ئىخلاسمەن ئۆلىمالار ۋە ئۇلارنىڭ سۈپەتلىرى

ئىخلاسمەن ئۆلىمالار ۋە ئۇلارنىڭ سۈپەتلىرى

 ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى

 ئاللاھ تائالا ئىلىم–مەرىپەتتە پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرى قىلغان، ئىلىم–مەرىپەت ۋە دۇنيا–ئاخىرەتلىك ئىشلاردا خەلق ئاممىسىنىڭ يۆلەنچۈكى قىلغان، گۇۋاھلىقلىرىنى ئۆزىنىڭ ۋە پەرىشتىلەرنىڭ گۇۋاھلىقىنىڭ قاتارىدا ئېتىبارغا ئالغان، پۈتۈن مۇئمىنلەرنى ئۆزىنىڭ ۋە رەسۇلىنىڭ ئىتائىتىنىڭ قاتارىدا ئۇلارغىمۇ ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇغان، ئۇلار بىلەن دۈشمەنلەشكەنلەرگە چەڭ ئېلان قىلغان، خەلق ئاممىسىغا بىلمىگەن نەرسىلىرىنى ئۇلاردىن سوراشنى ۋاجىپ قىلغان، ئاسمان–زېمىنلاردىكى بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ، ھەتتاكى سۇنىڭ ئىچىدىكى بېلىقلارنىڭ مەغپىرەت تەلەپ قىلىشىغا نائىل بولغان ئىخلاسمەن ئۆلىمالار قانداق ئۆلىمالار؟ئىخلاسمەن ئۆلىمالارنى قانداق تونۇيمىز؟ ئىلگىرىكىلەر ئىخلاسمەن ئۆلىمالارنى قانداق تەرىپلىگەن؟ ئىخلاسمەن ئۆلىمالارنىڭ مۇھىم سۈپەتلىرى نېمە؟ ئىنشائاللاھ، بۇ ماقالىدە مانا بۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىشقا تىرىشىمىز.

ئىخلاسمەن ئۆلىمالار قانداق ئۆلىمالار؟

ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ شەرىئىتىنى پۇختا بىلىدىغان، بىلگەنلىرىگە ئەمەل قىلىدىغان، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىدىغانئۆلىمالاردۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:)يُؤْتِي الْحِكْمَةَ مَنْ يَشَاءُ وَمَنْ يُؤْتَ الْحِكْمَةَ فَقَدْ أُوتِيَ خَيْرًا كَثِيرًا وَمَا يَذَّكَّرُ إِلَّا أُولُو الْأَلْبَابِ(.يەنى «(ئاللاھ) ھېكمەتنى خالىغان بەندىسىگە ئاتا قىلىدۇ؛ ھېكمەت ئاتا قىلىنغان ئادەمگە كۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلىنغان بولىدۇ. پەقەت ئەقىللىق ئادەملەرلا بۇنىڭدىن پەند _ نەسىھەت ئالىدۇ»[1].

 ئۇلار ئاللاھ تائالا ئىلىمدە ۋە دۇنيا–ئاخىرەتلىك ئىشلاردا خەلقنىڭ يۆلەنچۈكى قىلغان ئۆلىمالاردۇر[2]. ئۇلار ئىجتىھاد، سەۋر ۋە ئىشەنچ بىلەن يۇقىرى مەرتىۋىلەرگە ئېرىشكەن پېشۋالاردۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:)وَجَعَلْنَا مِنْهُمْ أَئِمَّةً يَهْدُونَ بِأَمْرِنَا لَمَّا صَبَرُوا وَكَانُوا بِآَيَاتِنَا يُوقِنُونَ(.يەنى «ئۇلار (كۈلپەتلەرگە) سەۋر قىلغان، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە جەزمەن ئىشەنگەن چاغدا، ئۇلاردىن بىر قىسىم كىشىلەرنى بىزنىڭ ئەمرىمىز بىلەن توغرا يول كۆرسىتىدىغان پېشۋالار قىلدۇق»[3].

 ئۇلار پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىلمىي مىراسلىرى بىلەن يېتىشىپ، خەلقىنى ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدىغان ئۆلىمالاردۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: )وَمَا كَانَ الْمُؤْمِنُونَ لِيَنْفِرُوا كَافَّةً فَلَوْلَا نَفَرَ مِنْ كُلِّ فِرْقَةٍ مِنْهُمْ طَائِفَةٌ لِيَتَفَقَّهُوا فِي الدِّينِ وَلِيُنْذِرُوا قَوْمَهُمْ إِذَا رَجَعُوا إِلَيْهِمْ لَعَلَّهُمْ يَحْذَرُونَ(.يەنى «مۇئمىنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ جىھادقا چىقىشى لايىق ئەمەس (ئۇلارنىڭ بىر تۈركۈمى جىھادقا چىقتى)، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەربىر جامائەدىن يەنە بىر تۈركۈمى دىنىي ئالىم بولۇپ، ئۇلار قەۋمىنىڭ قېشىغا قايتقاندىن كېيىن، قەۋمىنىڭ ئاللاھتىن قورقۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش مەقسىتىدە نېمىشقا (ئىلىم تەلەپ قىلىشقا) چىقمىدى؟»[4]

 ئۇلار يۈز ئۆرۈگۈچىلەر ياكى قارشىلاشقۇچىلارغا پىسەنت قىلماستىن، قىيامەتكىچە ھەقىقەت ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇپ، خەلقنى توغرا يولغا باشلايدىغان ئۆلىمالاردۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئۈممىتىمدىن داۋاملىق ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ئورۇندايدىغان بىر جامائە بولىدۇ، ئاللاھنىڭ ئەمرى كەلگەنگە قەدەر يۈز ئۆرۈگۈچىلەر ياكى قارشىلاشقۇچىلار ئۇلارغا (قىلچە) زەرەر يەتكۈزەلمەيدۇ، ئۇلار غەلىبە قىلغۇچىلاردۇر»[5].

ئۇلار ئاللاھ تائالا گۇۋاھلىقىنى ئۆزىنىڭ ۋە پەرىشتىلەرنىڭ گۇۋاھلىقىنىڭ قاتارىدا ئېتىبارغا ئالغان ئۆلىمالاردۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:)شَهِدَ اللهُ أَنَّهُ لاَ إِلَهَ إِلاَّ هُوَ وَالْمَلاَئِكَةُ وَأُوْلُواْ الْعِلْمِ قَآئِمَاً بِالْقِسْطِ لاَ إِلَهَ إِلاَّ هُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ (يەنى «ئاللاھ ئادالەتنى بەرپا قىلغان ھالدا گۇۋاھلىق بەردىكى، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. پەرىشتىلەرمۇ، ئىلىم ئەھلىلىرىمۇ شۇنداق گۇۋاھلىق بەردىكى، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. ئۇ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»[6].

ئۇلار ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەرنى ئۆزىنىڭ ۋە رەسۇلىنىڭ ئىتائىتىنىڭ قاتارىدا ئۇلارغىمۇ ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇغان يېتەكچى ئۆلىمالاردۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:)يَاأَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ أَطِيعُواْ اللهَ وَأَطِيعُواْ الرَّسُولَ وَأُوْلِي الأَمْرِ مِنكُمْ(.يەنى «ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار»[7].

ئۇلارئاللاھ تائالا خەلققە بىلمىگەن نەرسىلىرىنى ئۇلاردىن سوراشنى ۋاجىپ قىلغان ئۆلىمالاردۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: )فَاسْأَلُواْ أَهْلَ الذِّكْرِ إِن كُنتُمْ لاَ تَعْلَمُونَ(. يەنى «بۇنى بىلمىسەڭلار، ئىلىم ئەھلىلىرىدىن سوراڭلار»[8].

ئۇلار كىتاب ئوقۇغان ۋە ئۆگەتكەنلىكى ئۈچۈن رەببانى، ئىخلاسمەن بولۇشى تەلەپ قىلىنغان ئۆلىمالاردۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:)مَا كَانَ لِبَشَرٍ أَن يُؤْتِيَهُ اللهُ الْكِتَابَ وَالْحُكْمَ وَالنُّبُوَّةَ ثُمَّ يَقُولَ لِلنَّاسِ كُونُواْ عِبَادًا لِّي مِن دُونِ اللهِ وَلَكِن كُونُواْ رَبَّانِيِّينَ بِمَا كُنتُمْ تُعَلِّمُونَ الْكِتَابَ وَبِمَا كُنتُمْ تَدْرُسُونَ(.يەنى «ئاللاھ بىرەر ئىنسانغا كىتابنى، ھېكمەتنى، پەيغەمبەرلىكنى بەرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كىشىلەرگە: <ئاللاھنى قويۇپ ماڭا بەندە بولۇڭلار> دېيىشى لايىق بولمايدۇۋە لېكىن (ئۇ): <كىتابنى ئۆگەتكەنلىكىڭلار، ئوقۇغانلىقىڭلار ئۈچۈن رەببانى بولۇڭلار> (دەيدۇ)»[9].

 ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ دۈشمەنلەشكەنلەرگە جەڭ ئېلان قىلغان ئەۋلىيالىرى–دوستلىرىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:[من عَادى لي وليًّا فقد آذنته بالحرب].«كىمكى مېنىڭ ۋەلىيىم _ دوستۇم بىلەن دۈشمەنلىشىدىكەن، مەن ئۇنىڭغا جەڭ ئېلان قىلىمەن»[10].

 ئۇلار ئاسمان–زېمىنلەردىكىلەر ۋە سۇنىڭ ئىچىدىكى بېلىقلار مەغپىرەت تەلەپ قىلىدىغان ئۆلىمالاردۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:[وإن العالم ليستغفر له من في السماوات ومن في الأرض، والحيتان في جوف الماء، وإن فضل العالم على العابد كفضل القمر على سائر الكواكب].يەنى «ئالىم ئۈچۈن ئاسمان–زېمىندىكىلەر، سۇنىڭ ئىچىدىكى بېلىقلار مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ. ئالىمنىڭ ئابىدتىن ئەۋزەل بولۇشى ئون تۆت كۈنلۈك تولۇن ئاينىڭ باشقا يۇلتۇزلاردىن ئەۋزەل بولغىنىغا ئوخشاشتۇر»[11].

ئىخلاسمەن ئۆلىمالار قانداق تونۇلىدۇ؟

ئىخلاسمەن ئۆلىمالار ئىلىملىرى بىلەن تونۇلىدۇ، ئىلىم ئۇلارنى باشقىلاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدۇ، ئۇلار خەلققە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن مىراس ئالغان ئىلىم بىلەن خىتاب قىلىدۇ، ئۇلار پىتنە– پاسات زامانلىرىدىمۇ ھەقىقەت ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇش بىلەن تونۇلىدۇ. ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «يېتۈك ئۆلىماغا دېڭىز دولقۇنلىرىدەك شەك–شۈبھىلەر يۈزلەنگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئىشەنچىسىنى يوقىتالمايدۇ. چۈنكى ئۇ ئىلىمدە يېتىشكەن بولۇپ، ئۇنى شەك–شۈبھىلەرنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكلىرى تەۋرىتەلمەيدۇ»[12].

ئىخلاسمەن ئۆلىمالار دەۋىتى، تىرىشچانلىقى، تەقۋالىقى، ئاللاھتىن قورقىدىغانلىقى بىلەن تونۇلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:) إِنَّمَا يَخْشَى اللَّهَ مِنْ عِبَادِهِ الْعُلَمَاءُ إِنَّ اللَّهَ عَزِيزٌ غَفُورٌ(  «ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئۆلىمالارلا قورقىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، (بەندىلىرى ئىچىدە تەۋبە قىلغانلارنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر»[13].

ئىخلاسمەن ئۆلىمالار ياخشى كىشىلەرنىڭ، يېتۈك ئالىملارنىڭ ۋە ئۇستازلىرىنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن تونۇلىدۇ.

مانا بۇلار ئىخلاسمەن ئۆلىمالىقنىڭ دەلىللىرىدۇر. ئەمما مەنسەپ ۋە باشقىلار ئۆلىمالىققا دەلىل بولالمايدۇ.

ئىخلاسمەن ئۆلىمالار سايلام ياكى دىپلوم ۋە ياكى ئۇنۋانلىرى بىلەن بەلگىلەنمەيدۇ. تارىختا مەنسەپ تۇتمىغان، ئەمما ئۈممەتكە پېشۋا بولۇپ خىزمەت قىلىپ، نامى دۇنياغا تارقالغان نۇرغۇن ئىخلاسمەن ئۆلىمالار ئۆتكەن. بۇ، ئىلمىي مەنسەپلەرگە تەيىنلەنگەنلەر ئىخلاسمەن ئۆلىما ئەمەس دېگەنلىك بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. بەلكى مەنسەپ ئىخلاسمەن ئۆلىمالىقنىڭ دەلىلى بولالمايدۇ دېگەنلىك بولىدۇ.

ئىخلاسمەن ئۆلىمالار بىلەن قۇلاق موللىسى، مەدداھ، ۋائىز ۋە ناتىقلارنىڭ پەرقىنى ئايرىش زۆرۈر. ئىخلاسمەن ئۆلىما بەزىدە ياخشى سۆزلىيەلمەيدىغان ياكى ئاز سۆزلەيدىغان كىشى بولۇشى، ئەمما خەلق ئىچىدە ئىخلاسمەن ئۆلىماغا قارىغاندا تىلى راۋان، سۆزلەش ماھارىتى يۇقىرى كىشىلەر بولۇشى مۇمكىن. قۇلاق موللىسى، مەدداھ، ۋائىز ۋە ناتىقلار بەزى قىممەتلىك مەلۇماتلارنى يادلىۋالغان بولسىمۇ، لېكىن تېگىدىن ئىلمىي ئاساسى بولمىغانلىقتىن، مەسىلىلەرنى شەرىئەت پرىنسىپى بويىچە ھەل قىلىشتىن ئاجىز كېلىدۇ. ئەمما ئىخلاسمەن ئۆلىمالار شەرىئەت ئىلىملىرىنى سىستېمىلىق ئوقۇپ يېتىشكەنلەر بولۇپ، ئايەت–ھەدىسلەرنى، ۋەقەلىكلەرنى، شەرىئەتنىڭ مەقسەت ۋە نىشانلىرىنى توغرا چۈشىنىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولغان پېشۋالاردۇر[14].

 ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «سىلەر ھازىر ئۆلىمالىرى كۆپ، ناتىقلىرى ئاز بىر زاماندا ياشاۋاتىسىلەر، سىلەردىن كېيىن ناتىقلىرى كۆپ، ئۆلىمالىرى ئاز بىر زامان كېلىدۇ»[15].

شۇنىڭدەك، ئىخلاسمەن ئۆلىمالار بىلەن زىيالىيلار ۋە مۇتەپەككۇرلارنىڭ پەرقىنى بىلىشمۇ ئىنتايىن زۆرۈردۇر. زىيالىي ۋە مۇتەپەككۇرلارنىڭ مىللەتكە يەتكۈزگەن پايدىلىرى كۆپ، خەلقنىڭ قەلبىدىكى ئورنى يۇقىرى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئىخلاسمەن ئۆلىمالارنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. ئۇلارنىڭ شەرىئەت ئىشلىرىدا ئىخلاسمەن ئۆلىمالارغا مۇراجىئەت قىلىشى ۋە ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىشى زۆرۈر بولىدۇ[16].

 قۇرئان كەرىمدە بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلارنىڭ باراۋەر بولالمايدىغانلىقى، ئۆلىمالارنىڭ ئاللاھ تائالادىن ئەڭ بەك قورقىدىغان كىشىلەر ئىكەنلىكى، ئاللاھ تائالانىڭ مۇئمىنلەرنى ئۆزىگە، رەسۇلىغا ۋە ئىش بېشىدىكى يېتەكچى ئۆلىمالارغا ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇغانلىقى قاتارلىقلار ھەققىدە نۇرغۇن دەلىللەر بايان قىلىنىدۇ. ھەدىس شەرىپلەردىمۇ ئۆلىمالارنىڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرى بولۇپ، ئاللاھ تائالا ياخشىلىق ئىرادە قىلغان، پەيغەمبەرلەردىن قالسىلا ئەڭ ئەۋزەل كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ مەرتىۋىسىنىڭ يۇقىرىلىقىنى بايان قىلىدىغان ھەدىسلەر كۆپ ئۇچرايدۇ.

 ئىخلاسمەن ئۆلىمالارنىڭ رولىنى تونۇش ۋە ئۇلارغا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇش ھەققىنى بېرىش مىللەتنىڭ غەلىبە ۋە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ.

 بۈگۈنكىدەك پىتنە–پاسات دەۋرىدە ئىخلاسمەن ئۆلىمالارغا بولغان ئېھتىياج تېخىمۇ كۈچىيىدژۇ، بۇنداق ۋاقىتتا پىتنىخورلارغا ئەمەس، ئىش بېشىدىكى يېتەكچى ئۆلىمالارغا مۇراجىئەت قىلىش، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىش زۆرۈر بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:)وَإِذَا جَاءَهُمْ أَمْرٌ مِنَ الْأَمْنِ أَوِ الْخَوْفِ أَذَاعُوا بِهِ وَلَوْ رَدُّوهُ إِلَى الرَّسُولِ وَإِلَى أُولِي الْأَمْرِ مِنْهُمْ لَعَلِمَهُ الَّذِينَ يَسْتَنْبِطُونَهُ مِنْهُمْ وَلَوْلَا فَضْلُ اللَّهِ عَلَيْكُمْ وَرَحْمَتُهُ لَاتَّبَعْتُمُ الشَّيْطَانَ إِلَّا قَلِيلًا(.«(مۇئمىنلەرگە ئائىت) ئامانلىقنىڭ ياكى قورقۇنچنىڭ بىرەر خەۋىرى ئۇلارغا (يەنى مۇناپىقلارغا) يەتسە، ئۇنى تارقىتىدۇ، ئەگەر ئۇنى پەيغەمبەرگە ۋە (مۇئمىنلەر) نىڭ ئىچىدىكى ئىش ئۈستىدىكىلەرگە مەلۇم قىلسا، (شۇ) خەۋەرنى چىقارغۇچىلار (شۇ خەۋەرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى) ئۇلاردىن ئەلۋەتتە بىلىۋالاتتى. (ئى پەيغەمبەر!) ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە مەرھەمىتى بولمىسا ئىدى، سىلەرنىڭ ئازغىنا كىشىدىن باشقىلىرىڭلار، ئەلۋەتتە، شەيتانغا ئەگىشىپ كېتەتتىڭلار»[17].

ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئىخلاسمەن ئۆلىمالار ھەققىدىكى تەرىپلىرى

 كىشىلەرنى باشلانغۇچ سەۋىيىدىن يۇقىرى سەۋىيىگىچە تەربىيەلەپ يېتىشتۈرىدىغان ئۆلىمالار ئىخلاسمەن ئۆلىمالاردۇر. _ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما.

 ئىسلاھاتچى ئۆلىمالار ئىخلاسمەن ئۆلىمالاردۇر. _ ئىمام مۇبەررىد.

 ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىدىغان ئۆلىمالار ئىخلاسمەن ئۆلىمالاردۇر. _ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما.

 مۇلايىم ۋە تەقۋادار ئۆلىمالار ئىخلاسمەن ئۆلىمالاردۇر. _ سەئىد ئىبنى جۇبەير رەھىمەھۇللاھ.

 شەرئى سىياسەتنى ياخشى بىلىدىغان، يىراقنى كۆرەلەيدىغان، خەلقنى توغرا يولغا باشلايدىغان ئۆلىمالار ئىخلاسمەن ئۆلىمالاردۇر. _ ئىبنى زەيد رەھىمەھۇللاھ.

 خەلقنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسۇدىغان، ئۇلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە سەۋر قىلالايدىغان، خەلقنىڭ ياخشى بولۇشىغا ھەسسە قوشالايدىغان ئۆلىمالار ئىخلاسمەن ئۆلىمالاردۇر. _ ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك رەھىمەھۇللاھ.

 ئېزىپ كەتكەنلەرنى توغرا يولغا چاقىرىدىغان، قەلبى ئۆلگەنلەرنىڭ قەلبلىرىنى ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن تىرىلدۈرەلەيدىغان، كۆزلىرى ئەما _ كور بولۇپ قالغانلارنىڭ كۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ نۇرى بىلەن ئاچالايدىغان ئۆلىمالار ئىخلاسمەن ئۆلىمالاردۇر. _ ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل رەھىمەھۇللاھ.

 ئىسلامنىڭ ساپلىقىنى، خەلقنىڭ ياخشىلقىنى ساقلىيالىغان ئۆلىمالار ئىخلاسمەن ئۆلىمالاردۇر. چۈنكى خەلق ئۆلىما ۋە باشلىقلارغا ئەگىشىدۇ. بۇ ئىككىسى ياخشى بولسا، خەلق ياخشى بولىدۇ، بۇ ئىككىسى بۇزۇلسا، خەلق بۇزۇلىدۇ. – ئىمام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ.

 دېمەك، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇماغا ئوخشاش، يۇقىرىدىكى خىسلەتلەرنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن ئۆلىمالار ئىخلاسمەن ئۆلىمالاردىن سانىلىدۇ. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ۋاپات بولغان كۈنى مۇھەممەد ئىبنى ھەنەفىيە رەھىمەھۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ: «بۈگۈن بۇ ئۈممەت ئىخلاسمەن ئۆلىماسىدىن ئايرىلىپ قالدى».

ئىخلاسمەن ئۆلىمالارنىڭ مۇھىم سۈپەتلىرى

ئىخلاسمەن ئۆلىمالارنىڭ نۇرغۇن سۈپەتلىرى بار بولۇپ، مۇھىم دەپ قارالغان بەزى سۈپەتلىرىنى تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:

 1. ئەقىدە، ئىبادەت، ئەدەپ–ئەخلاق، يۈرۈش–تۇرۇش قاتارلىقلاردا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىنى تۇتىدىغان بولۇش. بۇ يول، نىجات تاپقۇچى، ياردەم بېرىلگۈچى جامائەتنىڭ يولى بولۇپ، نىجات تېپىشنى، ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشنى ئىزدىگەن ھەربىر ئۆلىما ئۆزى بۇ يولدا مۇستەھكەم تۇرۇشى بىلەن بىرگە، خەلق ئاممىسىنى بۇ يولغا چاقىرىشى لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:[ألا إنّ منْ قبلكم من أهل الكتاب افترقوا على ثنتين وسبعين ملة، وإن هذه الأمة ستفترق على ثلاث وسبعين، ثنتان وسبعون في النار، وواحدة في الجنة، وهي الجماعة. وفي رواية: قيل: ما هي؟، قال: ما عليه أنا وأصحابي اليوم].يەنى «سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئەھلى كىتابلار يەتمىش ئىككى پىرقىگە بۆلۈنۈپ كەتتى، بۇ ئۈممەت يەتمىش ئۈچ پىرقىگە بۆلۈنىدۇ، يەتمىش ئىككىسى دوزاختا، بىرسى جەننەتتە بولىدۇ، جەننەتتە بولىدىغىنى بۈگۈن مەن ۋە ساھابىلىرىم ماڭغان يولنى تۇتقان جامائەتتۇر»[18].

2. ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلەيدىغان بولۇش. ئاللاھ ئەمەللىرىمنى قوبۇل قىلسۇن، ھەرىكەتلىرىمگە بەرىكەت بەرسۇن، ئىلمىمنى مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن دېگەن ھەربىر ئۆلىما ئۆزىنىڭ ئىلمى، ئەمىلى ۋە بارلىق سۆز–ھەرىكەتلىرىدە ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلىشى، تەقۋادارلاردىن بولۇشى لازىم. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:)إِنَّمَا يَتَقَبَّلُ اللهُ مِنَ الْمُتَّقِينَ(. يەنى «ئاللاھ پەقەت تەقۋادارلارنىڭ (ئەمەل–ئىبادەتلىرىنى) قوبۇل قىلىدۇ»[19].

 3. ئاللاھتىن قورقىدىغان بولۇش. ئاللاھتىن ھەقىقىي قورقىمىغان كىشى كۆپ نەرسىلەرنى بىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇ ئىخلاسمەن ئۆلىما ھېسابلانمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:)إِنَّمَا يَخْشَى اللهَ مِنْ عِبَادِهِ الْعُلَمَاء(.يەنى «ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئۆلىمالارلا قورقىدۇ»[20].

 4. ئۆگىنىدىغان ۋە ئۆگىتىدىغان بولۇش. پەرز ئەمەللەردىن قالسا، ئەڭ ئەۋزەل ئىبادەت ئۆگىنىش ۋە ئۆگەنگەنلىرىنى باشقىلارغا ئۆگىتىشتۇر. ئۆگەنگەنلىرىنى خەلققە ئۆگەتمىگەن ئۆلىما ھەرقانچە كاتتا ئۆلىما بولۇپ كەتسۇن، ئۇ ئىخلاسمەن ئۆلىمالاردىن سانالمايدۇ. ئىلىم ئۆلىمالارنىڭ بويۇنلىرىدىكى ئامانەتتۇر. ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىشنى تەرك ئەتكەنلەر ئېغىر گۇناھكار بولىدۇ. ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش بولمىسا، ئىلىم كېتىپ قالىدۇ. ئىلىمنىڭ كېتىپ قېلىشى قىيامەت ئالامەتلىرىدىن سانىلىدۇ. ئىلىم ھەممىنىڭ ئاۋۋىلىدۇر. ئىلىم قوماندان، ئەمەل ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:)فَاعْلَمْ أَنَّهُ لا إِلَهَ إِلَّا اللهُ وَاسْتَغْفِرْ لِذَنبِكَ(.يەنى «بىلگىنكى، ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، گۇناھىڭ ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن»[21].

 5. تەرجىمە ۋە يېزىقچىلىق ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىش.بۈگۈنكىدەك ھىممەت ئاجىزلىشىپ كەتكەن، مۇسۇلمانلار ئىلگىرى يېزىلغان قىممەتلىك كىتابلاردىن پايدىلىنالمايدىغان بولۇپ قالغان بىر زاماندا، زاماننىڭ تەلىۋىگە لايىق، ئىخچام ۋە چۈشىنىش ئاسان بولىغان كىتاب–ژۇرناللارنى تەرجىمە قىلىپ ۋە يېزىپ تارقىتىش ئىخلاسمەن ئۆلىمالارنىڭ كۆڭۈل بۆلۇشى زۆرۈر بولغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر.

 ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش، تەرجىمە قىلىش ۋە يېزىش قاتارلىق ئىشلار ئىنسان ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئەجرى–ساۋابى ئۈزۈلمەي يېتىپ تۇرىدىغان سەدىقە جارىيىنىڭ جۈملىسىدىن سانىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:[إذا مات الإنسان انقطع عمله إلاَّ من ثلاث: صدقة جارية، أو عِلم ينتفع به، أو ولد صالح يدعو له].يەنى «ئىنسان ئۆلۈپ كەتسە، سەدىقە جارىيە، مەنپەئەتلىك ئىلىم، دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان ياخشى پەرزەنت قاتارلىق ئۈچ ئەمىلىدىن باشقا ئەمەللىرى ئۈزۈلۈپ قالىدۇ»[22].

 6. ئىلىمدە توشقان بولۇش. يەنى مەنىسى ئوچۇق ئايەتلەر بىلەن مەنىسى مۇئەييەن بولمىغان ئايەتلەرنىڭ ئوتتۇرىسىنى پەرقلەندۈرەلەيدىغانبولۇش، ئىلىمدە توشقان بولۇش ئىخلاسمەن ئۆلىمالارنىڭ سۈپەتلىرىدىندۇر. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «تەپسىر تۆۋەندىكىدەك تۆت تۈرلۈك بولىدۇ: ھەممە ئادەم بىلىدىغان تەپسىر، ئەرەبلەر ئۆز تىلى ئارقىلىق بىلىدىغان تەپسىر، ئىلىمدە توشقانلار بىلىدىغان تەپسىر، ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان تەپسىر»[23]. خاۋارىجلارنىڭ ئەڭ چوڭ خاتالىقلىرىنىڭ بىرى، مەنىسى ئوچۇق ئايەتلەر بىلەن مەنىسى مۇئەييەن بولمىغان ئايەتلەرنىڭ ئوتتۇرىسىنى پەرقلەندۈرەلمەسلىكتۇر. ئاللاھ تائالا مەنىسى ئوچۇق ئايەتلەر بىلەن مەنىسى مۇئەييەن بولمىغان ئايەتلەرنىڭ ئوتتۇرىسىنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان، ئىلىمدا توشقان ئۆلىمالارنى مەدھىيىلەپ مۇنداق دەيدۇ:)هُوَ الَّذِيَ أَنزَلَ عَلَيْكَ الْكِتَابَ مِنْهُ آيَاتٌ مُّحْكَمَاتٌ هُنَّ أُمُّ الْكِتَابِ وَأُخَرُ مُتَشَابِهَاتٌ فَأَمَّا الَّذِينَ في قُلُوبِهِمْ زَيْغٌ فَيَتَّبِعُونَ مَا تَشَابَهَ مِنْهُ ابْتِغَاء الْفِتْنَةِ وَابْتِغَاء تَأْوِيلِهِ وَمَا يَعْلَمُ تَأْوِيلَهُ إِلاَّ اللهُ وَالرَّاسِخُونَ فِي الْعِلْمِ يَقُولُونَ آمَنَّا بِهِ كُلٌّ مِّنْ عِندِ رَبِّنَا وَمَا يَذَّكَّرُ إِلاَّ أُوْلُواْ الألْبَابِ(.يەنى «(ئى پەيغەمبەر!) ئۇ (ئاللاھ) ساڭا كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) نازىل قىلدى. ئۇنىڭدا مۇھكەم (يەنى مەنىسى ئوچۇق) ئايەتلەر باركى، ئۇلار كىتابنىڭ (يەنى پۈتۈن قۇرئاننىڭ) ئاساسىدۇر؛ يەنە باشقا مۇتەشابىھ (يەنى مەنىسى مۇئەييەن بولمىغان) ئايەتلەر باردۇر. دىللىرىدا ئەگرىلىك بار (يەنى گۇمراھلىققا مايىل) كىشىلەر پىتنە قوزغاش ۋە ئۆز رايى بويىچە مەنە بېرىش ئۈچۈن، مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە ئەگىشىدۇ (يەنى مۇتەشابىھ ئايەتلەرنى ئۆز نەپسى خاھىشى بويىچە چۈشەندۈرىدۇ). بۇنداق ئايەتلەرنىڭ (ھەقىقىي) مەنىسىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ. ئىلىمدا توشقانلار ئېيتىدۇ: «ئۇنىڭغا ئىشەندۇق، ھەممىسى پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن نازىل بولغان. (بۇنى) پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا چۈشىنىدۇ»[24].

 7. خەلق بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتىدىغان، ئۇلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بولۇش. خىزمەت باھانىسى، تەرجىمە ۋە يېزىقچىلىق بىلەن مەشغۇل بولۇش باھانىلىرى بىلەن، خەلقتىن ئايرىلىۋېلىش ياخشى ئىش ئەمەس. سەلەف سالىھ ئۆلىمالار خەلق ئاممىسىدىن ئايرىلىۋالمايتتى، بەلكى ئۇلار بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتۈپ، ئۇلارنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيتتى، يامان ئىشلاردىن توساتتى، ئۇلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىپ بېرەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:[المؤمن الذي يُخالط النّاس ويصبر على أذاهم أفضلُ من المؤمن الذي لا يخالط النّاس ولا يصبر على أذاهم].يەنى «خەلققە ئارىلاشقان، ئۇلاردىن يەتكەن ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلغان مۇئمىن خەلققە ئارىلاشمايدىغان ۋە ئۇلاردىن يەتكەن ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلمايدىغان مۇئمىندىن ئەۋزەلدۇر»[25].

 8. كەمتەر، مۇلايىم ۋە كۆيۈمچان بولۇش. بۇ سۈپەتلەر ئەسلىدە ئاللاھ تائالانىڭ تەربىيىسىدە يېتىلگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىندۇر. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تەۋسىيە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:)وَاخْفِضْ جَنَاحَكَ لِمَنِ اتَّبَعَكَ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ(.يەنى «ساڭا ئەگەشكەن مۇئمىنلەرگە مۇلايىم بولغىن»[26]. يەنە بىر ئايەتتە، ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەرنى سۈپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ:)أَذِلَّةٍ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ أَعِزَّةٍ عَلَى الْكَافِرِينَ(.«(ئۇلارنىڭ ئورنىغا) مۇئمىنلەرگە كۆيۈنىدىغان، كاپىرلارغا ئۆزىنى ئەزىز تۇتىدىغان (مۇئمىنلەرنى كەلتۈرىدۇ)»[27].

 9. ئاللاھ، ئاللاھنىڭ كىتابى، پەيغەمبىرى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىماملىرى ۋە ئومۇمىي مۇسۇلمانلار ئۈچۈن سەمىمىي بولۇش. سەمىمىي بولۇش دىننىڭ جەۋھىرىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:[الدين النصيحة، ثلاثاً، قلنا: لمن؟، قال: لله، ولكتابه، ولرسوله، ولأئمة المسلمين وعامتهم].يەنى «دىن سەمىمىي بولۇشتۇر، (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى)، بىز: كىم ئۈچۈن؟ -دېگىنىمىزدە، ئۇ: ئاللاھ، ئاللاھنىڭ كىتابى، پەيغەمبىرى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىماملىرى ۋە ئومۇمىي مۇسۇلمانلار ئۈچۈن، -دەپ جاۋاب بەردى»[28].

 10. جېدەل–ماجىرالاردىن يىراق تۇرىدىغان بولۇش. جېدەل–ماجىرا ئىنسانغا ھەرگىز ياخشىلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇئمىن–مۇسۇلمانلار، بولۇپمۇ، ئالىم–ئۆلىمالار جېدەل–ماجىرالاردىن قەتئىي يىراق تۇرۇشى لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:[أنا زعيم ببيت في ريض الجنة - طرف الجنة - لمن ترك المراء وإن كان محقًا، وببيت في وسط الجنة لمن ترك الكذب وإن كان مازحًا، وببيت في أعلى الجنة لمن حسن خلقه]. يەنى «مەن ھەقلىق بولسىمۇ، جېدەل–ماجىرانى تەرك ئەتكەن كىشى ئۈچۈن، جەننەتنىڭ تەرىپىدە بىر ئۆي بېرىلىشىگە؛ چاقچاقچى بولسىمۇ، يالغانچىلىقنى تەرك ئەتكەن كىشى ئۈچۈن، جەننەتنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر ئۆي بېرىلىشىگە، ئەخلاقى ياخشى بولغان كىشى ئۈچۈن، جەننەتنىڭ يۇقىرى تەرىپىدە بىر ئۆي بېرىلىشىگە كېپىلمەن»[29].

مانا بۇلار ئىخلاسمەن ئۆلىمالاردا بولۇشى زۆرۈر بولغان بەزى مۇھىم سۈپەتلەر بولۇپ، بۇ سۈپەتلەرنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن ئۆلىما ئىنشائاللاھ، ئىخلاسمەن ئۆلىمالار كارۋىنىغا قوشۇلغۇسى.

 ئى ئاللاھ، بىزنى شەرىئەتنى پۇختا بىلىدىغان، بىلگەنلىرىگە ئەمەل قىلىدىغان، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىدىغان، سۆز–ھەرىكەتلىرىدە رازىلىقىڭنى كۆزلەيدىغان، ئازابىڭدىن قورقىدىغان، رەھمىتىڭدىن ئۈمىدۋار بولىدىغان، خەلققە كۆيۈنىدىغان، ئۇلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئىخلاسمەن ئۆلىمالاردىن قىلغىن، ئى ئاللاھ، «بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن. غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا (باشلىغىن)»[30] ۋە بۇ يولدا مۇستەھكەم قىلغىن، ئامىن.

بۇ ماقالىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى: مۆمىنجان سىدىق.

مەنبە: مەرىپەت ژورنىلى 2020-يىللىق 3-سان.

[1] سۈرە بەقەرە، 269–ئايەت.

[2]تفسير الطبري (3/327).

[3]سۈرە سەجدە، 24 – ئايەت.

[4]سۈرە تەۋبە، 122 – ئايەت.

[5]البخاري، كتاب الاعتصام، باب قول النبي ×: «لا تزال...» (8/189) رقم 7311.

[6]سۈرە ئال ئىمران، 18–ئايەت.

[7]سۈرە نىسا، 59–ئايەت.

[8]سۈرە نەھل، 43–ئايەت.

[9]سۈرە ئال ئىمران، 79–ئايەت.

[10]ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان ھەدىس.

[11]أخرجه أبو داود في العلم رقم: [3157]، والدارمي رقم:[394]

[12]مفتاح دار السعادة (1/140).

[13]سۈرە فاتىر، 28–ئايەت.

[14]قواعد في التعامل مع العلماء، ص33.

[15]البخاري، كتاب الأدب المفرد، ص346

[16]جامع بلان العلم لابان عبو البر (2/96)

[17]سۈرە نىسا، 83–ئايەت.

[18]صحيح سنن أبي داود، للألباني رقم: (4597).

[19]سۈرە مائىدە، 27–ئايەت.

[20]سۈرە فاتىر، 28–ئايەت.

[21]سۈرە مۇھەممەد، 19–ئايەت.

[22]ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىس، نومۇرى 1631.

[23]رواه ابن جرير عن ابن عباس، عمدة التفسير (1/48).

[24]سۈرە ئال ئىمران،7–ئايەت.

[25]رواه أحمد والترمذي وغيرهما عن ابن عمر رضي الله عنهما

[26]سۈرە شۇئەرا، 215–ئايەت.

[27]سۈرە مائىدە، 54–ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[28]ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىس، نومۇرى: 55.

[29]ئىمام ئەبۇ داۋۇت رىۋايەت قىلغان ھەدىس، نومۇرى: 4800.

[30]فاتىھە 6-، 7- ئايەتلەر.