خىتاي ۋە ھىندىستان ئارىسىدا 45 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم قان تۆكۈلدى

شەرقىي تۈركىستان بىلەن ھىندىستان چېگرىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ھىندىستان ئارمىيىسىدىن 20 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى، خىتاي تەرەپمۇ يارىلانغانلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. دەسلەپكى خەۋەرلەردە ئۈچ ئەسكەرنىڭ ئۆلگەنلىكى ئېيتىلغان ئىدى. 

خىتاي ۋە ھىندسىتان ئارىسىدا قانلىق توقۇنۇش

بىر نەچچە ھەپتىدىن بۇيان جىددىي ھالەتتە تۇرۇۋاتقان خىتاي-ھىندىستان چېگرىسىدىن «شۇم خەۋەر» كەلدى: دۈشەنبە كۈنى كېچىدە ئۈچ نەپەر ھىندىستان ئەسكىرى لاداخ رايونىدىكى توقۇنۇشتا قازا قىلدى. 

ھىندسىتان ھەربىي تەرەپنىڭ 16- ئاپرىل سەيشەنبە كۈنى ئىلان قىلىشىچە، لاداغ رايونىدىكى گالۋان جىلغىسىدا خىتاي تەرەپ بىلەن بىر توقۇنۇش يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۈچ نەپەر ھىندىستان ئەسكىرى ئۆلگەن. 

ھىندىستان ھەربىي تەرەپنىڭ باياناتىدا، «گالۋان جىلغىسىدا زىددىيەتنى پەسەيتىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقاندا، تۈنۈگۈن كېچە ئەجەللىك بىر قوراللىق قارشىلىش يۈز بەردى،» دېيىلگەن بولۇپ، ئۆلگۈچىلەر بىر ئوفىتسېر ۋە ئىككى ئەسكەر ئىكەن. 

ئىگىلىنىشىچە، بۇ ھىندىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدا 1975-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئادەم ئۆلۈشكە سەۋەب بولغان چگرا توقۇنۇشى ئىكەن. 

رويتېرس ئاگنېلتىقىنىڭ ھىندىستان ھەربىي ئەمەلدارىرىدىن ئىگىلىشىچە، توقۇنۇش جەريانىدا ئىككى تەرەپ ئەسكەرلىرى تاش ئېتىشقان، كالتەكلەشكەن ۋە قۇچاقلاشماق جەڭ قىلغان، لكېىن ھەر ئىككى تەرەپ ئوق چىقارمىغان. 

خىتاي ھىندىستاننى بۇ ئىشقا مەسئۇل بولۇشى كېرەك دەپ ئەيىبلىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجەين سەيشەنبە كۈنىدىكى ئاخبارات ئىلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «ھىندىستان ئارمىيىسى دۈشەنبە كۈنى ئىككى قېتىم چېگرادىن ئۆتتى، خىتاي خادىملىرى قۇتراتقۇلۇق قىلىپ ھۇجۇم قىلدى، نەتىجىدە ئىككى تەرەپنىڭ چېگرا بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا ئېغىر جىسمانىي توقۇنۇش يۈز بەردى، ھىندىستان بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.»

جاۋ مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا خىتاي تەرەپتىن ئۆلگەن-يارىلانغانلار ھەققىدە توختالمىدى. لېكىن «يەرشارى ۋاقت گېزىتى»نىڭ باش مۇھەرىرى خۇ شىجىن سەيشەنبە كۈنى مىكرو بىلوگدا خىتاي تەرەپتىنمۇ يارىلانغانلار بارلىقىنى ئېيتتى. 

ھىندىستان بولسا، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ چېگرادىن ئۆتۈش قىلمىشى بارلىقىنى بىلدۈردى. 

 ھىندىستان تەرەپتىن 20 دىن ئارتۇق كىشى ئۆلدى

16- ئىيۇن سەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن، رويتېرس ۋە بىرلەشمە ئاگېنتلىق ھىندسىتان ئارمىيىسىنىڭ باياناتىنى نەقىل قىلىپ، خىتاي ۋە ھىندسىتان ئارىسىدىكى توقۇنۇشتا 20 ھىندىستان ئەسكەر ۋە ئوفىتسېرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.