۆھەرلىرىمىزنى باشقا مىللەتتىكىلەر ساقلاپ، قوغداپ، تەتقىق قىلىپ دۇنياغا تونۇتۇپ بەرمىگەن بولسا بىز تارىخىمىزدىكى نېمىلەر ۋە كىملەر بىلەن پەخىرلىنەر ئىدۇق؟!

 ئەزىز قېرىداشلىرىم، ئۆلىمالارغا ھۆرمەت قىلايلى! ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى قەدىرلەيلى! ئۆلىمالار- بىر مىللەتنىڭ بىباھا بايلىقى، كەلگۈسى ئۈمىدى، نۇرلۇق قۇياشى، ھىدايەت يۇلتۇزى، بەخت سائادىتى، پەخرى – شاراپىتى، ئىستىقبال كاپالىتى، مۇستەقىللىق بېشارىتى دېمەكتۇر.

سەمىمىزدە بولسۇنكى، بۈگۈنكىدەك دىنىي ئىلىم كەمسىتىلىۋاتقان، جەمئىيەتنىڭ پاساتچىلىقى تۈپەيلىدىن ئىلىمنىڭ بەرىكىتى كۆتۈرۈلۈپ، دىنىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئازايغان، ھىممەت كەمەرلىرى بوشاپ قالغان بىر زاماندا، بۇنىڭدىن كېيىن ئىلىمدا پىشقان نۆۋەتتىكىدەك قەلەمدە پىشقان دىنى يازغۇچىلار، تەجرىبىلىك مۇدەررىسلەر، ئەل ئېتراپ قىلغان ئۆلىمالارنىڭ مەيدانغا كېلىشى، ئەپسۇس، بەكمۇ يىراقتا كۆرۈنۈۋاتىدۇ. ئەمما ئاللاھدىن ئۈمىدىمىزنى ئۈزمەيمىز، تىرىشچانلىقنى توختاتمايمىز.

 «يىراقتىكى موللا داموللا، يېقىندىكى موللا بار موللا» دېگەندەك، باشقىلارنىڭ بەك چوڭ كۆرۈنۈپ كېتىپ، ئۇلارغا چۆمچىيىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئۆلىمالىرىمىزنى كىچىك سانىمايلى. مىللەتنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى قاندۇرۇشتا تەقۋالىقىنى ساقلاپ قېلىشتا، دىننىڭ چەك - چېگرالىرىنى قوغداشتا، خەلق ئارىسىغا چۆكۈپ خىزمەت قىلىشتا، ئىسلامى جامائەت بەرپا قىلىشتا ئۇلارنىڭ پەۋقۇلئادە رولى بار. ئۇلاردىن ئايرىلغاندا ئۇلارنىڭ ئورنىنى باشقىلارنىڭ تولدۇرالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز، ئەمما بەكمۇ كېچىككەن بولىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى ھايات ۋاقتىدا قوللايلى، قەدىرلەيلى، ئۆزىمىزنىڭ ئۆلىمالىرىمىزنى ئۆزىمىز قەدىرلىمىسەك، باشقىلار ھەرگىز ئۇلارنى قەدىرلەپ بەرمەيدۇ.

 بىلىپ قويايلىكى، ئۆلىمالارنىڭ خارلىنىشى دىننىڭ خارلىنىشى، ئۇلارنىڭ يوقىلىشى بولسا مىللەتنىڭ زاۋاللىقى دېمەكتۇر.

بۇ ماقالىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى: ئابدۇرېھىم دۆلەت.

مەنبە: مەرىپەت ژورنىلى 2020-يىللىق 3-سان.


[1] مۇختار مامۇت مۇھەممەدى «ئۇيغۇر ئالىمى تەجەللى» 1-5 ۋە 336 - بەت

[2] يولۋاس مۇھەممەتئىمىننىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى» ۋە «قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ كەچۈرمىشلىرى ناملىق ماقالىسىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى.