ئاللاھ تائالانىڭ ئىسرائىل ئەۋلادىغا ئاتا قىلغان نېمەتلىرى[1]
ئاللاھ تائالانىڭ ئىسرائىل ئەۋلادىغا ئاتا قىلغان نېمەتلىرى[1]
مۇھەممەد يۈسۈپ
وَإِذْ نَجَّيْنَاكُمْ مِنْ آَلِ فِرْعَوْنَ يَسُومُونَكُمْ سُوءَ الْعَذَابِ يُذَبِّحُونَ أَبْنَاءَكُمْ وَيَسْتَحْيُونَ نِسَاءَكُمْ وَفِي ذَلِكُمْ بَلَاءٌ مِنْ رَبِّكُمْ عَظِيمٌ (49) وَإِذْ فَرَقْنَا بِكُمُ الْبَحْرَ فَأَنْجَيْنَاكُمْ وَأَغْرَقْنَا آَلَ فِرْعَوْنَ وَأَنْتُمْ تَنْظُرُونَ (50) وَإِذْ وَاعَدْنَا مُوسَى أَرْبَعِينَ لَيْلَةً ثُمَّ اتَّخَذْتُمُ الْعِجْلَ مِنْ بَعْدِهِ وَأَنْتُمْ ظَالِمُونَ (51) ثُمَّ عَفَوْنَا عَنْكُمْ مِنْ بَعْدِ ذَلِكَ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ (52) وَإِذْ آَتَيْنَا مُوسَى الْكِتَابَ وَالْفُرْقَانَ لَعَلَّكُمْ تَهْتَدُونَ (53) وَإِذْ قَالَ مُوسَى لِقَوْمِهِ يَا قَوْمِ إِنَّكُمْ ظَلَمْتُمْ أَنْفُسَكُمْ بِاتِّخَاذِكُمُ الْعِجْلَ فَتُوبُوا إِلَى بَارِئِكُمْ فَاقْتُلُوا أَنْفُسَكُمْ ذَلِكُمْ خَيْرٌ لَكُمْ عِنْدَ بَارِئِكُمْ فَتَابَ عَلَيْكُمْ إِنَّهُ هُوَ التَّوَّابُ الرَّحِيمُ (54) وَإِذْ قُلْتُمْ يَا مُوسَى لَنْ نُؤْمِنَ لَكَ حَتَّى نَرَى اللَّهَ جَهْرَةً فَأَخَذَتْكُمُ الصَّاعِقَةُ وَأَنْتُمْ تَنْظُرُونَ (55) ثُمَّ بَعَثْنَاكُمْ مِنْ بَعْدِ مَوْتِكُمْ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ (56) وَظَلَّلْنَا عَلَيْكُمُ الْغَمَامَ وَأَنْزَلْنَا عَلَيْكُمُ الْمَنَّ وَالسَّلْوَى كُلُوا مِنْ طَيِّبَاتِ مَا رَزَقْنَاكُمْ وَمَا ظَلَمُونَا وَلَكِنْ كَانُوا أَنْفُسَهُمْ يَظْلِمُونَ (57) وَإِذْ قُلْنَا ادْخُلُوا هَذِهِ الْقَرْيَةَ فَكُلُوا مِنْهَا حَيْثُ شِئْتُمْ رَغَدًا وَادْخُلُوا الْبَابَ سُجَّدًا وَقُولُوا حِطَّةٌ نَغْفِرْ لَكُمْ خَطَايَاكُمْ وَسَنَزِيدُ الْمُحْسِنِينَ (58) فَبَدَّلَ الَّذِينَ ظَلَمُوا قَوْلًا غَيْرَ الَّذِي قِيلَ لَهُمْ فَأَنْزَلْنَا عَلَى الَّذِينَ ظَلَمُوا رِجْزًا مِنَ السَّمَاءِ بِمَا كَانُوا يَفْسُقُونَ (59) وَإِذِ اسْتَسْقَى مُوسَى لِقَوْمِهِ فَقُلْنَا اضْرِبْ بِعَصَاكَ الْحَجَرَ فَانْفَجَرَتْ مِنْهُ اثْنَتَا عَشْرَةَ عَيْنًا قَدْ عَلِمَ كُلُّ أُنَاسٍ مَشْرَبَهُمْ كُلُوا وَاشْرَبُوا مِنْ رِزْقِ اللَّهِ وَلَا تَعْثَوْا فِي الْأَرْضِ مُفْسِدِينَ (60).
تەرجىمىسى
49 _ ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەرنى پىرئەۋن گۇرۇھىدىن قۇتقۇزغان ئىدۇق. ئۇلار سىلەرگە ئازابنىڭ ئەڭ قاتتىقىنى تېتىتاتتى، ئوغۇللىرىڭلارنى بوغۇزلاپ، قىزلىرىڭلارنى (ئىشقا سېلىش ئۈچۈن) ھايات قالدۇراتتى. (بېشىڭلارغا كەلگەن) ئاشۇ ئىشتا رەببىڭلارنىڭ چوڭ سىنىقى بار ئىدى.
50 _ ئۆز ۋاقتىدا بىز دېڭىزنى سىلەر ئۈچۈن يېرىپ (يول ئېچىپ) سىلەرنى قۇتقۇزغان ۋە پىرئەۋن گۇرۇھىنى كۆز ئالدىڭلاردا غەرق قىلغان ئىدۇق.
51 _ ئۆز ۋاقتىدا بىز مۇساغا قىرىق كېچە (كۈتكەندىن كېيىن تەۋراتنى بېرىشنى) ۋەدە قىلغان ئىدۇق. ئۇ سىلەردىن ئايرىلغاندىن كېيىن، سىلەر ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلىپ موزاينى مەبۇد قىلىۋالغان ئىدىڭلار.
52 _ شۇنىڭدىن كېيىن، (ئەقلىنى تېپىپ) شۈكۈر قىلسۇن دەپ، بىز سىلەرنى ئەپۇ قىلغان ئىدۇق.
53 _ ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەرنى ھىدايەت تاپسۇن دەپ، مۇساغا ھەقنى باتىلدىن ئايرىغۇچى كىتاب (تەۋرات)نى بەرگەن ئىدۇق.
54 _ ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئۆز قەۋمىگە: «ئى قەۋمىم! سىلەر موزاينى مەبۇد قىلىپ، ھەقىقەتەن ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلدىڭلار، ياراتقۇچىڭلارغا تەۋبە قىلىڭلار، موزايغا چوقۇنمىغانلىرىڭلار چوقۇنغانلارنى ئۆلتۈرۈڭلار. مۇنداق قىلىش ياراتقۇچىڭلارنىڭ دەرگاھىدا سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر» دېگەن ئىدى. (سىلەر بۇنى ئورۇندىدىڭلار) شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلدى. چۈنكى، ئاللاھ تەۋبىنى ھەقىقەتەن بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.
55 _ ئۆز ۋاقتىدا سىلەر: «ئى مۇسا! بىز ئاللاھنى ئوپئوچۇق كۆرمىگۈچە ساڭا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دېدىڭلار _ دە، سىلەر قاراپ تۇرغاندا سىلەرنى چاقماق سوقتى.
56 _ ئاندىن كېيىن، سىلەرنى شۈكۈر قىلسۇن دەپ، ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن تىرىلدۈردۇق.
57 _ بىز سىلەرگە بۇلۇتنى سايىۋەن قىلىپ بەردۇق، سىلەرگە تەرەنجىۋىل بىلەن بۆدۈنىنى چۈشۈرۈپ بېرىپ: «بىز سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن پاك، شېرىن نەرسىلەردىن يەڭلار» (دېدۇق). ئەمما ئۇلار (نېمەتلىرىمىزگە تۇزكورلۇق قىلىپ) بىزگە ئەمەس، لېكىن ئۆزىگە زۇلۇم قىلدى.
58 _ ئۆز ۋاقتىدا (ئەجدادلىرىڭلارغا): «بۇ شەھەرگە (بەيتۇلمۇقەددەسكە) كىرىڭلار، ئۇ يەردە خالىغىنىڭلارچە كەڭتاشا يەڭلار، (بەيتۇلمۇقەددەس) دەرۋازىسىدىن (ھۆرمەت بىلدۈرۈپ) ئېگىلگەن ھالدا كىرىڭلار، ‹(ئى رەببىمىز!) بىزنى كەچۈرگىن› دەڭلار، (شۇنداق قىلساڭلار)، گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىمىز، (ئىشنى) مۇكەممەل([2]) قىلغۇچىلارغا (مۇكاپاتىنى) ئاشۇرۇپ بېرىمىز» دېگەن ئىدۇق.
59 _ (ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغۇچىلار ئۆزلىرىگە سۆزلەنگەن سۆزنى باشقا سۆزگە ئۆزگەرتىۋەتتى. (ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغۇچىلار يولدىن چىققانلىقى سەۋەبلىك ئۇلارغا ئاسماندىن ئازاب چۈشۈردۇق.
60 _ ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئۆز قەۋمى ئۈچۈن سۇ تەلەپ قىلغان ئىدى، بىز ئۇنىڭغا: «ھاساڭ بىلەن تاشنى ئۇرغىن» دېدۇق. تاشتىن ئون ئىككى بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى، ھەركىم ئۆزىنىڭ سۇ ئىچىدىغان ئورنىنى بىلدى، (ئۇلارغا) «ئاللاھ بەرگەن رىزىقتىن يەڭلار ۋە ئىچىڭلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار» (دېدۇق).
بۇ ئايەتلەرنىڭ ئالدىنقى ئايەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئايەتلەردە، ئۆزىنىڭ يەھۇدىيلارغا ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنى قىسقىچە بايان قىلغان بولۇپ، بۇ ئايەتلەردە بۇ نېمەتلەرنى تەپسىلىي بايان قىلغان. بۇ نېمەتلەر ئون چوڭ نېمەتتۇر.
تەپسىرى
«قۇرئان كەرىم» پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا زامانداش بولغان يەھۇدىيلارنى ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنىڭ ئاتا _ بوۋىلىرىغا ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنى ياد ئېتىشكە چاقىرىدۇ ۋە تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلىدۇ:
1. ئى يەھۇدىيلار گۇرۇھى! ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلارنى زالىم پىرئەۋننىڭ زۇلۇمىدىن قۇتقۇزدى. ئۆز ۋاقتىدا پىرئەۋن چۈشىدە، قۇددۇس شەھىرىدىن بىر ئوت چىقىپ مىسىرنى قورشىۋالغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىچە قورقۇپ كېتىپ بارلىق چۈش تەبىرچىلىرىنى ھوزۇرىغا چاقىرتىدۇ ۋە كۆرگەن چۈشى ھەققىدە ئۇلاردىن تەبىر سورايدۇ. تەبىرچىلەر ئۇنىڭغا، ئىسرائىل ئەۋلادى ئىچىدىن بىر ئوغۇل تۇغۇلىدىغانلىقى، بۇ ئوغۇلنىڭ ئۇنىڭ تەختىنى ئۆرۈپ تاشلايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ پىرئەۋن گۇرۇھى ئىسرائىل ئەۋلادىدىن تۇغۇلغان ئوغۇل بالىلارنى ئۆلتۈرۈشكە باشلايدۇ. شۇ ۋاقىتتا ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ ئاتا _ بوۋىلىرىڭلارنى پىرئەۋن زۇلۇمىدىن قۇتقۇزۇپ، مىسىردىن سالامەت چىقىپ كېتىشىڭلارغا دېڭىزدىن يول ئېچىپ بەردى.
2. شۇ ۋاقىتتا پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى ئەجدادلىرىڭلارنى قوغلاپ كەلگەندە ئۇلارنىڭ ئالدىدا دېڭىز، كەينىدە زالىم قوشۇن، ئەجدادلىرىڭلار نېمە قىلىشىنى بىلمەي ئامالسىز قالغاندا، ئۇلارغا ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمى كېلىپ، ئۇنىڭ قۇدرىتى بىلەن دېڭىز يېرىلىپ ئوتتۇرىسىدىن بىر قۇرۇقلۇق يول ئېچىلغاندىن كېيىن، ئەجدادلىرىڭلار قىرغاققا سالامەت ئۆتۈپ كېتىدۇ. پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قوشۇنى ئەجدادلىرىڭلارنىڭ كۆزى ئالدىدا سۇغا غەرق بولۇپ تۈگىشىدۇ.
3. ئى يەھۇدىيلار! ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىڭلار مۇسا ئەلەيھىسسالامغا «تەۋرات»نى بېرىشكە ۋەدە قىلىپ، ئۇنى مىسىرنىڭ تۇر تېغىغا بېرىپ قىرىق كۈن ئېتىكاپ قىلىشقا بۇيرۇغىنىدا، ئۇ قېرىندىشى ھارۇن ئەلەيھىسسالامنى ئەجدادلىرىڭلارغا مەسئۇل قىلىپ قويۇپ كېتىدۇ. مۇسا «تەۋرات»نى ئېلىپ قايتىپ كەلگىچە ئەجدادلىرىڭلار بىر موزاينى ئىلاھ قىلىپ چوقۇنىدۇ، ھارۇن ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىگە كىرمەيدۇ. بۇ ئىش ئاللاھ تائالانى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى مۇسا ئەلەيھىسسالامنى قاتتىق غەزەپلەندۈرىدۇ. لېكىن ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ كەڭ پەزلى _ مەرھەمىتى بىلەن ئەجدادلىرىڭلارنىڭ بۇ ئېغىر جىنايىتىنى ئەپۇ قىلىپ كەچۈرىۋېتىدۇ.
4. ئى يەھۇدىيلار! ئەجدادلىرىڭلارنىڭ ۋە سىلەرنىڭ توغرا يولدا يۈرۈشۈڭلار، ھالال بىلەن ھارامنى پەرق ئېتىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى «تەۋرات»نى دىنىي دەستۇر قىلىپ بەرگەنلىك نېمىتىنى ئۇنتۇماڭلار.
ئايەتتىكى «فۇرقان» دېگەن سۆز «ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى» دېگەن مەنىدە بولۇپ، «تەۋرات»نىڭ سۈپىتى بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۆجىزىلەرنى، دىنىي ئەھكاملارنى ۋە توغرا ئىلىملەرنىمۇ ئىپادىلەيدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىلىرى سېھىرگەرلەرنىڭ سېھىرلىرىنى بەربات قىلىش ئارقىلىق ھەقىقەتنى باتىلدىن ئايرىپ بەرگەن.
5. ئى يەھۇدىيلار! ئەجدادىڭلار موزاينى ئىلاھ قىلىپ چوقۇنغاندا، پەيغەمبىرىڭلار مۇسا سىلەرگە )فَاقْتُلُوا أَنْفُسَكُمْ ( يەنى »موزايغا چوقۇنمىغانلىرىڭلار چوقۇنغانلارنى ئۆلتۈرۈڭلار« دېگەندە، سىلەر ئۇنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈردۈڭلار، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلدى، گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلدى. سىلەر ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئىلتىپاتىنى ئۇنتۇماڭلار.
6. ئى يەھۇدىيلار! سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار پەيغەمبىرىڭلار مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئەدەپسىزلىك قىلىپ، ) لَنْ نُؤْمِنَ لَكَ حَتَّى نَرَى اللَّهَ جَهْرَةً ( يەنى »بىز ئاللاھنى ئوپئوچۇق كۆرمىگۈچە ساڭا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز« دېگەن بولسىمۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ۋە پەيغەمبىرىڭلارنىڭ ئۇلارنى ئەپۇ قىلغانلىقىنى ئەسكە ئېلىڭلار.
7. ئى يەھۇدىيلار! ئەجدادلىرىڭلار مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە مىسىر بىلەن شام ئوتتۇرىسىدىكى كەنئان چۆلىدە يولىدىن ئېزىپ چۆلدە سەرسانلىقتا قىرىق يىل تۇرۇپ قالغاندا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنى يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىش، ئاسماندىن بۆدۈنە بىلەن تەرەنجىۋىل چۈشۈرۈپ بېرىش ۋە نازۇ _ نېمەتلەرنى ئاتا قىلىش بىلەن ھايات قالدۇرغانلىقىنى ئەسكە ئېلىڭلار.
8. ئى يەھۇدىيلار! ئەجدادلىرىڭلارنى مۇسا ئەلەيھىسسالام زالىم قەۋمگە قارشى ئۇرۇشقا دەۋەت قىلغان چاغدا، ئەجدادىڭلار ئۇنىڭغا: ) فَاذْهَبْ أَنْتَ وَرَبُّكَ فَقَاتِلَا إِنَّا هَاهُنَا قَاعِدُونَ ( يەنى » سەن رەببىڭ بىلەن بىللە بېرىپ ئىككىڭلار ئۇرۇشۇڭلار، بىز بۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرايلى« ([3]) دېگەن ئەدەپسىز سۆزلەرنى قىلىپ، ئۇنى قاتتىق رەنجىتكەندىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنى ئەپۇ قىلغانلىقىنى ئەسكە ئېلىڭلار.
9. ئى يەھۇدىيلار! ئەجدادلىرىڭلار بەيتۇلمۇقەددەس شەھىرىگە كىرىشتە، ئۇلار ئىشىكنى ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىش بىلەن ئېچىشقا بۇيرۇلغىنىدا، ئۇلار بۇ ئەمرگە خىلاپلىق قىلغان ھالدا غادىيىپ كىرگەن بولسىمۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنى ئەپۇ قىلغانلىقىنى ئەسكە ئېلىڭلار.
10. ئى يەھۇدىيلار! ئەجدادلىرىڭلار چۆلدە سۇسىزلىقتىن زارلانغاندا، ئاللاھ تائالانىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ھاسىسى بىلەن تاشقا ئۇرۇشقا ئەمر قىلغانلىقى ۋە تاشتىن سۇ چىقىرىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغانلىقىنى ئەسكە ئېلىڭلار.
ئەسكەرتىش
ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتلەر ئارقىلىق مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىكى يەھۇدىيلارغا خىتاب قىلغان. ھالبۇكى، يۇقىرىقى جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەر ئۇلار ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى ئىدى. بۇنىڭدىكى سىر شۇكى، يەھۇدىيلار ئەزەلدىن توغرا _ خاتانى ئايرىماستىنلا ئەجدادلىرىنىڭ تەرىپىنى تۇتىدىغان، ئۇلارنىڭ تارىختىكى جىنايەتلىرى ۋە تۈرلۈك رەزىللىكلىرى بىلەن پەخىرلىنىدىغان ۋە ئەجدادلىرىنىڭ مەككارلىقىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ئۇدۇم قىلىۋالغان بىر مىللەتتۇر. بۇنىڭ ئەڭ ئاددىي بىر مىسالى، قەدىمكى يەھۇدىيلار تارىختىن بېرى ئۆزلىرىنى توغرا يولغا باشلاش ئۈچۈن كەلگەن گۇناھسىز، پاك پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرۈپ كەلگەن بولسا، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىكى يەھۇدىيلارمۇ پەيغەمبىرىمىزنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن بىر قانچە قېتىم سۇيىقەست پىلانلىغان. ئەمما ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ) يَا أَيُّهَا الرَّسُولُ بَلِّغْ مَا أُنْزِلَ إِلَيْكَ مِنْ رَبِّكَ وَإِنْ لَمْ تَفْعَلْ فَمَا بَلَّغْتَ رِسَالَتَهُ وَاللَّهُ يَعْصِمُكَ مِنَ النَّاسِ ﱾ ( يەنى » ئى پەيغەمبەر! رەببىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان (ۋەھيى)نى يەتكۈزگىن، ئەگەر (بۇنى) قىلمىساڭ، ئاللاھ تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئادا قىلمىغان بولىسەن. ئاللاھ سىېنى كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدۇ« ([4]) دېگەن ۋەدىسىگە ئاساسەن ئۇنى يەھۇدىيلارنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن ساقلاپ قالغان.
مۇھىم نۇقتىلىرى
1. نېمەتكە شۈكۈر قىلىش ئەقەللىي ئىنسانلىق بۇرچىدۇر. نېمەتلەرنى بايان قىلىشتىن مەقسەت كىشىلەرنى ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىشقا تەشەببۇس قىلىشتۇر.
2. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى ھەرخىل قىيىن سىناقلار بىلەن سىنايدۇ. بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈشكە بولمايدۇ.
3. ئەڭ چوڭ گۇناھ مەخلۇقاتنى ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈشتۇر.
4. پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەۋەتىلىشى ۋە كىتابلارنىڭ نازىل قىلىنىشى كىشىلەرنىڭ توغرا يول تېپىشى ئۈچۈندۇر.
5. ئاللاھ تائالادىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلىش ئوپئوچۇق كۇفرىلىقتۇر. چۈنكى ئىبادەت پەقەت ئاللاھقىلا قىلىنىدۇ.
6. دىندىن يېنىۋېلىشنىڭ گۇناھى ناھايىتى ئېغىردۇر. چۈنكى، بۇنداق قىلىش شۇ دىننىڭ ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ.
7. ھالال يېيىشمۇ ئىبادەتتۇر. ھالال _ ھارام ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن بەلگىلەنگەندۇر.
8. ئاللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىشنىڭ ئاقىۋىتى ھەقىقەتەن ياماندۇر.
9. «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىنى ئۆزگەرتىپ چۈشەندۈرۈش ئېغىر گۇناھتۇر.
10. سۆز ۋە ئەمەلدە راستچىل بولۇش مۇئمىنلەرنىڭ ئەخلاقىدۇر.
مەنبە: مەرىپەت ژورنىلى 2020-يىللىق 3-سان.