شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى مەسىلىلىرى ۋە ھەل قىلىش تەكلىپ – پىكىرلىرى

21 – ئەسىرگە قەدەم بېسىش مۇساپىسىدە دۇنيا سىياسەت سەھنىسىدە بىرىنچىدىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ دۇنياۋى كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ، غەرب مەركەزلىك دۇنياغا قارشى كۆپ مەركەزلىك ۋەزىيەتنىڭ ھاسىل بولۇشى؛ ئىككىنچىدىن، خىتاينىڭ يۈكسىلىشى ۋە بۇ يۈكسىلىشنىڭ دۇنياغا نېمىلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنىڭ ئېنىق بولماسلىقى؛ ئۈچىنچىدىن، مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىدىن 500 يىل ئۆتكەندىن كېيىن قايتىدىن ئويغىنىپ، تېخىمۇ مۇرەككەپ بىر ئىسلام دۇنياسىنى يارىتىشىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئۆزگىرىش كۆرۈلدى. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۆزگىرىشلەر – باشتىن كەچۈرىدىغان ھەر خىل ئامىللارنىڭ ھەمراھلىقىدا – بىز ئۈچۈن مۇئەمما بىر يۆنىلىشكە قاراپ سۈرئەت بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، كونا دۇنيا تۈزۈمى ۋە خەلقئارا سىستېما يىمىرىلمەكتە، يېڭى بىر سىستېما ۋە تۈزۈمنىڭ ئورنىتىلىش ھارپىسىدا دۇنيا سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە خەۋپسىزلىك ساھەسىدە ماھىيەتلىك ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈش باسقۇچىغا كىردى. دۇنيانىڭ باش كۆتۈرىدىغان يېڭى مەسىلىلەرگە قارشى يېڭى چارىلەرنى تېپىش ھەلەكچىلىكى باشلىنىدۇ ۋە كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى قايتا شەكىللەندۈرۈش مۇساپىسىدە كارتىلار قايتىدىن تارقىتىلىدۇ.

يۈكسىلىۋاتقان خىتايمۇ دېڭ شىياۋپىڭنىڭ ئۈچ باسقۇچلۇق تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى (1987 – 2020) نى ئورۇنداپ، نۆۋەتتە يېڭى بىر ئۈچ باسقۇچلۇق گۈللىنىش ئىستراتېگىيەسى (2020 – 2050) نى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئىستراتېگىيەچە بولغاندا، خىتاي 2020 – يىلىغا بارغاندا ئوتتۇرھال باياشات جەمئىيەت، 2035 – يىلىغا بارغاندا تەرەققىي قىلغان جەمئىيەت ۋە 2050 – يىلىغا بارغاندا بولسا، زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك بىر دۆلەت قۇرۇپ چىقىدىكەن. خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، 2012 – يىلى دېكابىردا خىتاي مىللىتىنىڭ قايتىدىن بۈيۈك گۈللىنىش چۈشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 – يىلى (1921 – 2021) دا ئوتتۇرھال باياشات جەمئىيەتنى ۋە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 – يىلى (1949 – 2049) دا زامانىۋىلاشقان سوتسىيالىستىك دۆلەتكە ئايلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 2017 – يىلى ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا، خىتايچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. خىتاينىڭ 2035 – يىلى دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ كۈچلىرى بىلەن ئوخشاش ھالەتكە كېلىشنىڭ، 2050 – يىلى بولسا، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۈچكە ئايلىنىشنىڭ كويىدا ئىكەنلىكى نامايان بولماقتا. خىتاينىڭ مۇددىئاسى سوتسىيالىستىك چوڭ دۆلەتنى روياپقا چىقىرىشتىن ئىبارەت.

خىتاي رەھبەرلىك ئاپپاراتىدا كۈچلۈك لىدىر (ماۋزېدۇڭ ، دېڭ شياۋپىڭ) ۋە كۈچلۈك لىدىرلار بىۋاسىتە تەيىنلىگەن رەھبەرلەر (جياڭ زېمىن، خۇجىنتاۋ) دەۋرى ئارقىدا قالدى. شى جىنپىڭ پارتىيە ئىچىدە كېڭىشىش ئارقىلىق سايلانغان بىر لىدىر بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى رەھبەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا، تايانچ كۈچى ئاجىزدۇر. شى جىنپىڭ نوپۇزىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بارلىق رەھبەرلىك كۈچىنى مەركەزگە يىغىپ، ئۆز چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالدى. شى جىنپىڭنىڭ ھوقۇق دائىرىسى بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى باشلىقلارنىڭ ھەممىسىدىن كۆپ ۋە كۈچلۈك بولۇپ، دىكتاتور تۈزۈم شەكىللەندۈردى. ئۇ، لىدىرلارنىڭ ئىككى باسقۇچلۇق رەئىس بولۇش بەلگىلىمىسىنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئاداققىچە رەھبەر بولۇش ئىمكانىيىتىنىمۇ ياراتتى. شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە رەھبەرلىك ئاپپاراتىدىكى رەقىبلىرىنى چىرىكلىكنى باھانە قىلىپ تازىلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش يولىدىكى سىياسەتلىرى خەلقنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشتى. كۈچلەنگەن ۋە ھەممە كۈچنى ئۆز قولىغا توپلىغان شى جىنپىڭنىڭ خىتاينىڭ يېڭى كۈچلۈك ئورنىغا قاراپ، دەۋرگە ماس ئىسلاھات ۋە يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كېلىشى شەرت بولسىمۇ، ئۇ يېڭى ۋەزىيەتكە كونا مېتود بويىچە مۇئامىلە قىلىشقا تىرىشماقتا ۋە تېخىمۇ قاتتىق قوللۇق تەسىراتى ياراتماقتا. شى جىنپىڭنىڭ «يېڭى ئاياغ بىلەن كونا يولدا مېڭىشى» (خىتاي ماقالى) 35 يىللىق ئىقتىسادىي ئۇتۇقنى خورىتىش بىلەن بىرگە، خەلقنىڭ خاتىرجەملىك ۋە مۇقىملىقىغىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ. شى جىنپىڭ شەكىللەندۈرگەن بۇ دىكتاتور تۈزۈم، ئەنگلىيەلىك سىياسەتچى لورد ئاكتون (1834 – 1902) نىڭ «كۈچ زەئىپلەيدۇ، مۇتلەق كۈچ جەزمەن زەئىپلەيدۇ» دېگەن سۆزىگە چۈشىدۇ.

خىتاينىڭ گۈللىنىشى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇۋاپىق ئىچكى – تاشقى سىياسەتلىرى بىلەن بىرلىكتە روياپقا چىقتى. خىتاي، ئىقتىسادىي جەھەتتە گۈللىنىش بىلەن بىرگە ھەربىي ۋە پەن – تېخنىكا ساھەسىدىمۇ تېز سۈرئەت بىلەن تەرەققىي قىلدى. خىتاي دۇنياغا كېڭەيگەن ئىقتىسادىي، سودا ۋە ئېنېرگىيە مەنپەئەتلىرىگە چېتىشلىق پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنىمۇ يېڭىلىدى. تەرەققىي قىلغان خىتاي، دۇنياغا كېڭەيگەن مەنپەئەتلىرىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن تارىختىكى ئىمپېرىيالىستلارنىڭ كېڭەيمىچى سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزۈشكە مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ. خىتاي كېڭەيمىچى سىياسىتىنى يېقىنقى 500 يىل جەريانىدىكى غەربلىكلەرنىڭ كۈچ ئىشلىتىش ئۇسۇلى بويىچە ئەمەس، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. بۇنىڭ بىر ئۇسۇلى بولسا، يېڭى يىپەك يولى قۇرۇلۇشى لايىھەسىدۇر. قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدا بەرپا قىلىنىدىغان ئىككى يول ئارقىلىق خىتاي بىلەن ياۋروپا بازىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ۋە سودا كۈچىنى قولغا كىرگۈزۈپ، بۇ ساھەدە قائىدە – تۈزۈم قويۇش سالاھىيىتىگە ئىگە بولماقچى بولغان خىتاي، ئۈستقۇرۇلما مەركەزلىك بۇ قۇرۇلۇش ئارقىلىق، بېسىپ ئۆتۈش يولىدىكى دۆلەتلەرنى جەلپ قىلىشنى كۆزلىمەكتە. يېڭى يىپەك يولى بويىدىكى بەزى دۆلەتلەرنى قەرز بېرىش ئۇسۇلى بىلەن ئۆزىگە بېقىندۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. خىتاينىڭ دۇنيانى باشقۇرۇش ھەۋىسى ئۇنىڭغا قوشنا دۆلەتلەرنى ئەندىشىگە مۇپتىلا قىلىش بىرگە، دۇنيانىڭ چوڭ كۈچى بولغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىمۇ ساراسىمىگە سالماقتا. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى بۇنىڭ ئەكس ئېتىشىدۇر. خىتاي دۇنياغا يېيىلغانسېرى رايون ۋە دۇنياۋى مىقياستا خەلقئارا سىياسەت، ئىقتىساد ۋە خەۋپسىزلىك ساھەلىرى بويىچە يۈز بېرىدىغان توقۇنۇشلارنىڭمۇ چوڭقۇرلىشىش ئېھتىمالى بار.

يەريۈزىنىڭ مەركىزىدىكى دۆلەت (جۇڭگو) دېگەن تونۇشتىكى سىياسىي مەدەنىيەتكە ئىگە خىتاي، بۈگۈنكىدەك زامانىۋى چاغدىمۇ يەر يۈزى تۈزۈمى 天下秩序 Chinese World Order)) ۋە خاراچ تۈزۈمى (朝貢體系 Tribute System) نى يېڭىلاپ دۇنياغا سۇنماقتا. بۇ تۈزۈم ۋە سىستېمىنىڭ ئېتىمولوگىيەسى بولغان كۇڭزى پىكىرلىرىنىمۇ ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن دۇنياغا تونۇتۇشقا ۋە تارقىتىشقا تىرىشماقتا. بىراق، خىتاينىڭ بۇ تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى دېموكراتىيە تۈزۈمىدىكى دۇنيا دۆلەتلىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى قىيىن بولۇپ، توقۇنۇش يۈز بېرىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەش ئۇنچىۋالا قىيىن ئەمەس. خىتاينىڭ سىياسىي مەدەنىيىتىدە «دۇنيا» (Shijie 世界) دەيدىغان بىر ئۇقۇم يوق بولۇپ، بۇددىزمدىن ئېلىنغان «Shijie» دېگەن بۇ سۆز 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا غەرب ئېڭىدىكى «دۇنيا» (world) بىلەن تەڭداش مەنىدە ئىشلىتىلىشكە باشلىغان. بىراق، «دۇنيا» ئۇقۇمى «يەريۈزى» ئۇقۇمى بىلەن ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئىشلىتىلمەكتە. بۇ چېگىش تونۇشنىڭ، مىللىي دۆلەت مودېلى ئاساسىدا ھاسىل بولغان خەلقئارا سىستېما ۋە مەۋجۇت دۇنيا تۈزۈمى بىلەن، شۇنداقلا غەربنىڭ قىممەت – قاراشلىرى بىلەن زىتلىشىدىغانلىقى ئېنىقتۇر.