مىللىي كەمسىتىشنىڭ گۇۋاھچىسى: شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن بىر خىتاينىڭ ئىقرارى
ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىقلار خىتاينىڭ شىنجاڭ رايونى(شەرقىي تۈركىستان-ت)دا سىستېمىلىق باستۇرۇش ۋە كەمسىتىشكە دۇچ كەلمەكتە، ئەمما ئۇ يەردە خىتايلارنىڭ ھاياتى قانداق؟
ئۇ ئىككى ئۇيغۇر ئوغۇل مەندىن كۆپ كۈچلۈك ئىدى. ئۇلار ماڭا ھەر كۈنى مەكتەپتىن كېيىن قوش تورنىكنى قانداق مەشىق قىلىشنى ئۆگەتتى. ئوخشاش بىر بوتۇلكىدىن سۇ ئىچىپ، ئوخشاش بىر خالتا ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكنى ئورتاقلىشاتتۇق. مەن شىنجاڭدا چوڭ بولۇۋاتقان ۋاقتىمدا، مېنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىم ۋە ئۇلارنىڭ ئەمەسلىكى ھېچ ئىشقا پۇتلاشمايتتى. ئەمما شىنجاڭدىكى ھەممە نەرسە يوقاپ كەتتى.
خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا، شىنجاڭ ئاۋارىچىلىق ۋە كەمسىتىش، يىراق ۋە قالاق بولۇش بىلەن ئوخشاش مەنىدە. ئەمما شىنجاڭدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ماڭا بۇ يەرنىڭ بۇ دۆلەتتىكى ئەڭ بىخەتەر جاي ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ - ئۇلار بۇنىڭدىن پەخىرلىنىدۇ.
مەن بىر نەچچە يىل ئىلگىرى كۆچۈپ كەتتىم. ھەر قېتىم ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللۇقىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، كەيپىياتنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىنى ھېس قىلىمەن. ھەرقانداق بىنا - رېستوران، سودا ساراي، كىنوخانا، دوختۇرخانا، تاللا بازىرىغا كىرىڭ، ئەھۋال ئوخشاش: بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى، سومكا تەكشۈرۈش، كىملىك كارتىسى سۈركەش. بالىلىقىمدىن ئېسىمدە قالغان جايغا سېلىشتۇرغاندا، ئىلمىي فانتازىيىلىك فىلىمدە تۇرغاندەك ھېس قىلىمەن.
مەن بىر يىل باھار بايرىمىدا شىنجاڭنىڭ پايتەختى ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگىنىمدە، پويىز ئىستانسىسىنىڭ سىرتىدا ساقچى ماشىنىلىرى تىزىلغان ئىدى. مەن ئۈرۈمچى سىرتىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ پويىز ئىستانسىسىدىن ئايرىلىش ئۈچۈنلا يەرلىك تۇغقانلىرى ياكى خوجايىنلىرىنىڭ كاپالەت خېتىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بايقىدىم.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تاكى يېقىنقى مەزگىللەرگىچە ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىن كەلگەن كىشىلەر يېتىپ كەلگەندىن كېيىن رەسمىي «خىزمەت گۇرۇپپىلىرى» تەرىپىدىن ئۇلارنىڭ ئىپادىسى ۋە ھەرىكىتىنى يېقىندىن كۆزەتكىلى بولىدىغان ئىشلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. تاماكا چەكمىگەن ياكى ھاراق ئىچمىگەنلەر ياكى كۈچلۈك دىنىي ئېتىقادى بار دەپ قارالغانلار ئالاھىدە تەكشۈرۈلىدۇ. يېڭى خىزمەتلىرىدە ئىپادىسى ياخشى بولمىغان مۇسۇلمانلار «ئۆگىنىدىغان» جايغا ئەۋەتىلىدۇ.
بىر دوستۇم ماڭا مۇنداق دېدى: 2017-يىلى، بېيجىڭدىكى مۇھىم سىياسىي پائالىيەت بولغان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 19-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ئورنىدىكى نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرى (ئاساسلىقى ئۇيغۇر) تۇيۇقسىز غايىب بولىدۇ. ھەتتا ئۇلارنىڭ دوستلىرى ۋە ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئۇلارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقمۇغۇچە ئۇلارنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى.
ھەر خىل سەۋەبلەر كۆرسىتىلىدۇ: ئۇلار بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى بىلەن ھەمكارلاشمىدى، ئۇلار نامۇۋاپىق سۆزلەرنى قىلدى. بەزىلىرى پەقەت ئىلگىرىكى جىنايى ئىشلار خاتىرىسى بولغانلىقى ئۈچۈنلا قولغا ئېلىنغان. قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قولغا ئېلىشلارنىڭ 19-قېتىملىق مەملىكەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئېنىق ئىدى.
يېڭى خىزمەتلىرىدە ئىپادىسى ياخشى بولمىغان مۇسۇلمانلار «ئۆگىنىدىغان» جايغا ئەۋەتىلىدۇ.
مېنىڭ بۇ خىلدىكى شەخسىي كەچۈرمىشلىرىم يوق، ئەمما مەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرىمەن. مەسىلە بىز خىتايلارنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشىمىز.
«زىيارەت-ياردەم-ئىتتىپاق» پروگراممىسىغا ئاساسەن، خىتايلار ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان كىشىلەرنىڭ ئۆيىدە تۇرۇشقا ئەۋەتىلدى. ئۇلار ئۇلار بىلەن بىللە غىزالىنىدۇ، «مىللىي ھېسسىياتنى يېتىلدۈرىدۇ» ۋە «ئۆگىنىدۇ». مېنىڭ يەنە بىر دوستۇم شىركىتى تەرىپىدىن بۇنىڭغا قاتنىشىشقا تەقسىم قىلىندى. باشقىچە ئېيتقاندا، ئۇنىڭ تاللىشى يوق ئىدى.
ئائىلەمدىكىلەر ۋە دوستلىرىمغا بۇ تەدبىرلەرنى چۈشەنمەيمەن دېسەم، ئۇلار پەقەت: «بۇ دېگەن شىنجاڭ» دېدى. مەن يىراقتا تۇرغان ۋاقىتلاردا، كىشىلەر بۇ دەرىجىدىكى كونترول قىلىشقا كۆنۈپ قالغان ئىدى، بۇ مېنى بىئارام قىلىدۇ.
كۆپ يىللاردىن بۇيان، دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىدە شىنجاڭلىقلار ئاساسلىقى ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىيالايدىغان ئۇيغۇرلار ئىدى. ئوخشاشلا، ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرى ھەر يىلى مارتتا ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ئەنئەنىۋى كىيىملىرىنى ھەمىشە كىيىدۇ.
مېنىڭ شىنجاڭدىكى پىشقەدەم خىتاي تۇغقانلىرىم بۇ ئەنئەنىۋى ئۇسسۇلنى بەك ياقتۇرىدۇ، ئەمما ئۇلار ئۇسسۇل ئوينايدىغان ئۇيغۇرلارنى ئەزەلدىن ئەتراپىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار بىلەن باغلىمايدىغاندەك قىلاتتى. بۇ قېلىپلاشقان سۈرەتلەر كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇش شارائىتى ۋە ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئىجتىمائىي ئورنىنى چۈشىنىشىنى توسۇپ قويغان.
مەن يىراقتا تۇرغان ۋاقىتلاردا، كىشىلەر بۇ دەرىجىدىكى كونترول قىلىشقا كۆنۈپ قالغان، بۇ مېنى بىئارام قىلىدۇ.
مەن بىر تۇغقىنىمنىڭ ئۇ ئىشلەۋاتقان زاۋۇتتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىشلارنى بەك ئاستا قىلىدۇ دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. ئۇ ئۇلارنىڭ خىتايلاردەك ئەقىللىق ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغان. دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى كارخانىدا ئىشلەيدىغان يەنە بىر دوستۇمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ قىسمىدا ئاز سانلىق مىللەت ئەزالىرى يوق ئىكەن، ھەمدە ھېچكىم قوبۇل قىلىشنى پىلانلىمايدىكەن. يەنە بىر ساۋاقدىشى ئۇنىڭ پويىزغا چىققاندا «ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشۈش» نى يامان كۆرىدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇلارنىڭ «ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىدىغان، پۇرايدىغان ۋە مەينەت» ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
بىر قېتىملىق پويىز سەپىرىدە، مەن شىنجاڭ رايونلۇق ھۆكۈمەتتە ئىشلەيدىغان بىر ئەر بىلەن پاراڭلاشتىم. ئۇ ماڭا ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان سىياسەتنىڭ «بىر ئەۋلادنى قۇربان قىلىش» ئىكەنلىكىنى، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاش ۋە تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش سىياسىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىن توختىتىپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىر ئەۋلاد ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە خىتايلار بۇ رەھىمسىز ئۆتكەلدىن ئۆتۈشى كېرەك، ئەمما ھازىر قاتتىق تەدبىرلەر كېيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن ئىتتىپاقلىق بەرپا قىلىدۇ دەپ قارالماقتا.
بىر يىلى، مەكتىپىمنى كۆرۈش قىزغىنلىقى قوزغالدى. تاملارنىڭ ھەممىسى تىكەنلىك سىم بىلەن قورشالغان. ئەگەر ئۇنىڭ مەكتەپ ئىكەنلىكىنى بىلمىسىڭىز، ئۇنى تۈرمە دەپ پەرەز قىلىشىڭىز مۇمكىن. مەن بۈگۈنكى ئوقۇغۇچىلار چوڭ بولغاندا تىكەنلىك سىم بىلەن قورشالمىغان باشقا جايلارنى كۆرگەندە نېمىلەرنى ئويلار دەپ قالدىم. ئۇلار ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلامدۇ ياكى ئەركىن ھېس قىلامدۇ؟
مەن ئۇيغۇر دوستلىرىمنى ئويلىدىم، بىر خىتاي ساۋاقدىشىمنىڭ ماڭا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى ئېسىمگە كەلدى، مېنىڭ ئىنكاسىم بولسا: «بۇنىڭ نېمە پايدىسى بار؟» مەن ھازىر ئۆزۈمنىڭ بۇ بىر تەرەپلىمىلىك ئىجتىمائىي قۇرۇلمىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىمنى، ھەمدە ئەزەلدىن شۇنداق بولۇپ كەلگەنلىكىمنى ھېس قىلدىم. مەن ئۇ دوستلارنىڭ ھازىر نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيمەن، ئەمما بارغانسىرى ئايدىڭلاشتىكى، ئارىمىزدىكى چەك-چېگرا بىزنىڭ باغلىنىشىمىزنى بېسىپ چۈشىدۇ.
تۈركىستان ۋاقتى تەرجىمىسى